ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەقىللىق قېيىنئانا بۇ ئۈچ ئىشنى قىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-05كۆرۈلىشى : قېتىم
    قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن، قېيىنئانا ۋە كىلىن ھەر ئىككىسىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشىغا توغرا كىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ئاياللارنىڭ ئىرىنىڭ ئۆيىگە ياتلىق بولۇپ كىرگەندىن كىيىن قېيىنئانىسىغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى، قېيىنئانىسىنىڭ ئۇنى ئۆز ئادەم قاتارىدا كۆرۈش كۆرمەسلىكى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەقىللىق قېيىنئانىلار، قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى ئىچىدە تەشەببۇسكار بولۇشنى بىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا كىلىنىگە ئۆزىنىڭ ياخشى كۆڭلىنى ھىس قىلدۇرالايدۇ. تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى قىلالىغا قېيىنئانىلارغا نىسبەتەن، كىلىنى ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىن چوقۇم مىننەتدار بولىدۇ، قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىمۇ ناچار بولۇپ كەتمەيدۇ.
كىلىنى تۇغۇپ ياتقاندا، بالىغا قارىشىپ بىرىدۇ
     ئەگەر بىر قېيىنئانا، كىلىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايمەن دىسە ھەمدە ئوغلىنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئىزچىل ئىناقلىقنى ساقلاپ ئۆتىمەن دىسە، ئۇنداقتا كىلىنى ياردەمگە ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغاندا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشى كىرەك؛ كىلىنى ئۇلارنى ئاياپ رەت قىلغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا كىلىنىگە ئۆزىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە ياخشى كۆڭلىنى بىلدۈرۈشى كىرەك؛ بۇنىڭدا كىلىنى تەبىئىلا ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشىنىدۇ. ئەگەر قېيىنئانا بولغۇچى كىلىنى ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ياردەم قىلالمىسا، ئۇنداقتا كىلىنىنىڭ نەزىرىدە يات ئادەمگە ئوخشاش، قۇرۇق تۈزۈت قىلىشنىلا بىلىدىغان ساختا بىلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، كىلىنىمۇ قېيىنئانىسىغا چىن كۆڭلىدىن مۇئامىلە قىلمايدۇ. ئەگەر كىلىنى تۇغۇپ ياتقاندا، قېيىنئانىسى ئۇنىڭغا چامسىنىڭ يىتىشىچە ياردەملاشمەي، بىر چەتتە قاراپ تۇرسا، كىلىنى كىيىنكى مەزگىللەردە ھەر قېتىم بالىسىنى كۆرگەندە بۇ ئىشنى ئەسلاپ قالىدۇ دە، ئارىلىقتىكى زىددىيەت ئاسانلىقچە يوقىمايدۇ.
كىلىنى بىلەن ئوغلى جىدەللىشىپ قالغاندا، كىلىنىگە كۆڭۈل قويۇپ تەسەللى بىرىدۇ
    بەزى قېيىنئانىلار، ئوغلى بىلەن كىلىنى جىدەللىشىپ قالسا، ئوغلىنىڭ زىيان تارتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال ئوغلىغا بولۇشۇپ بىرىدۇ؛ بۇنداق قىېيىنئانىلار كىلىنىگە يامان تەسىر بىرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا كىلىن ئۆزىنى ئارتۇقچە بىر ئادەمدەك ھىس قىلىپ قالىدۇ ھەمدە كىيىنكى مەزگىللەردە، مەيلى قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى بولسۇن ياكى ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتى بولسۇن، ئىنتايىن زور تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، بەزىدە ھەتتا تېخىمۇ چوڭ زىددىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەگەر ئوغلى بىلەن كىلىنى جىدەللىشىپ قالسا، قېيىنئانا بولغۇچى كىلىنىنىمۇ ئۆزىنىڭ بالىسى قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇنى توغرا چۈشىنىشى، ئۆز ئانىسىغا ئوخشاش ئۇنىڭغا تەسەللى قىلىشى كىرەك. بۇنىڭدا، قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىپلا قالماي، يەنە ئوغلىنىڭ ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
كىلىنى بىلەن مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلايدۇ
    ئەمىلىيەتتە، قېيىنئانا بولغۇچى بىلىپ يىتىشى كىرەك، ئوغلى ۋە كىلىنىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش لايىقىدا بولۇش كىرەك؛ چۈنكى، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى بەك يېقىن قىلىۋەتسىمۇ، ئۇلارغا بەزىبىر قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن. تۇرمۇشىمىزدا، ئىككى خىل قېيىنئانىلار كىلىنىنى ھەممىدىن بەك زىرىكتۈرۋىتىدۇ؛ بىرسى ھېچنىمە بىلەن كارى بولمايدىغان قېيىنئانا، يەنە بىرسى ھەممىگە چات كېرىۋالىدىغان قېيىنئانىدۇر. شۇڭا، قېيىنئانا بولغۇچى، ياشلارغا خۇسۇسى بوشلۇق قالدۇرۇشنى بىلىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号