ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى "تۈكلۈك ئوغۇل" توي قىلدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-13كۆرۈلىشى : قېتىم

   "جۇڭگۇدىكى بىرىنچى تۈكلۈك ئوغۇل" يۈ جېنخۇەن توي قىلدى؛ ئىلگىرىكى قىز دوستىنىڭ بويى ئىگىز چىرايلىق بىر قىز ئىدى. بۇيىل 42ياشقا كىرىپ قالغان يۈ جېنخۇەن، مىكروبىلوگدا ئۆزىنىڭ توي خەۋرىنى ئېلان قىلىپ، ئايالى بىلەن ئىككىسىنىڭ تويلىشىش گۇاھنامىسىنىڭ رەسىمىنى تورغا چىقاردى؛ تويلىشىش گۇاھنامىسىنىڭ رەسىمىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئايالى 90-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغان بولۇپ، يۈ جېنخۇەندىن ساق 13ياش كىچىك ئىكەن.
   1977-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، يۈ جېنخۇەن لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ بىر چەت ياقا تاغلىق رايونىدىكى نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىسى ۋە تۇغۇت دوختۇرى ئۇنى كۆرۈۈپ قورقۇپ كەتكەن ھەمدە ھەيران قالغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، "ئۆزگىچە" كەلگەن بۇ بالا ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرپىدىن خەۋەر قىلىنىپ، ئۇ ھەققىدىكى خەۋەر جۇڭگۇنىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە تارقالغان ھەمدە جىننىس دۇنيارىكوتى تەرپىدىن "بەدىنىنىڭ تۈك بىلەن قاپلانغان يىرى ئەڭ كۆپ ئادەم" دەپ ئەنگە ئېلىنغان.

   تۈكلۈك بالىنىڭ ئىلگىرىكى قىز دوستلىرىمۇ بويى ئېگىز كەلگەن چىرايلىق قىزلار ئىدى. تۈكلۈك بالىنىڭ توي قىلغانلىق خەۋرىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ توردا 2000-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان كىچىك قىزلار بىلەن پاراڭلاشقانلىق سەلبى خەۋەرلىرىمۇ ئاشكارىلىنىپ چىقتى....ئۇنىڭ ئايالى بۇ خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كىيىن قانداق ئويلاردا بولغاندۇ؟

   يۈ جىنخۇەن گەرچە تۈكلۈك بالا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىلگىرىكى قىز دوستلىرىنىڭ ھەممىسى چىرايلىق كىلىشكەن قىزلار ئىدى. ئۇنىڭ تورغا چىقارغان توي سۈرەتلىرىمۇ يىڭى يۇرۇق نوقتىلارغا ئايلىنىپ، ئاز بولمىغان تورداشلار، تۈكلۈك بالا تاقىرباشلىق تەقدىرىدىن قۇتۇلالمىغۇدەك دىيىشتى.

   مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بىز ئەڭ ياخشىسى ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشماي، ئۇلارنىڭ بەخىتلىك بۇلۇشى ئۈچۈن گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيلى!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号