ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاشىق-مەشۇقلار ئايرىلىپ كەتكەندە قايسسى بەكرەك ئازاپلىنىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-06كۆرۈلىشى : قېتىم
     مۇھەببىتى ھەرقانچە دەبدەبىلىك، ھەرقانچە چوڭقۇر بولسىمۇ، بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ قول تۇتۇشقان ھالدا تويلىشىشقا قەدەم قويالىشى ناتايىن. مەيلى مىجەز جەھەتتە كىلىشەلمەسلىك بولسۇن ياكى ئۈچىنچى شەخىس سىڭىپ كىرگەن بولسۇن ۋە ياكى ئاچچىقىدا چىقارغان قارار بولسۇن، ئايرىلىپ كىتىش مۇقەررەر نەتىجىگە ئايلانغان ۋاقىتتا، بۇ نەتىجىگە يۈزلىنىش ۋە ئۇنى قۇبۇل قىلىشتىن باشقا يول يوق. بۇنداق ئوخشاش بىر نەتىجىگە قارىتا، ئەر،ئاياللارنىڭ تۇتىدىغان پوزۇتسىيىسى ۋە ئۇسۇلى، تۈپتىن ئوخشاشمايدۇ؛ ئەمما مەيلى قانداق ئوخشاشماسلىقلار بار بولسۇن، شۈبھىسىزكى، بۇ ئىنتايىن ئازاپلىق بىر ئىش. ئۇنداقتا، ئاشىق مەشۇقلار ئايرىلىپ كەتكەندە، قايسى تەرەپ بەكرەك ئازاپلىنىدۇ؟
ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، ئاياللار ئازاپلىنىپ قاتتىق ھەسرەت چىكىپ كىتىدۇ؛ ئەرلەر بولسا يالغاندىن ھېچ ئىش بولمىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ
     ئاياللار ھىسياتچان كىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇھەببەتكە نىسبەتەن، ئاياللار تېخىمۇ كۆپ ھىسيات بېغىشلايدۇ ھەمدە ئېغىزىدىن چىقارمىغان، نۇرغۇنلىغان مۇناسىۋەتكە بولغان ئۈمىد ۋە ئارمانلار ئەگىشىپ كىلىدۇ؛ ئۇلار پەقەت ئىلگىرى ياخشى كۆرۈپ باققان بولسىلا، مۇھەببىتى ساختا مۇھەببەت بولمىسىلا، ئۇلارنىڭ تۇغۇلما سەزگۈر ھەم ئاجىز كەلگەن ئالاھىدىلىكى سەۋەپلىك، ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كىتىشتەك بۇ خىل نەتىجگە تەمكىنلىك بىلەن يۈزلىنىشى ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ. شۇڭا كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا، ئاياللار مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، يېغلاپ ئېقىپ، ھەسرەت-نادامەت تارتىپ كىتىدۇ؛ ئۇلار پاسسىپ كەيپىياتلار ئىچىگە چۆكۈپ كىتىدۇ ھەمدە ھېچقانداق بىر ئۈمىد قالمىغان مۇھەببەتنى ساقلاپ، قايتىدىن باشلاشنى خالىماي ئۆتىدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ بۇنداق ئەھۋالدا زادى قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.
    لىكىن ئەرلەرنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇلار ھەرقانداق ئىشلاردا ئىدراكلىق كىلىدۇ ھەمدە يۈزىنى قاتتىق ئاۋايلايدۇ؛ شۇڭا ئۇلار ئوخشاشلا قايغۇ-ھەسرەتلىك كەيپىيات ئىچىدە تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىغا يۇشۇرۇپ، چىشى چۈشۈپ كەتسىمۇ تۈكۈرۋەتمەي ئىچىگە يۇتىۋىتىدىغان ھالەتنى ساقلايدۇ ھەمدە ئۆزىدە ئىلگىرىكى مۇھەببەتتىن مىھرىنى ئۈزەلمەي قالغانلىق تۇيغۇسى ئىپادىلىنىپ چىقىپ قېلىشقا يول قويمايدۇ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ يۈزى چۈشۈپ كەتكەن ھىسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىر خىل ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلار يىڭى بىر مۇھەببەتنى باشلاپ، يىڭى بىر مەشۇق تېپىۋالمىغانلا بولسا، ئۇلارنىڭ قەلبى ئەمىلىيەتتە ئاللبۇرۇن ھەسرەت زارىغا تولۇپ كەتكەن بولىدۇ.
ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، ئۆتمۈش ئاياللارغا نىسبەتەن ئازاپلىق ئەسلىمە بولىدۇ، ئەمما ئەرلەرگە نىسبەتەن بولسا شىرىن ئەسلىمە بولىدۇ
    بىزنىڭ يۈرىكىمىز ۋە مىڭىمىز، ئۆتمۈشتىكى كەچمىشلىرىمىزنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرۋىتەلمەيدۇ. بىز ئۆتمۈشنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كىتىشكە ھەرقانچە ئۇرۇنساقمۇ، ئۆتمۈشتىكى ئاشۇ خاتىرىلەرنى ئۈزۈل-كىسىل يوق قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ؛ شۇڭا ئىككەيلەنگە تەۋە بولغان ئۆتمۈشتىكى ئاشۇ كەچمىش ئەسلىمىلەر، ھامان قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلىنىپ قالىدۇ. بىراق، بۇنداق ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىلەرگە نىسبەتەن، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ تۇيغۇسى ئوخشىمايدۇ.
    ئاياللار مۇھەببەتكە نىسبەتەن، ئىرىشىش ۋە يوقىتىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇپ، ھەقىقى تۈردە قولىدا تۇتۇپ تۇرالىغاننى ئاندىن ئۆزىنىڭ ھىس قىلىدۇ؛ ھىكايە ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، ئۇ بەرىبىر ئۆتمۈشكە ئايلانغان ھىكايە بولغاچقا، ئەسلىمە قانچە بەخىتلىك بولغانسىرى، ئۇلارنىڭ ئازاپلىنىشى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. ئەمما ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا، كۆڭلى كۆپ ئۇچۇق كىلىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىم ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىدە، كاللىسىدا پەقەت ئاشۇ شىرىن خاتىرىلەرلا بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل روھى ھالەت، ئۇلارنىڭ بۇ جەرياندا ئوخشاش بولمىغان روھى كەيپىيات تۇيغۇسىغا ئىرىشىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئايرىلىپ كىتىشتە، ئاياللار كەسكىن كەلمەيدۇ؛ ئەرلەر بولسا ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن ئاسانلا پۇشايمان قىلىدۇ
   ئايرىلىپ كىتىش، ئىككى ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىگە تۇيۇقسىز بۆسۈپ كىرگەن ۋاقىتتا، ئىككەيلەن قانداق زىددىيەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزمىگەن بولمىسۇن، ئاياللارنىڭ بىرىنچى ئىنكاسى بۇنى قۇبۇل قىلىشنى خالىماسلىق بولىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا كونتىروللىقىنى يوقىتىپ، تۆۋەنچىلىك بىلەن يالۋۇرۇپ، مۇھەببەتنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرىنىدۇ. بىراق، ئاياللار ھەقىقى تۈردە رىئاللىققا يۈزلىنىپ، ئادىمىيلىكنى ۋە ئوتتۇرلۇقتىكى مۇناسىۋەتنى ئىنىق تۇنۇپ يەتكەندىن كىيىن، مەيلى بەخىتكە بولغان قوغلىشىشتىن بولسۇن ياكى قارشى تەرەپكە كۆرسىتىپ قويۇش پىسخىكىسىدىن بولسۇن، ئۇلار ناھايىتى ئىرادىلىك ھالدا ئۆزىنىڭ يىڭى تۇرمۇشىنى باشلايدۇ.
    ئەرلەر بولسا، ئايرىلىپ كىتىش ۋاقتىدا ناھايىتى كەسكىن كىلىدۇ، ئەمما ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىنكى ھەرخىل رىئاللىقلار تۈپەيلىدىن، ئۆزىنىڭ قەلب ئىنتىلىشىنى ۋە ئايال تەرەپنىڭ قىممىتىنى قايتىدىن ئىنىق تۇنۇپ يىتىدۇ؛ بۇمۇ دەل، بەزى ئەرلەرنىڭ ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن قايتا يارىشىپ قېلىشنى تەلەپ قىلىشىدىكى سەۋەپتۇر. بىراق كۆپ قىسىم ئەرلەر، ئۆزىنىڭ يۈزىنى ئاۋايلىغانلىق سەۋەبىدىن، قارشى تەرەپتىن ئايرىلىپ قېلىشقا رازى بولسا بولىدۇكى، ئەمما قارشى تەرەپ ئۈچۈن بوينىنى ئىگىشنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقىسى بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ.
    ئازاپ شۇنچىلىك، ئاياللارنىڭ كەسكىنلىككە تولغان قايغۇ ھەسرىتى چېكىگە يەتكەندىن كىيىن جاراھىتى ئېغىز ئېلىپ ساقىيىشقا باشلايدۇ؛ ئەرلەرنىڭ نىسبەتەن مۆتىدىل كەلگەن كەيپىياتى بولسا بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ، ئاخىردا كونتىروللىقىنى يوقىتىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. شۇڭا مۇھەببەت دۇنياسىدا، ھەقىقى تۈردە مۇھەببىتىنى بېغىشلىغان كىشىلەرنىڭ، ھېچقانداق ئازاپقا ئۇچرىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئايرىلىپ چىقىشى مۇمكىن بولمايدۇ؛ ناھايىتى شۇ، ئۇلارنىڭ ئازاپلىنىشىنىڭ تەرتىپى ئازاپلىنىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ خالاس.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号