ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-18كۆرۈلىشى : قېتىم
   يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز تېتىپ قالىدۇ؛ ئوخشىغان تاماق، پۈتۈنلەي سىزنىڭ تۇزنى تەڭشەش سەۋيىڭىزگە باغلىق بولۇپ، سىزنىڭ پۈتكۈل تەم سىزىم ئەزالىرىڭىزنى غىدىقلاپ قوزغىتىدۇ.
    ئۇنداقتا قورىما قورىغان ۋاقىتتا، بىز زادى قايسى ۋاقىتتا تۇز سالساق مۇۋاپىق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ بەزىلەر تۇزنى ئاۋال قوشقان ياخشى، بۇنىڭدا تۇز يىمەكلىكنىڭ ئىچىگە پۈتۈنلەي سىڭىپ كىرىپ، قورۇما تېخىمۇ تەملىك چىقىدۇ دىيىشىدۇ؛ يەنە بەزىلەر بولسا، تۇزنى كەينىدە قوشقان ياخشى، بەك بۇرۇن قوشىۋەتسەك يىمەكلىكنىڭ ئۇزۇقلۇق مىقدارىنىڭ ئېقىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دىيىشىدۇ.
قورۇما قورىغاندا تۇزنى باشتا قوشۇش كىرەكمۇ ياكى ئاخىرىدا قوشۇش كىرەكمۇ؟
    ئەمىلىيەتتە، تۇزنى ئارقىدىراق قوشقان ياخشى. چۈنكى، ئەگەر تۇزنى باشلىنىشتىلا قوشساق، گەرچە تۇز يىمەكلىككە پۈتۈنلەي سىڭىپ كىرىپ، يىمەكلىك تېخىمۇ تەملىك چىقسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرگە يىڭى بىر مەسلە پەيدا بولىدۇ؛ ئۇ بولسىمۇ، كىشىلەرگە قورىمىنىڭ تۇزى تېتىمىغاندەك بىلىنىپ قېلىپ، سالىدىغان تۇزنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئادەتتە بەدەنگە قوبۇل قىلىنىدىغان تۇز مىقدارى نورمىدىن ئېشىپ كىتىپ، سالامەتلىككە تەسىر يىتىدۇ.
    ئەگەر بىز قورۇما قورۇشنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچلىرىدا ئاندىن تۇز قوشۇپ تەم تەڭشىسەك، بۇ ۋاقىتتا تۇز تەركىبى يىمەكلىكنىڭ سىرتقى يۈزىگە يېپىشىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، تىلىمىزدىكى تەم سەزگۈ ئورگانىزىملىرى تۇزنىڭ تەمىنى تېخىمۇ تىز تېتىپ يىتەلەيدۇ ھەمدە يىگەن قورىمۇمۇ تۇزسىزدەك بىلىنمەيدۇ. شۇڭا تۇزنى ئاخىرىقى باسقۇچتا قوشۇش، تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارىنى قەتئى تۈردە كونتىرول قىلمىسا بولمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن يامان ئەمەس بىر خىل تاللاش ھىسابلىنىدۇ.
قورۇما قورىغاندا تۇزنى بەك كۆپ قۇشۇۋەتسەك سالامەتلىككە زىيانلىق
   ئەگەر بەدەنگە قوبۇل قىلغان تۇز مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئادەم بەدىنى ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ چۈنكى، تۇز تەركىبىدە ناترى ئىئونى بار بولۇپ، ئەگەر بەك كۆپ ناترى ماددىسى بەدەنگە قوبۇل قىلىنسا، ئادەم بەدىنىنىڭ سۇ تەركىبى تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇۋىتىپ، قان ئېقىش بېسىمىنى ئاشۇرۋىتىدۇ ھەم بۇ سەۋەپلىك يۇقىرى قان بېسىمى كىسەللىكى پەيدا قىلىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە بەدەندىكى سۇ تەركىبىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئېقىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان قويۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك كىسەللىكى، سەكتە قاتارلىق يۈرەك-مىڭە قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرۋىتىدۇ.
   "جۇڭگۇ ئاھالىلىرى يىمەكلىك ئۇزۇقلۇق ماددا قوبۇل قىلىشتىكى پايدىلىنىش مىقدارى" قوللانمىسىدا تەۋسىيە قىلىنىشىچە، قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك يىمەكلىك تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى 6گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك ئىكەن. بىراق ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ تۇز ئىستىمال مىقدارى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۆلچەمدىن %75ئەتراپىدا ئېشىپ كىتىدىكەن؛ مۇنداقچە ئېلىپ ئېيتقاندا، كۈندىلىك يىمەكلىك تۇز ئىستىمال قىلىش مىقدارى 10.5گىرامدىن ئېشىپ كىتىدىكەن.
    شۇڭا ئادەتتە يىمەك ئىچمەك جەھەتتە، تۇز ئىستىمال قىلىش مىقدارىنى ئىمكان قەدەر ئازايتىشقا تىرىشىش كىرەك، بولمىغاندا يۇقىرى قان بېسىمى كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە بىر نوقتىمۇ بىر قەدەر مۇھىم، ئۇ بولسىمۇ، يىمەكلىك تۇز ئىستىمال قىلىش مىقدارىنى ئازايتىشتىن باشقا، تەركىبىدە ناترى بار بولغان باشقا تۈردىكى خۇرۇچ ماتىرياللىرىنىمۇ ئازراق ئىشلىتىشكە دىققەت قىلماق لازىم.
    تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان خۇرۇچ ماتىرياللىرىدىن، جىياڭيۇ، توخۇ جەۋھىرى(جىجىڭ)، پۇرچاق بوتقىسى قاتارلىقلار بار بولۇپ، قارىماققا ئاددىيلا خۇرۇچ ماتىرياللىرى بولغان بىلەن، ئەمىلىيەتتە ھەممىسىلا يۇقىرى تۇز تەركىبلىك ماتىرياللاردۇر؛ بۇ خۇرۇچ ماتىرياللىرىنى دائىم ئىشلەتكەندە، يىمەكلىك تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى ئەلۋەتتە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتىكى يىمەكلىك تۇز ئىسىتمال مىقدارىغا دىققەت قىلىپلا قالماي، باشقا تۈردىكى يۇشۇرۇن ھالەتتىكى تۇز ئىستىمال مىقدارىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلماق لازىمدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号