ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللارنى ئۈمىتسىزلەندۈرىدىغىنى ئەرلەرنىڭ بۇ ئالتە خىل قىلمىشى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-20كۆرۈلىشى : قېتىم
    توي قىلغان ۋاقىتتا، ھەممە ئايال كىشى بەخىتكە بولغان ئىنتىلىشى ۋە خىيالى ئىچىدە، ئەر كىشى بىلەن بىرلىكتە توي تۇرمۇشىغا قەدەم قويىدۇ. ئەمما رەسمى توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ شىرىن خىياللىرى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ. تويلىشىش تۇرمۇشى، ئەزەلدىن ئاياللار ئويلىغاندەك ئۇنداق گۈزەللىككە تولغان ئەمەس بولۇۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئالمىشىدىغىنى، تۇرمۇشتىكى ھەر خىل چەككۈ-چۈككە ئىشلار ۋە ئەر كىشىنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كىلىدىغان كۆڭۈل ئازارى ۋە ئۈمىدسىزلىكلەر بولىدۇ.
    توي مۇناسىۋىتى ئىچىدىكى ئايال كىشى، ھەمىشە ئەرلەرنىڭ قىلمىشىدىن قاقشاشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ئۇلارنى بەك ئۈمىتسىزلەندۈرگەنلىكىدىن ئاغرىنىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئاياللارنى ئەڭ ئۈمىتسىزلەندۈرىدىغىنى، ئەرلەرنىڭ تۆۋەندىكى ئالتە خىل قىلمىشىدۇر.
ھەمىشە ئايالىنى ياراتماي، ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلىش
    بەزى ئەرلەر ھەمىشە ئاياللار قانائەت قىلىشنى بىلمەيدۇ، بىزنى ياراتماي بىزدىن بىزارلىق ھىس قىلىدۇ دىيىشىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، نۇرغۇن ئەرلەرمۇ دەل مۇشۇنداق كىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ئايلىنى ياراتمايدۇ ھەم ئۇلارنى توختىماي ئەيىبلەيدۇ؛ مەسىلەن، باشقىلاردە چىرايلىق ئەمەس دەيدۇ، تاماقنى ئوخشىتىپ ئىتەلمەيدۇ دەيدۇ، ياكى قالايمىقان پۇل خەجلەيدۇ دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئۇلار ئايالىنى ياراتماي، ئۇنىڭغا قارىتا بىزارلىقنى ئىپادىلەپلا قالماي، يەنە تېخى ئۇلارغا ھاقارەت قىلىپ، ئۇلارغا زوراۋانلىق ئىشلىتىدۇ.
بىكار تەلەپ بولىۋىلىش ھەمدە ئۆيدە ھېچقانداق ئىش بىلەن چاتىغى بولماسلىق
    ئاياللارنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى، پۇل تېپىپ ئائىلىنى بېقىش ئىقتىدارى يوق، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يا بالىغا قارىشىپ بىرىشنى خالىمايدىغان ياكى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىشنى خالىمايدىغان ئەر كىشىدىن بىرنىڭغا ئۇچراپ قېلىشتۇر. بۇنداق ئەر كىشىگە ئۇچراپ قالغاندا، ئائىلىنىڭ ئىچى تېشىدىكى بارلىق ئىشلار ئايال كىشى بىر ئادەمنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەركىشىدىن ئەسلا ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئايال كىشى قانداقمۇ ئۈمىتسىزلەنمەي تۇرالىسۇن؟
ئايالىغا سۇغۇق مۇئامىلىدە بولۇش ھەمدە ئايالىغا كۈيۈنمەسلىك
    توي تۇرمۇشىدا، بەزى ئەرلەر ئايالىغا ئىنتايىن سۇغۇق مۇئامىلىدە بولىدۇ، ئەزەلدىن ئايالىنىڭ ئىھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئايالىغا ئىچ ئاغرىتىشنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. ئايالى ئاغرىپ قالسا، ئۇ ئايالىنى جېنى ئاجىز دەيدۇ؛ ئايالى ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە ئېلىپ بىرىشنى سورىسا، ئۇ ئايالىنى ئىشى جېق دەپ ئاغرىنىدۇ. بۇنداق ئەرلەر ئايالىغا كۈيۈنۈشنى ئازراقمۇ بىلمەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت ئۆزىلا بار بولىدۇ.
ھەمىشە كونا ھىسابنى كۆتۈرۈپ چىقىش
    مەيلى ئايال كىشىنىڭ تويدىن ئىلگىرىكى مۇھەببەت تارىخى بولسۇن، ياكى تويلاشقاندىن كىيىن ئۆتكۈزۈپ سالغان بەزىبىر خاتالىقلىرى بولسۇن، ئاز بولمىغان ئەرلەر ھەدىسىلا بۇ خىل كونا ھىساب-كىتابلارنى كۆتۈرۈپ چىقىرىپ، ئايالىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق ئاداۋەت ساقلايدىغان، ئايالىنىڭ ئۆتمۈشىنى سۆرەپ چىقىدىغان ھەمدە كەڭ قوساق بولۇشنى بىلمەيدىغان ئەر كىشى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەندە، ئەر كىشى ھەر بىر قېتىم بۇنداق قىلغاندا، ئايال كىشىنىڭ يۈرىكى بىر قېتىم ئۆلىدۇ.
ئايال كىشىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى دەپ بىلىش
    ئىشەنچىلىك بولغان بىر ئەر كىشى، ھەمىشە ئايالىنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىگە ۋە سىڭدۈرگەن ئەجىرلىرىگە قارىتا مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ساقلايدۇ ھەمدە پۈتكۈل تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئايالىغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بىرىشكە ئۇرىنىدۇ. لىكىن بەزىبىر ئەرلەر باركى، ئۇلار ھەمىشە ئايالىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى دەپ ئويلىۋالىدۇ؛ يەنى، مەن بىلەن بىللە جاپاغا قېلىشى ھەقلىق، تىجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ھەقلىق، ئۆزىدىن ھېچقانداق ئۈمىد كۈتمەسلىكنىمۇ ھەقلىق دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئەرلەر، ئايالىدىكى مۇھەببەتنى ناھايىتى تىزلا خورىتىپ تۈگىتىۋىتىدۇ.
ئايالىنى قايرىپ قويۇپ، باشقا ئاياللار بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ يۈرۈش
    ھېچقانداق بىر ئايال كىشى، ئىرىنىڭ ئۆزىگە ساداقەتمەن بولماسلىقىغا چىداپ بولالمايدۇ. ئەگەر ئەرلەر ئايالىنى يوقنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ، باشقا ئاياللار بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ تالاغا قارىسا، ئايال كىشىنىڭ كۆڭلى بىراقلا سۇۋۇپ، ئىرىدىن كۆڭلى قالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، ئايال كىشى ئىرىنى ناتۇنۇش ھىس قىلىپ، ئۇنى قايتا كۆرەرگە كۆزى قالمايدۇ.
    ئاياللار ھەقىقەتەن تويلىشىشقا قارىتا بەك چوڭ ئۈمىد باغلىۋالماسلىقى كىرەك؛ ئەمما ئەرلەرمۇ ھەمىشە ئايالىنى نائۈمىد قالدۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم. ئاياللار ئۆزىنىڭ گۈل غۇنچىسىدەك ۋاقىتلىرىدا، ئۆيىدىكىلىرىدىن ئايرىلىپ ئىرىگە ياتلىق بولىدۇ؛ شۇڭا ئەر كىشى ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئاياللارنى ئۈمىتسىزلەندۈرمەسلىكى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号