ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇش ئۈچۈن 40يىل يۇيۇنمىغان بوۋاي
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-14كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھىندىستانلىق 70ياشلىق بىر ئەر، ئۇنىڭ ئىسمى كىراش.سىنگىر؛ ئۇنىڭ يۇيۇنۇپ باقىمىغىنىغا 42يىل بولاي دەپ قالغان بولۇپ، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ سېسىق پۇرايدىغان ئادەم دىيىشكە بولىدۇ. ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇنىڭ بەدىنىدىكى سېسىق پۇراققا چىدىيالمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئاسانلىقچە يېقىنلىشالمايدىكەن.
    ئۇنىڭ بۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت يۇيۇنماسلىقىنىڭ سەۋەبى، بىر پوپ ئۇنىڭغا، ئىزچىل تۈردە يۇيۇنماي بەرداشلىق بىرىپ ئۆتسە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما كۈلكىلىك بولغان يىرى، سىنگىر بەدىنىدىكى سېسىق پۇراقلارغا بەرداشلىق بىرىپ، ئىزچىل تۈردە يۇيۇنماي كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا كەينى-كەينىدىن 7قىز پەرزەنتلىك بولغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا چىدىيالماي قالغان، ئەمما ئۇ يەنىلا، ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغۇچە يۇيۇنماي بەرداشلىق بىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
    ئۇنىڭ ئايالىنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئىلگىرى ئىرىنى يۇيۇنۇشقا مەجبۇرلاپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ئىرى ھەرقېتىم ياكى قارشىلىق كۆرسىتىپ ۋە ياكى قېچىپ كىتىپ، يۇيۇنغىلى ئۇنىمىغان، ھەتتا ئۆلسەممۇ يۇيۇنمايمەن دەپ جار سالغان، ئايالىمۇ ھازىر بۇنىڭغا كۈنۈپ قالغان.
   ئۇ ھەر كۈنى كەچتە، يېنىدا بىر داس چوغ قويۇش ئارقىلىق بەدىنىدىكى تەرلەرنى قۇرۇتقان. ئەمما بۇ خىل ئۇسۇل ئۇنىڭ بەدىنىدىكى غەلىتە پۇراقنى يوقىتالمىغان. ئۆيىدىكىلەر ئۇنى يۇيۇنۇشقا دەۋەت قىلىپ يالۋۇرسىمۇ، ھەتتا ئايالى ئاجرىشىپ كىتىمەن دەپ تەھدىت سالسىمۇ كار قىلمىغان.
    ئۇنىڭ كىچىك قىزى 16ياشقا كىرگەن بولۇپ، دادىسىنىڭ غەلىتىلىكى سەۋەبىدىن، ئۇ ھەمىشە مەكتەپتە باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدىكەن. بۇ سەۋەپلىك، قىزلىرى ئۇنىڭ بىلەن دادا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزگىلى تاسلا قالغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号