ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللارنىڭ قورالى مۇلايىملىق، ئەرلەرنىڭچۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-04-14كۆرۈلىشى : قېتىم
   سىزمۇ بەلكىم ئاڭلاپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىنى، كۆپىنچە پۇل ئارقىلىق سېتىۋىلىش كەتمەيدۇ؛ مەسىلەن قۇياش نۇرۇى، مەسىلەن شەبنەم، مەسىلەن ھاۋا، مەسىلەن سالامەتلىك... .... يات جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتى ئارىسىدىمۇ، ئوخشاشلا نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى پۇل ئارقىلىق سېتىۋىلىش كەتمەيدۇ. قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىللەردە، ئەرلەر ئاياللارنىڭ مۇلايىملىقلىرى ئىچىگە چۆكۈپ كىتىپ، ئۆزىنى تارتىۋالالماي، ئەڭ تېتىقسىز گەپلەرنىمۇ ئىنتايىن قىزىقارلىق ھالەتلەردە ئېيتالايدىغان كىلىدۇ.
    توغرا، مۇلايىملىق، ئايال كىشىنىڭ بىر ئەر كىشىنى بويسۇندۇرىدىغان قورالى؛ ئۇنداقتا، ئەرلەرنىڭ ئايال كىشىنى بويسۇندۇرىدىغان قورالى نىمە؟ پۇل-بايلىقمۇ؟ لىكىن، نۇرغۇنلىغان پۇلى يوق نامرات ئەرلەرمۇ ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالالايدۇ، ھەتتا مۇكەممەل مۇھەببىتىگە ئىرىشىپ تويلىشىش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ. ئەرلەرنىڭ ئەڭ بىۋاستە بولغان قورالى، ئەمىلىيەتتە پۇل-مال ياكى بايلىق ئەمەس؛ ناھايىتى تىز ئۈنۈم كۆرۈپ، ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئاسانلا ئۇتىۋالىدىغىنى، ئەرلەرنىڭ ۋەدىسىدۇر.

ئاياللار ھىسي تۇيغۇغا تايىنىدىغان جانلىق بولۇپ، ئۇلار ۋەدىنىڭ گۈزەللىكىگە ئىشىنىدۇ
    ۋەدە، %100ئەمەلگە ئاشمىسىمۇ بولىدۇ؛ بىراق، ۋەدە بەرگەن شۇ پەيتتە، ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىنى تىزلەشتۈرەلەيدۇ.
   بۇ ۋاقىتتا بەلكىم بەزى ئاياللار دىيىشى مۇمكىن: مەن ئاللبۇرۇن قولۇقۇمغا تايىنىپ  مۇھەببەتنى ھىس قىلىدىغان ياشتىن ئۆتۈپ كەتتىم. بىراق، ھەرقانچە بۇنداق دىگەن بىلەن، توغرا بولغان ئاشۇ ئادەمنى ئۇچراتقان ۋاقىتتا، يۈرەكلەر يەنىلا ئويناقشىشقا باشلايدىغان بولۇپ، بەزىدە ھەتتا بىر ئېغىز ۋەدە ئۈچۈن، بارلىق قائىدە-پىرىنسىپلارنى ئۇنتۇپ كىتىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى، بۇ دىگەن مۇھەببەت؛ بۇ دىگەن، ئاياللارنىڭ مۇھەببەتكە كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالالمايدىغان قىززىققان خارەكتىرى.

   ۋەدىنى دەرھال ئەمەلگە ئاشۇرۇش كەتمەيدۇ، ئەمما شۇنىڭغا ماس سەمىمى بىر قەلب ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىش ئىرادىسى بار بولۇش كىرەك؛ ۋەدىنى پۇلغا سېتىۋىلىش كەتمەيدۇ، ئەمما، ئاياللارنىڭ قەلب قېتىغا بېرىپ تىگىدۇ، ئاياللارنى ئۆز رازىلىقى بىلەن سىز ئۈچۈن مەجنۇن بولۇشنى ۋە ئەڭ گۈزەل بولغان ياشلىق مەزگىللىرىدە، سىز بىر ئادەمنى ساقلاپلا ئۆتۈشنى خالايدىغان قىلىدۇ.
    "دېڭىزلار قۇرۇپ كەتسمۇ، مۇھەببىتمىز ئۆچۈپ قالمايدۇ"، "سىز ئۈچۈن جېنىمنى قۇربان قىلىشقا رازىمەن"، "سىز بىلەن ئۆمۈر بويى قول تۇتۇشۇپ ئۆتسەم دەيمەن"... ...؛ بىر-بىرىدىن دەبدەبىلىك كەلگەن ۋەدىلەر، مەيلى ئەر كىشى قىلغان ۋەدە بولسۇن ياكى ئايال كىشى بەرگەن ۋەدە بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئايال كىشىنىڭ قەلب قېتىدىكى ئەڭ گۈزەل مۇھەببەتكە بولغان ئىنتىلىشىدۇر.

ئەرلەرنىڭ ۋەدىسى، ئاياللارنى ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمان قىلىدۇ
    ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ھاياتلىق قىسقا بىر مۇساپە، مۇھەببەت ئىزچىل تۈردە ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتمەيدۇ؛ بىراق، ئايال كىشى مۇھەببەت جەريانىدا، ئەر كىشىنىڭ قەلب يۇرۇتقۇچى بىر چىراققا ئايلىنىپ، ئايال كىشىنى ۋەدىنىڭ شۇنداق گۈزەل، كەلگۈسىنىڭ شۇنداق ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
    ئايال كىشىمۇ ئادەتتىكى بىر ئادەم، ئاسماندىن چۈشكەن پەرىزات ئەمەس؛ بىراق ئۇلار يەنىلا، ئۆزىنىڭ ئۇ ئەر كىشىنىڭ بىردىنبىر ئايال كىشىسى، ئۇنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمى، ئۇنىڭ قەلبىدىكى پەرىزاتى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەر كىشىنىڭ ۋەدىسى، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى خام-خىيالىنى قانائەتلەندۈرىدۇ؛ مۇھەببەت سەۋەبىدىن، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەسلىدە بۇنچىلىك مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ ھەمدە ئۆز رازىلىقى بىلەن، سىزگە بىر ئۆمۈر ئەگىشىكە قەتئى بەل باغلايدۇ.
   ئەرلەرنىڭ ۋەدىسى، ئايال كىشىنى VIP ئالاھىدە ئىمتىيازىدىن بەھىرلەندۈرىدۇ؛ ئۇ ئىمتىياز پەقەت بىر كارتىلا بولۇپ، تېخى ئىستىمال قىلىنمىغان ۋە ياكى قىممىتى تېخى  ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ، ئاياللار يەنىلا بۇنىڭ ئۈچۈن چەكسىز خۇشاللىق ھىس قىلىدۇ. چۈنكى، قەلبىدە ئۈمىد بار بولۇش، ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.
ۋەدە، ئەڭ گۈزەل بولغان مۇھەببەت سۆز، ئەمما ئەرلەر ئېغىزىڭىزدىلا سۆزلەپ ئولتۇرماي، ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىمۇ تىرىشىڭ
    ناھايىتى ئاددى ھەم تومتاقلا كەلگەن "مەن سىزنى سۈيىمەن" دىيىشكە قارىغاندا، نۇرغۇنلىغان كونتكىرتنى كەلگەن ۋەدىلەر، كۆپىنچە ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت سۆزلىرى ھىسابلىنىدۇ. ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدۇر. شۇڭلاشقا، كۆڭلىدە مۇھەببىتى بار بىر ئەركىشى، ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر قورالىدىن پايدىلىنىشنى بىلىپلا قالماي—يەنى، ئاياللارغا ۋەدە بىرىشكە جۈرئەت قىلىپلا قالماي، بۇندىن باشقا يەنە، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كىرەك.
    كىشىلىك ھايات ئاچچىقى نىسبەتەن كۆپرەك كىلىدۇ، ئەمما مۇھەببەت شىرىنلىككە تولغان بولىدۇ. سىزنىڭ مۇھەببەت قوغلىشىش جەريانىدا، ۋەدە بىرىشكە جۈرئت قىلالىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز؛ مۇھەببەتنى قوغلىشىپ قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن، سىزنىڭ ئۆز ۋەدىلىرىڭىزنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنداق قىلالىسىڭىز، سىز شۈبھىسىزكى، ئەرلەر ئارىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئاياللار قەلبىدىكى مۇكەممەل ئەپەندىمگە ئايلىنالايسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号