ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيا بويىچە مۇھەببەتكە ئەڭ سادىق بولغان كىشىلەر توپى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-07كۆرۈلىشى : قېتىم
    بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى "تىز تاماق"قا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئىتقادى ۋە قەدىر-قىممىتى يوق ئىكەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر، ئالدىنقى ئەسىردىكى ئاشۇ جەمئىيەتنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدى؛ چۈنكى، ئۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەر ھازىرقىلارغا ئوخشاش ئۇنداق تۇترۇقسىز ئەمەس ئىدى، ھازىرقىلاردەك ئۇنداق بېسىم ئاستىدا ياشىمايتتى. ئاددى ھەم خۇشال بولۇش، ئۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەردە ئومۇميۈزلۈك كۆرىلىدىغان روھى ھالەت بولۇپ، ھازىر ماددى شارائىت كۆپ ياخشىلاندى، ئەمما روھى قىياپىتى ئىلگىرىكىگە يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى.
    ئاتا-ئانىمىز بىلەن بىر دەۋردىكى كىشىلەر تويلاشسا بىر ئۆمۈرلۈك بولاتتى، بىراق ھازىرقىلار بىردەملىك تويلىشىدىغان بولۇپ قالدى. سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلقى ئاجرىشىپ كىتىش نىسبىتى %40كە يەتكەن بولۇپ، ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى، 80-يىللىرى ۋە 90-يىللىرىدىن كىيىن تۇغۇلغانلار ئىكەن؛ بۇ سەۋەپلىك، ھازىر كۆپ قىسىم ياشلاردا تويلىشىشقا قارىتا تەشۋىشلىنىش پىسخىكىسى تۇغۇلۇپ، توي قىلالمايدىغان ھەمدە توي قىلىشقا جۈرئەتمۇ قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. ساددا ھەم ساداقەتمەن بولغان مۇھەببەت، ھازىر نۇرغۇن ياشلارنىڭ قەلبىدىكى ئىنتىلىشى ۋە خىيالى ئارمىنىغا ئايلىنىپ قالدى. چۈنكى، ئۇلار رىئال تۇرمۇشتا بۇنداق مۇھەببەتنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيتتى.
    دۇنيادا مۇتلەق ئىش بولمايدۇ. دۆلىتىمىز خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جىياۋزو شەھرىدە پېي جىيا كەنتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كەنت بار بولۇپ، بۇ كەنت "دۆلىتىمىزدىكى مۇھەببەتتىكى بىرىنچى كەنت" ۋە "جۆرىسىگە ئەڭ ساداقەتمەن كىشىلەر توپى ئولتۇراقلاشقان كەنت" دەپ نام ئالغان. چۈنكى، نەچچە يۈزيىل مابەينىدە، بۇ كەنتتە بىرمۇ ئادەم جۆرىسى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىپ باقمىغان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号