ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بىر ئەر كىشىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ بۇ ئىشلاردىن ساقلىنىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-31كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىر ئەر كىشىنى قانچە ياخشى كۆرگەنسىرى، ئايال كىشى شۇنچە ئاسان پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن قارشى تەرەپكە ياىشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ، ناھايىتى ئوڭايلا ئاخىرىقى چەك پىرىنسىپىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئادەم پەقەت ئاۋال ئۆزىنى ياخشى سۆيەلىگەندىلا، ئاندىن باشقىلارنى سۆيەلەيدۇ. شۇڭا ئادەتتە، بىر ئەركىشىنى ياخشى كۆرگەنسىرى، تۆۋەندىكىدەك ئىشلارنى قىلىپ سېلىشتىن شۇنچە ساقلىنىش كىرەك.
ئۆزىنى بەك تۆۋەن تۇتىۋالماسلىق
    ئاياللارنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقان ھالىتى، ناھايىتى كۈرۈمسىز بولىدۇ. سىز ئىنىقلا شۇنداق چىرايلىق تۇرسىڭىز، ئىنىقلا شۇنداق ئىپتىخارلىق ئىچىدە يۇقىرى ماقامدا ياشىيالايدىغان تۇرسىڭىز، يەنە نىمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى تۆۋەن تۇتۇپ، بىر ئەر كىشىگە بېقىندى بولۇپ قالىسىز؟ شۇنى ئىسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭكى، ئەر كىشىنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنى ھەرگىز تۆۋەن ئورۇنغا قويۇۋالماڭ؛ بولمىغاندا، سىز ئويلىغان ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيلا قالماستىن، ئۇ ئەرمۇ سىزنىڭ قەدرىڭىزنى قىلمايدۇ.
گۇمانلانماسلىق
    بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولماسلىق، ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. ئۇلار قارشى تەرەپنى بەك ياخشى  كۆرۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەمىشە پايدا-زىياننى ۋە ئىرىشىش، ئايرىلىش دىگەنلەرنى ئويلاپ، ھەمىشە قالايمىقان خىياللاردا بولىدۇ. ئەگەر بىر ئەركىشى ھەمىشە سىزنى خاتىرجەمسىزلەندۈرسە ھەمدە سىزگە بىرەر چۈشەنچە بىرىشىنىمۇ ئويلاشمىسا، ئۇنداقتا بۇنداق ئەركىشىدىن بالدۇرراق ئايرىلىپ كەتكىنىڭىز ياخشىراق بولىدۇ. چۈنكى، سىز ھەمىشە قارشى تەرەپتىن گۇمانلىنىپ، ئۇ توغرىسىدا قالايمىقان ئويلاپ ئۆتسىڭىز، ئەركىشىگە نىسبەتەن بۇ بىر ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. ئەگەر ئۇ سىزنىڭ ياخشى كۆرىشىڭىزگە ئەرزىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن گۇمانلانماي، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭ. ئەمما سىز ھەمىشە ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ ئۆتسىڭىز، ئەر كىشى ھامان بىر كۈنى سىزنى تاشلاپ كىتىپ قالىدۇ.
ئاخىرىقى چەك پىرىنسىپىنى يوقىتى قويماسلىق
   بەزى ئەرلەر ئاياللارغا ئەسلا ياخشى مۇئامىلە قىلماي، ھەدىسىلا ئۇلارنىڭ ئاخىرىقى چەك پىرىنسىپلىرىنى دەپسەندە قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى دەپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇشنى ئويلاپ، ھەمىشە ئاخىرىقى چەك پىرىنسىپىڭىزنى يوقىتىپ ئۇنىڭغا بىر تەرەپلىمە ھالدا يول قويۇپ ئۆتسىڭىز، ئەر كىشى سىزنى تەدرىجى ھالدا ياراتمايدىغان ھەمدە نەزىرىگە ئىلىپمۇ قويمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
خىزمەتنى تاشلىۋەتمەسلىك
    بەزى ئەرلەر ئايال كىشىنىڭ سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلىشىنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، ئايال كىشى ئۆينىڭ ئىشىنى قىلىپ بالا بېقىپ ئۆتسىلا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بەزى ئاياللار بولسا، بۇنداق ئەر كىشىنى دەپ ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن ۋاز كىچىپ، ئۆيدە بالىسى بىلەن ئىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۆتۈشنى تاللايدۇ. بىلىشىڭىز كىرەككى، بىر ئايال كىشىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتىدىن كىلىدىغان بولۇپ، خىزمەت قىلىش بولسا، ئۇنىڭ ئۆز قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى بىر ئۇسۇلى. شۇڭلاشقا، ئايال كىشى بىر ئەركىشىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرگەن تەقدردىمۇ، خىزمىتىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىكى كىرەك. بۇنىڭدا ئۇلار يىتەرلىك ئىشەنچكە ئىگە بولالايدۇ، ئەرلەرمۇ ئۇلاردىن خالىغانچە ئايرىلىپ كىتىشكە پېتىنالمايدۇ.
ئائىلىسىدىكىلەردىن ۋاز كەچمەسلىك
   بىلىشىڭىز كىرەككى، دۇنيادىكى ئەڭ ھەقىقى بولغان مۇھەببەت، تۇققانلىق مىھرى مۇھەببىتىدۇر. سىز بىر ئەر كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقىتىڭىزدا، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەلۋىلىك قىلىپ، بەزىدە ئائىلىڭىزدىكىلەردىنمۇ ۋاز كىچىدىغان ھالەتكە يىتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق شۇنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭكى، بۇ دۇنيادا سىزنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغانلار، سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەردۇر؛ ئەر كىشى سىزگە ساتقىنلىق قىلىشى، سىزدىن يۈز ئۆرىشى مۇمكىن، بىراق سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەر مەڭگۈ سىزدىن يۈز ئۆرىمەيدۇ، سىزدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号