ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللار ياتلىق بولۇشنى ئويلايدىغان ئەر كىشى پەقەت بىر خىللا
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-22كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
    ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، قانداق بىر ئەركىشىگە ياتلىق بولۇش، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر تاللاش. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ مەسىلە ئۈستىدە، ئاياللار ئىنتايىن ئىھتىياتچان بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا قانداق تاللاش قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ.
    ئاياللار، توي تۇرمۇشىنى ھاياتلىقىدىكى بىر قېتىملىق دو تىكىش قىلىۋىلىشنى، يەنى ئۆزى يىڭىپ چىقىدىغان بىر مەيدان دو تىكىش قىلىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاياللارنىڭ بۇ خىل پىسخىكىسى ئىنتايىن نورمال ھەمدە ئاسانلا ئەرلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ۋە قوبۇل قىلىشىغا ئىرىشەلەيدۇ.
    ئاياللارنىڭ قانداق ئەركىشىگە ياتلىق بولۇشى، ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ كىيىنلىك تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاياللار توي تۇرمۇشىغا قەدەم قويغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ جىسمانى ۋە روھى ئەركىنلىكىنىڭ يېرىمىنى توي تۇرمۇشى ۋە ئائىلىسىگە بېغىشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، توي قىلغاندىن كىيىن، توي قىلىشتىن بۇرۇنقى  ئويلىغان خىياللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قۇرۇق خىيال ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا توي تۇرمۇشىغا تېىخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ ھەمدە ياخشى بىر ئەركىشىگە ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق، قانداق ئەركىشى ئاندىن ئاياللارنىڭ كۆڭلىدىكى ياخشى ئەر ھىسابلىنىدۇ؟ بۇنىڭغا نىسبەتەن، ھەربىر ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوخشىمايدىغان جاۋابلىرى بار.
-2-
    ئاياللارنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى ئەر كىشىنى بىكىتىش ئۆلچىمى، ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى توي تۇرمۇشىغا بولغان ئىھتىياجىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.
    بەزى ئاياللار پۇلدار كىلىشكەن ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە بۇنداق ئەرلەرنى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرالايدۇ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار بۇ خىل لايىق ئىزدىگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ مۇھەببەتكە بولغان ئىھتىياجى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، پەقەت قارشى تەرەپ ئۇلاردىن بىزارلىق ھىس قىلمىسىلا، ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلىپ قانائەت ھىس قىلىدۇ.
    ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ئەركىشىگە ياتلىق بولۇش بەخىت ھىسابلىنىدۇ؛ بۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى ئەركىشى ئوبرازى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بەلگىلىك دەرىجىدە ئۇلارنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنى قاندۇرالايدۇ ھەمدە بۇندىن كىيىنكى توي تۇرمۇشىنىڭ سۈپىتىنى، بولۇپمۇ ماددى جەھەتتىكى سۈپىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ. ئەكسىچە، مۇھەببەت جەھەتتە ئۇلارنىڭ تەلىۋى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس ؛ شۇڭا ئۇلار بۇ جەھەتتە بەك ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ.
    بەزى ئاياللار، ئىگىلىك تىپىدىكى ئالغا ئىنتىلىش روھى بار ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇنداق ئەرلەر تېخىمۇ جەلپكار ھىسابلىنىدۇ. ئۇلار ئەركىشىنىڭ خىزمەت قىلغان ھالىتىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇنداق ئەر كىشى بىلەن بىرگە بولسا، تۇرمۇش ئىزچىل تۈردە ئالغا بېسىۋاتقان ھالەتتە بولىدۇ.
    ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ خىلدىكى ئەرلەر ياخشى ئەركىشى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەركىشى دەل ئۇلار ئارزۇ قىلغان ئەركىشىدۇر؛ بۇنداق ئەرلەر ئۇلارغا توختىماستىن يىڭىلىق تۇيغۇسى ۋە ھاياجانلىق تۇيغۇسى ئېلىپ كىلەلەيدۇ، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بۇنداق ئەرلەر بىلەن بىرگە بولسا، ئۇ ئاياللار بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بار ھىس قىلىدۇ. ئىگىلىك روھى بار ئەرلەر، بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ نەزىرىدە سالماق تىپتىكى ئەركىشى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇنداق ئەرلەرنىڭ مۇھەببەت جەھەتتە كۆڭلى ئۆزگىرىپ كىتىشىدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ.
-3-
    يەنە بەزى ئاياللار ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى بىلدىغان ئەركىشىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەرلەرنى تاپماق تەس دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئەرلەر بىر ئىشلاردا ئەستايىدىل، قول تۇتۇپ ئىشلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك كىلىدۇ؛ ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىلدىكى ئەرلەر ئۇلارنى تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ.
    مۇھىم بولغىنى، ئاياللار كۆڭلىدە، بۇنداق ئەرلەرنى باشقۇرماق ئاسان دەپ ئويلايدىغان بولۇپ، ھۇرۇن، ئۆيدە غوجامدەك بولىۋالىدىغان ئەرلەرگە قارىغاندا ياخشى ئەر ھىسابلىنىدۇ دەپ بىلىدۇ. ئاياللار كۆڭلىدە، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئايال كىشىنى ھېچقانداق ئىش قىلغىلى قويماسلىقنى، ئەرلەرنىڭ ئايالىغا كۆيۈنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ.
    بىراق، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ كۆڭلىدە ھەقىقى ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغىنى، پەقەت بىر خىلدىكىلا ئەر كىشى. ئۇ بولسىمۇ، ئۇلارغا ئامراق قىلىپ ئۇلارنى سۈيىدىغان، مەيلى قانداقلا ۋاقىتتا بولمىسۇن، ئۇلارنى كىچىك بالا ئورنىدا كۆرۈپ يول قويىدىغان ئەر كىشىدۇر.
    ئاياللارنىڭ نەزىرىدە، ئەر كىشى ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىڭ ئىرى ۋە قوغدىغۇچىسى بولۇشى؛ تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ دادىسىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ خالىغانچە تەتۈرلۈك قىلىشقا ۋە يولسىزلىق قىلىشقا يول قويۇشى ھەمدە ئۇلارغا كەڭ قوساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى بەزلەپ ئامراقلىق كۆرسىتىدىغان بولۇشى كىرەك. ئەگەر بۇنداق بىر ئەر كىشىنى ئۇچرىتالىسا، ئايال كىشى گۆھەر تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ، ھەرگىز قولدىن چىقىرۋەتكىسى كەلمەيدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، بۇ خىل ھالەت، ئاياللارنىڭ پىسخىكىسى جەھەتتىكى پىشىپ يىتىلمىگەنلىكنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. بىراق ئۇلار شۇنى ئۇنتۇپ قالىدۇكى، مۇھەببەت بولسۇن ياكى تويلىشىش بولسۇن، ئىككى تەرەپ باراۋەر ئورۇندا تۇرىدۇ؛ پەقەت ھۇزۇرلىنىشنىلا ئويلاپ بەدەل تۆلەشنى خالىمىساق، بۇ مۇناسىۋەت ئىشەنچىلىك بولالمايدۇ.
    ئەرلەرمۇ ئاياللارنىڭ كۈيۈنىشىگە ۋە كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇھتاج، ھەتتا مۇھەببەت جەھەتتىكى ئاسرىشىغىمۇ مۇھتاج؛ بىراق، بۇنداق ئاياللارنىڭ مۇھەببەتكە بولغان تەلىۋى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، رىئال تۇرمۇشتا بۇنداق ياخشى ئەركىشىنى ئۇچرىتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.
-4-
    ئەقىللىق ئاياللار مەيلى مۇھەببەتكە ياكى تويلىشىشقا قارىتا بولمىسۇن، ئۇلار بۇنىڭ پەقەت تۇرمۇشنىڭ بىر قىسىمىلا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئادەم ئۆزىگە ئۆزى خوجا، شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشقا ۋە پۈتۈنلەي باشقىلارغا تايىنىۋىلىشقا بولمايدۇ.
   ئاتالمىش توي تۇرمۇشىدىكى بەخىتلىك ئايال كىشى، ئەمىلىيەتتە توي تۇرمۇشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھەببەتنىڭ ئىللىقلىقىدىن ھۇزۇر ئېلىۋاتقان ھەمدە ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号