ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۈچىنچى شەخىسلەر ئاساسى جەھەتتىن بۇ ئۈچ خىلدا كىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-04كۆرۈلىشى : قېتىم
    كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ باياشاتلىشىشغا ئەگىشىپ، ئۈچىنچى شەخىسلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. توي سىرتىدىكى مۇھەببەت قوشۇنى ئىچىدە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تالاغا قارايدىغان ئەرلەر ئەزەلدىن كەم بولمايدۇ؛ ئۈچىنچى شەخىس بولۇشقا رازى بولىدىغان ئاياللارمۇ كەم قالمايدۇ ئەلۋەتتە. ئۇزۇن مەزگىللىك كۆزىتىش ئارقىلىق، مەن شۇنى بايقىدىمكى، ئۈچىنچى شەخىسلەرنى ئاساسى جەھەتتىن تۆۋەندىكى ئۈچ خىلغا ئايرىشقا بولىدىكەن، ئۆيدىكى رەسمى خوتۇنلار بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ!
ماددى مەنپەئەت قوغلىشىش تىپى: پەقەت پۇل ئۈندۈرۈشنىلا ئويلايدۇ
    بۇ خىلدىكى ئۈچىنچى شەخسلەرنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئىنىق بولۇپ، تالاغا قارىغان ئەر كىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ئاددى، ئۇ بولسىمۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشتۇر. ئۇلار تالاغا قارىغان ئەر كىشىنىڭ مەبلەغ سېلىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ماددى مەنپەئەتكە بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى ئۈچىنچى شەخىسلەر قوغلىشىدىغان "نىشان"، چوقۇم ئىگىلىكى نەتىجە قازانغان ھەم ئۇلار ئۈچۈن پۇل خەجلەشنى خالايدىغان ئەر كىشى بولىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، بۇ خىلدىكى ئۈچىنچى شەخىسلەر ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ بىر مەزگىللىك "ئويۇنچۇقى" ئىكەنلىكىنى، ھامان بىر كۈنى قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋىتىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلىدۇ. ئۇلار نام-ئاتاققا ئىرىشىشنى ئويلاشمايدۇ، ئۇلار پەقەت پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەر كىشىنىڭ ئۈستىدىن تېخىمۇ كۆپلىگەن پايدا ئۈندۈرۋىلىشنىلا ئويلايدۇ. بۇنداق ئاياللار، ئۈچىنچى شەخىس بولۇشنى بىر خىل كەسىپ ئورنىدا كۆرىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ياشلىقىدىن پايدىلىنىپ، زور مەنپەئەتكە ئىگە بولىۋىلىشنى ئويلايدۇ.
رومانتىكىلىق قوغلىشىش تىپى: پەقەت ئادەمگە ئىرىشىشنىلا ئويلايدۇ
    تالاغا قارىغان ئەرلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ شارائىتى ئادەتتىكىچە كىلىدىغان بولۇپ، ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئۈچىنچى شەخىسكە كۆپ نەرسە بىرەلمەيدۇ؛ بىراق، ئۈچىنچى شەخىس بۇنداق ئەرلەردىن ئايرىلىپ كىتىشكە كۆزى قىيمايدۇ، چۈنكى ئوتتۇرلۇقتا مۇھەببەت پەيدا بولغان بولىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇھەببەت ئازراقمۇ مەدھىيەلەشكە ئەرزىمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاسانلىقچە قول قويۇۋەتمەيدۇ.
    بولۇپمۇ ھەقىقى تۈردە كۆڭۈل بەرگەن ئۈچىنچى شەخىسلەر، تالاغا قارىغان ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئايالىدىن ئاجراشمايدىغانلىقىنى ئىنىق ئېيتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ئۇلار ئاشنىسىنىڭ قېشىدا قېلىش ئۈچۈن، "ئۈچىنچى شەخىس" دىگەن ئەسكى نامنى كاللىسغا ئارتىشقا رازى بولۇپ، يەنىلا ئەركىشىنىڭ يېنىدا قېلىشنى تاللايدۇ ھەمدە پەقەت ئۇنىڭ يېنىدا ھەمرا بولۇپ قېلىشنىلا ئويلىشىپ، يا ماددى مەنپەئەت كۆزلىمەيدۇ، ياكى نام-ئاتاق كۆزلىمەيدۇ. ئۈچىنچى شەخىسلەرنىڭ بۇ قىلمىشى، باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ ياخشى ئاقىۋەتكە ئىرىشىدۇ ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا تېخىمۇ چوڭ زىيان ۋە كۆڭۈل ئازابى ئېلىپ كىلىدۇ.
ئاچكۆز تىپى: ماددى مەنپەئەت ۋە ئادەمنىڭ ھەر ئككىسىگە ئىرىشىشنى ئويلايدۇ
    يەنە بىر خىل تىپتىكى ئۈچىنچى شەخىسلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئىستىكى ئىنتايىن چوڭ كىلىدۇ. ئۇلار ئۈچىنچى شەخىسنىڭ ئاخىرىدا چوقۇم تاشلىۋىلىتىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلار بىر ئۆمۈر بۇنداق ئۆتۈشنى خالىمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ بىر مەزگىللىك سەۋرچانلىقى، كىيىنكى كۈنلەردە تېخىمۇ كۈچلۈك ھالەتتە پارتلاپ چىقىش ئۈچۈن بولىدۇ. ئۇلار بىكاردىن بىكار "ئۈچىنچى شەخىس" دىگەن نامنى ئارتىۋىلىشنى خالىمايدۇ، بىر ئاماللارنى قىلىپ، "رەسمى خوتۇنلۇققا" ئۆسۈشنى ئويلايدۇ؛ بۇنىڭدا، ئەر كىشى ۋە پۇلنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشكەن بولىدۇ.
    بۇنداق ئۈچىنچى شەخىسلەر، چوقۇم تالاغا قارىغان ئەرنىڭ ئائىلىسىنى بۇزۇپ ۋەيران قىلىدۇ؛ چۈنكى، ئەگەر ئەر تەرەپنىڭ ئائىلىسى بۇزۇلمىسا، ئۇنىڭغا پۇرسەت چىقماي قالىدۇ.
    بۇنداق ئۈچىنچى شەخىستىن قۇتۇلۇش، تالاغا قارىغان ئەر كىشىگە نىسبەتەن ئاسانغا توختىمايدۇ؛ ئۆيدىكى رەسمى خوتۇننىڭ بۇنداق ئۈچىنچى شەخىسنى يىڭىپ چىقمىقىمۇ ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ. بىراق ئاچكۆزنىڭ قورسىقى تويماپتۇ دىگەنگە ئوخشاش، ئۈچىنچى شەخىس بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئىرىشمەكچى بولغىنى قانچە كۆپ بولغانسىرى، يوقىتىپ قويىدىغىنىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ئاخىرىدا ئۆز بېشىنى ئۆزى يەيدۇ.
ئاخىرىقى سۆز
    مەيلى قايسى تىپتىكى ئۈچىنچى شەخىس بولمىسۇن ياكى ئۈچىنچى شەخىس زادى نىمىنى كۆزلىمىگەن بولمىسۇن، ئۈچىنچى شەخىس بولۇپ باشقىلارنىڭ ئائىلىسىگە سوقۇنۇپ كىرىشنىڭ ئۆزى توغرا بولمىغان بىر قىلمىشتۇر؛ بۇ يول خۇددى تىگى يوق بىر ھاڭغا ئوخشايدىغان بولۇپ، چۈشۈپ كىتىپ قالسىڭىز، ئاخىرىدا چوقۇم كۈكۈم-تالقان بولۇپ كىتىسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号