ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارىتا ھەرگىز بوش كەلمەڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-05كۆرۈلىشى : قېتىم
     بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ ھەقىقى ھىكايىسى، بارلىق كىشىلەرنىڭ بىر كۆرۈپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ!
     ئايالى ئىرىنىڭ تالاغا قارىغانلىقىنى بايقاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئىرىنىڭ ۋەھشىلەرچە زوراۋانلىق ئىشلىتىپ ئۇرۇپ دۇمبالىشىغا ئۇچرىغان.
    45ياشلىق جاڭ خانىم بىلەن 56ياشلىق ئىرى جوۋ موۋ، ھەر ئىككىسى قايتا توي قىلغانلاردىن بولۇپ، يېقىندا، مۇھەببەت جەھەتتىكى زىددىيەت ۋە ئىقتىساد جەھەتتىكى ماجرا تۈپەيلى، جاڭ خانىم سوت مەھكىمىسىگە ئاجرىشىش ئەرزى سۇنغان ھەمدە ئىرىدە ئائىلە زوراۋانلىقى قىلمىشى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، جىسمانى بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى ئىلتىماس قىلغان.
     جاڭ خانىمنىڭ دىيىشىچە، ئىرىنىڭ مىجەزى قوپال ھەم تىرىككەك، ئاچچىقى يامان بولۇپ، ئىلگىرى جاڭ خانىمغا قارىتا نەچچە قېتىم ئائىلە زوراۋانلىقى ئىشلەتكەن، ھەتتا ئۇنى ئۇرۇپ باش كۆزلىرىنى يېرىۋەتكەن.
    2018-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، جاڭ خانىم ئىرىنىڭ نامەلۇم بىر ئايال بىلەن مىھمانخانىدا ياتاق ئاچقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن، بېرىپ ئەھۋالنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغاندا، ئىرىنىڭ يەرگە بېسىپ ئۇرۇپ دۇمبالىشىغا ئۇچرىغان ھەمدە ئوڭ قولىقى زەخمىلىنىپ، قان ئېقىپ توختىمىغان. زوراۋانلىققا ئۇچرىغاندىن كىيىن، جاڭ خانىم ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان.
    ئىرى تالاغا قاراپلا قالماي، يەنە تېخى ئائىلە زوراۋانلىقى ئىشلىتىش! بۇ ۋەقە جاڭ خانىمغا نىسبەتەن، پىسخىكىلىق ۋە فىزىلوگىيىلىك جەھەتتىن قوش زەربە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇلارغا چىداپ بولالمىغان جاڭ خانىم، ئاخىرى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغان؛ بىراق ئىرى بولسا، بالىسنىڭ ھاياتى بىلەن جاڭ خانىمغا تەھدىت سالغان.
    جاڭ خانىم قوغداشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئاجرىشىش ئەرزى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىش بۇنىڭلىق بىلەن ئاددىيلىشىپ قالمىغان؛ ئۇ ھەتتە ئىرىنىڭ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغان.
   ئاجرىشىش ئەرزى سۇنغان مەزگىلدە، جاڭ خانىمنىڭ ئىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، جاڭ خانىمغا تېلفون قىلىپ، جاڭ خانىمنىڭ بالىسىنىڭ ھاياتىنى دەستەك قىلىپ، ئۇنىڭغا تەھدىت سالغان. ئۆزىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، جاڭ خانىم ھەتتا سوت مەھكىمىسىگە ئۆزىنىڭ ئۈندىدار پاراڭلىشىش خاتىرسى، ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرسى، دوختۇخانىنىڭ تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىقلارنى كۆرسەتكەن.
    بۇ ئاجرىشىش دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن، سوت مەھكىمىسى ئىككەيلەننى مۇرەسسەلەشتۈرۈپ كىلىشتۈرۈشكە چاقىردى. كىلىشتۈرۈش نەخ مەيدانىدا، جاڭ خانىمنىڭ ئىرى ئۆزىنىڭ ئائىلە زوراۋانلىق قىلمىشىنى ئىنكار قىلمىدى ھەمدە "سەن بۇنداق قىلساڭ، بالاڭنىڭ جېنىغا زامىن بولىسەن" دەپ جاڭ خانىمغا تەھدىت ئىشلەتتى.
     بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا، جاڭ خانىم تەمىنلىگەن ئىسپاتلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سوت مەھكىمىسى، جاڭ خانىمنىڭ ئىلتىماسىنى "ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى"نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كىلىدۇ دەپ قارىدى.
    شۇنىڭ بىلەن، سوت مەھكىمىسى جاڭ خانىمنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىنكى 72سائەت ئىچىدە، جىسمانى بىخەتەرلىكىنى قوغداش بۇيرۇقى تارقىتىپ، جاڭ خانىمنىڭ ئىرىنىڭ، جاڭ خانىم ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇققانلىرىنى ئۇرۇپ تىللىشى ۋە تەھدىت سېلىشىنى چەكلىدى ھەمدە ئەگەر بۇ قوغداش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلسا، سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ ئېغىر يىنىكلىكىگە قاراپ، ئۇنىڭ جەرىمانە قويۇش، تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىق جازالارنى بىرىدىغانلىقىنى، ئەگەر جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلدۈردى. بۇ قېتىملىق جىسمانى بىخەتەرلىكىنى قوغداش بۇيرۇقىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئالتە ئاي ئىدى.
     بۇ قوغداش بۇيرۇقى، جاڭ خانىمنىڭ ئىرىنىڭ ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەندىن باشقا، يەنە ئۇ تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر كومتىتى ۋە ساقچىغانىغىمۇ يەتكۈزۈپ بىرىلگەن بولۇپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، جىسمانى بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىنىڭ نورمال ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىندى.
     سۇئال: ئەگەر ئاجرىشىش مەزگىلىدە، ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىسا، ئۆزىنى قانداق قوغداش كىرەك؟
     ھەممەيلەن دىققەتنى يېغىپ، تۆۋەندىكى نوقتىلارنى ئىسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ!
    جىسمانى بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى بولسا، ھەق-تەلەپ قانۇنىدىكى بىر خىل مەجبۇرى خارەكتىرلىك تەدبىر بولۇپ، سوت مەھكىمىسى، ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتىلىرىنىڭ، يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەمدە ئاجرىشىش ماجراسى دىلوسىنىڭ قانۇنى تەرتىپ بويىچە نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چىقارغان قارارىدۇر. ئۇنداقتا جىسمانى بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىنى قانداق ئىلتىماس قىلىش كىرەك؟ ئاجرىشىش ئەرزى سۇنۇشتىن بۇرۇن ، ئاجرىشىش ئەرزى سۇنۇش مەزگىلى ئىچىدە ۋە ئاجرىشىش ماجراسى دىلوسى ئاياغلاشقاندىن كىيىنكى 6ئاي ئىچىدە، يېزىق شەكلىدە ياكى ئاغزاكى شەكىلدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دائىم ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى زىيانكەشلىك قىلغۇچى دائىم ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ۋە ياكى ئائىلە زوراۋانلىقى يۈز بەرگەن جاي تەۋەلىكىدىكى سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.
     قارىماققا، بۇنداق ئىش سىزدىن ناھايىتى يېراقتەك قىلىدۇ، ئەمما ئەتراپىمىزدا ھەقىقى يۈز بىرىۋاتقان ئىشلاردۇر.
    تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى سىز بىلەمسىز؟
    مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ توي قىلغان ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، توي قىلغان ئاياللار ئىچىدىكى %18.2 ئايال كىشى، ئىلگىرى مەلۇم خىل شەكىلدىكى ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچراپ باققان.
    ئائىلە زوراۋانلىقىغا نىسبەتەن، بىز ھەرگىز بوش كەلمەسلىكىمىز كىرەك! مەيلى ئەر كىشى بولسۇن ياكى ئايال كىشى بولسۇن، ھەممەيلەن ئۆزىنى ياخشى قوغداشنى ئۆگىنىپ، ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号