ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
چەتئەلدە بالىسى بىلەن ئوينايدىغان يىڭى ئويۇن بارلىققا كەلدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-03كۆرۈلىشى : قېتىم
    خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پاترىك.كۇئىن نەچچە ھەپتە ئىلگىرى، "بالىسىنىڭ بۇرنىدا نەچچە تال سۇلۇ پارچىسى تۇغۇزالايدىغانلىقىنى سىنايدىغان ئويۇن" ئوينىغان ھەمدە سۈرەت ئاپاراتى بىلەن جەرياننى خاتىرلەپ ئىجتىمائى ئالاقە تورىغا چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن، بىر مەيدان "سۇلۇ پارچىسىغا جەڭ ئېلان قىلىش" ئويۇنى بەس-بەستە قانات يايدۇرۇلغان.
    پاترىكنىڭ سۆزلەپ بىرىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۈچ ھەپتىلىك بولغان ئوغلى ماكىستون، ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئۇخلاۋاتقان بولۇپ، ئوغلىنى ئويغىتىۋىتىشتىن ئەنسىرەپ، پاترىك كىرىسلو ئۈستىدە مىدىرلىيالماي ئولتۇرغان؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، پاترىك بالىسىنىڭ بۇرنىدا سۇلۇ پارچىسىنى تىزىپ تۇرغۇزۇپ ئوينىغان ھەمدە جەرياننى سۈرەتكە ئېلىپ تورغا چىقارغان.
     ئەسلىدە، پەقەت ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنلا بولغان بۇ ئويۇن ھازىر، باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشكە ئامراق كەلگەن دادىلارنىڭ ئۆز-ئارا بەسلىشىش ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ قالغان.
    ئەگەر دادىلاردا ھەرگىز كەم بولمايدىغان نەرسە نىمە دىسە، ئۇنداقتا چوقۇم ئىجادچانلىق بولىدۇ؛ ئەگەر دادىلاردا كەم قالمايدىغان يەنە بىر نەرسىنى تېپىڭ دىسە، چوقۇم ئۇلارنىڭ باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنى ئويلايدىغان پسىخىكىسى ئالدىن تاللىنىلىدۇ.
    بوۋاقنىڭ يۈزىگە سۇلۇ پارچىسىنى تىزىپ تۇرغۇزغان بۇ سۈرەت، توردا ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە تارالدى ھەمدە كەڭ ئالقىشقا ئىرىشتى.  بارغانسىرى كۆپلىگەن تورداشلار، ئۆزىنىڭ "سۇلۇ پارچىسى رىقابىتىدە" ئىرىشكەن نەتىجىلىرىنى خاتىرلەپ تورغا چىقاردى.
    بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر دادا، 20تال سۇلۇ پارچىسىنى تىزىپ تۇرغۇزغان. يەنە بىر دادا بولسا، يىڭىلىق يارىتىپ، ئەلئېھرام شەكلىدە قىلىپ  تىزغان.
    ھەممىدىن كۈلكىلىك بولغىنى، بەزىلەر ئويۇننىڭ قائىدىسىنى ئۆزگەرتىپ، بالسىنىڭ بېشىغا قاتلىما تىزىپ سىناپ باققان.
    يەنە بەزىلەر توردا، ئويۇننى قانداق ئويناش ھەققىدىكى كۆرسەتمە ۋە تاكتىكىلارنى ئوتتۇرغا قويغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号