ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
14ياشلىق ئوغۇل بالا ئالما شىركىتىنىڭ مىليۇن مۇكاپاتىغا ئىرىشتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-10كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئامىرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، 14ياشلىق ئوغۇل بالا گران. تومسىن، ئالما Face Timeنىڭ يىتەرسىزلىكىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن، ئالما شىركىتىنىڭ 200مىڭ دوللار(تەخمىنەن بىر مىليۇن 340مىڭ خەلق پۇلىغا تەڭ) نەخ پۇل بىلەن مۇكاپاتلىشىغا ئىرىشكەن.
   2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئالما شىركىتى، Face Timeدىكى ئىشلەتكۈچىلەر، باشقىلارنىڭ ئالما تېلفوندا سۆزلىشىش جەريانىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىيالايدىغان بۇ كەمتۈكلۈك ئۈچۈن ئاشكارە كەچۈرۈم سورىغان. ئالما شىركىتى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تومسىن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بۇ يىتەرسىزلىكنى ۋاقتىدا ئالما شىركىتىگە دوكلات قىلغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتقان.
   14ياشلىق تومسىن دۈشەنبە كۈنى CNBCنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دىگەن: "مەن ئۆزۈممۈ بىلمەيلا بۇ كەمتۈكلۈكنى بايقاپ قالدىم، بۇ مىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى؛ چۈنكى، بۇنى ئالما شىركىتى ئۆزىمۇ بايقىيالمىغان ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن مەندەك 14 ياشلىق بىر بالا بايقاپ چىقتىم، دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى ماڭا ھەۋەس قىلىپ كەتتى".
   تومسىننىڭ بۇ كەمتۈكلۈكنى بايقىغانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئالما شىركىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى، جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئارىزاننا شىتاتىغا بېرىپ، تومسىن بىلەن كۆرۈشكەن. تومسىننىڭ دىيىشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىم، ئۇلارغا شەخسەن ئۆز ئېغىزى بىلەن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، تومسىن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تەكلىپ پىكىر بىرىشىنى ئۆتۈنگەن ھەمدە ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ دوكلات تەرتىپىنى قانداق ياخشىلاش كىرەكلىكىنى سورىغان. ئۇ يەنە، تومسىننىڭ "كەمتۈكلۈك مۇكاپاتلاش پىلانى" مۇكاپاتىغا ئىرىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ۋە كىيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە، ئالما شىركىتى بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسى ئارقىلىق بۇ مۇكاپاتنىڭ نىمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ يىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
   ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالما شىركىتى 2016-يىلى، شىركەت مەھسۇلاتلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى دوكلات قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، بىر تۈرلۈك مۇكاپاتلاش پىلانى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، كەمتۈكلۈكنى دوكلات قىلغۇچى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200مىڭ ئامىرىكا دوللىرى نەخ پۇل مۇكاپاتىغا ئىرىشىدىكەن.
   خۇسۇسى مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ كەتسە، يىنىك بولغاندا باشقىلارنىڭ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىۋىلىشى سەۋەپلىك ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچرايدۇ؛ ئېغىر بولسا، ئامازون شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جېف.بىسوسقا ئوخشاش، مىلياردلاپ ئاجرىشى تۆلىمى تۆلەيدىغان ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدۇ. بىر مەزگىل ئىلگىرى، جېف.بېسوسنىڭ تالاغا قاراپ ئاشنا تۇتقانلىق خەۋرى ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكتىن، ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. ھازىر بېسوسنىڭ ئومۇمى بايلىقى 140مىليارد ئامىرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 954مىليارد خەلق پۇلىغا تەڭ) بولۇپ، ئەگەر بىسوس ئايالى بىلەن رەسمى ئاجرىشىش رەسمىيىتى ئۆتىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بايلىقىنىڭ يېرىمى، ئاجراشقاندىن كىيىنكى ئايالىغا تەئەللۇق بولىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号