ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
توي تۇرمۇشىدىكى ئەڭ قىيىن ھەم ئەڭ جاپالىق بولغان مەزگىل
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-14كۆرۈلىشى : قېتىم
    توي تۇرمۇشى بىر مەيدان چېنىقىش بولۇپ، بۇ جەرياندا بەخىت ۋە خۇشاللىق بار بولىدۇ؛ ئەلۋەتتە، ئازاپ-ئوقۇبەتلەرمۇ كەم قالمايدۇ. ئىككى ئادەم ئۇزۇن مەزگىل بىرگە ئۆتۈش جەريانىدا، ئوخشاش بولمىغان بۆلەكلەرنى باشتىن كەچۈرىدىغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى شىرىن ئاي مەزگىلىدىن ئۆز-ئارا ماسلىشىپ كۆنۈش باسقۇچىغا، كەينىدىن ئاددىيلىق باسقۇچىغا كىرىپ، بۇ ئۈچ مەزگىلنى تۇلۇق باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن ئاندىن تۇققانلىق ئەندىزىسىگە ئۆتۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىرگە ئۆتىدۇ. ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مىھرى-مۇھەببەتتىمۇ ئۆزگىرىش كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى شىرىن مۇھەببەت تەدرىجى يوقاپ، ئاخىرىدا تۇققانلىق مىھرىگە ئايلىنىدۇ. ئەمما بۇ ئۆزگىرىش جەريانىدا، ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىمۇ ھەرخىل سىناقلارغا دۇچ كىلىدۇ. بەزىدە، بىر ئېغىز ئويلاشمايلا قىلغان سۆز، كىلىشتۈرۈپ بولمايدىغان زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىپ، ئىككەيلەننىڭ ئايرىلىپ ئۆز يولىغا راۋان بولۇشلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن؛ يەنە بەزىدە بەزىبىر ئاددى ھەرىكەتلەرمۇ ئىككەيلەننىڭ ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىجىل ئىناق ئۆتىدىغان قىلىشى مۇمكىن. بىراق، توي تۇرمۇشىدا ئەڭ قىيىن ھەم ئەڭ جاپالىق بولغان بىر مەزگىل بار بولۇپ، ئەر-خوتۇنلار ئەگەر بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىسە، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاياغلىشىدۇ.
    ئەڭ قىيىن ھەم ئەڭ جاپالىق مەزگىل: ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا قىلىشقۇدەك گەپ يوق ھالىتىگە كىلىپ قېلىپ، ئەڭ تۇنۇش بولغان ناتۇنۇش ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
    ئارىدا ئورتاق پاراڭ تىمىسى ۋە قىلىشىدىغان گېپى بار بولۇش، مەيلى قانداق خىلدىكى مۇناسىۋەت بولمىسۇن، ھەممىسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم؛ بولۇپمۇ ئەر-خوتۇنلارغا نىسبەتەن، ئورتاق پاراڭ تېمىسى بار بولۇش، ئوتتۇرلۇقتىكى ھىسياتنى ساقلاشتىكى مۇھىم بىر تۈگۈن. ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا ئەگەر ئورتاق پاراڭ تىمىسى يوق بولۇپ قالسا، ئۇلار ياخشى بولغان پىكىرلىشىش پۇرسىتىنى يوقىتىپ قويۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئوي-خىياللىرىنى ۋاقتىدا چۈشىنىپ يىتەلمەيدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك، ئەر تەرەپ كۆڭلۈمنى چۈشەنمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ، ئايال تەرەپ بولسا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئىرىشەلمىگەن ھىس قىلىدۇ. ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن، بىر خىل سۇغۇق كەيپىياتقا ۋە سۈكۈت ئىچىگە چۆمگەن ئۆي ئىچىدە، ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى ۋە ئۇۋالچىلىقلىرىنى تەڭ بەھىرلىنىدىغان ئادەم تاپالماي، قەلبى بىر خىل بوشلۇق ۋە قۇرۇقچىلىق ھىس قىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەر كىشى ئالا كۆڭۈللۈك قىلىپ، سىرتقا چىقىپ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان ئادەم ئىزدەيدۇ. ئايال كىشى بولسا، ئەر كىشىنىڭ كۈيۈنۈشى ۋە كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇھتاج بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىمۇ قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ كىتىدۇ. ئەگەر بۇ قىيىنچىلىق مەزگىلىدىن ئۆتۈپ كىتەلمىگەندە، كىيىنكى كۈنلەرنى چىرايلىقچە ئۆتكۈزۈش تېخىمۇ تەسكە توختاپ، ئاخىرىدا ئاجرىشىش بىلەن ئاياغلىشىدۇ.
    بالىغا تايىنىپ، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى پىكىرلىششى كۆۋرۈكىنى قۇرۇپ چىقىش
   ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق باغلىنىشلىق يوق ئەمەس؛ بالا، ئوتتۇرلۇقتىكى ئەڭ ئەمىلى باغلىنىش نوقتىسى بولۇپ، ئىككەيلەننىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى بىر-بىرىگە باغلاپ، ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەيدۇ. بالا ئۆز بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەر-خوتۇنلار ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى زۈرۈر؛ شۇڭا ئادەتتە، بالىنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، ئورتاق پاراڭ تېمىسى بولمىسا، بالىنى تەربىيەلەش، بالىنىڭ جىسمانى ۋە پىسخىكىلىق جەھەتتىكى ئۆسۈپ يىتىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئورتاق پاراڭ تېمىسى پەيدا قىلساق بولىدۇ. بەزىدە، باشلىنىشنى شۇنداقلا باشلىۋالساق، ئاخىرىدىكى مەسىلە مەسىلە ھىسابلانمايدۇ؛ چۈنكى، مۇناسىۋەت ھەرقانچە ناچار بولسىمۇ، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدا ئازدۇر-كۆپتۇر مىھرى مۇھەببەت بار بولىدۇ، بالىسىغىمۇ ئوخشاشلا كۈيۈنىدۇ. ئەلۋەتتە، بالا پەقەت كۆۋرۈكلۈك رولىنىلا ئوينىيالايدىغان بولۇپ، ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ؛ بالا پەقەت بىر پۇرسەت تەمىنلەپ بىرىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى يەنىلا ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ قەلب دەرۋازىلىرىنى تۇلۇق ئېچىۋەتكەن ئاساستا ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا باغلىق بولىدۇ. بۇنىڭدا، ئارىدىكى مۇناسىۋەت ئاستا-ئاستا ئەسلى ھالىتىگە قايتىشقا ياكى چوڭقۇرلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. 
    توي تۇرمۇشىدا، مۇناسىۋەتنى قانداق ساقلاش مۇھىم بولۇپ، پەقەت ئەر-خوتۇن ئوتتۇرلۇقىدىكى مۇناسىۋەتنى ساقلاش تاكتىكىلىرىنى ئىگەللەپ، زىددىيەت شەكىللىنىشتىن ئۈنۈملۈك ھالدا ساقلانغان ۋاقىتتا، ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتى ئاندىن تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ ئۆتىمەن دىسەك، پىكىرلىشىش، كەڭ قوساق بولۇشنى چوقۇم ئۆگىنىشىمىز كىرەك. پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا، ئاندىن يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەن توي تۇرمۇشىدىكى ئەڭ جاپالىق ۋە ئەڭ قىيىن بولغان مەزگىلنى ئوڭۇشلۇق ھالدا يىڭىپ چىقىپ، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇپ كەتكىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号