ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا باي جېف.بىسوس نىكاھتىن ئاجراشماقچى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-11كۆرۈلىشى : قېتىم
   تېخى نەچچە كۈن ئالدىدا، ئىلگىرىكى ئىناق ئەر-خوتۇنلاردىن بولغان شاھزادە چارلىز بىلەن كامىلا نىكاھتىن ئاجراشقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى؛ مانا بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا باي، ئامازون شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى جېف.بىسوس، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئايالى مەككىنچى بىلەن ئاجرىشىش رەسمىيىتى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ۋە بۇندىن كىيىن ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ دوستلار سالاھىتىدە ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
   بىسوس توردا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: " بىز كۆپچىلىككە نۆۋەتتىكى تۇرمۇش ھالىتىمىزنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى دۇرۇس تاپتۇق. بىزنىڭ ئۇرۇغ-تۇققانلىرىمىز ۋە يېقىن دوستلىرىمىز بىلىپ يەتكەنگە ئوخشاش، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىزدىنىش ۋە ئايرىلىپ تۇرۇپ سىناپ كۈرۈش ئارقىلىق، بىز ھازىر نىكاھتىن ئاجرىشىشنى قارار قىلدۇق، كەلگۈسىدە يەنىلا دوستلار سالاھىيىتى بىلەن ئالاقە قىلىمىز. بىز بىر-بىرىمىزنى ئۇچرىتالىغىنىمىزدىن، ئۆزىمىزنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھىس قىلىمىز؛ بىز ھەم شۇنداقلا، ئىككىمىز بىللە قول تۇتۇشۇپ ئۆتكۈزگەن 25يىل مابەينىدىكى ھەر بىر يىلغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. بىز بۈگۈنكى نەتىجىنى بۇرۇنلا بىلگەن تەقدرىدىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى قارارىمىزغا پۇشايمان قىلمايمىز ھەم ئەپسۇسلانمايمىز."
    ئەمما بۇ قېتىملىق ئاجرىشىشنىڭى سەۋەبى راستىنلا بىسوس ئوتتۇرغا قويغانغا ئوخشاش شۇنداق ئاددىيمۇ؟ بەزى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىسوس، ئىلگىرىكى تېلىۋىزىيە رىياسەتچىسى، ھوللىۋود ۋاستىچىلار ماگناتى پاترىك.ۋىتسىلنىڭ ئايالى لاۋرىن.سانچىس بىلەن ئىزچىل تۈردە يۇشۇرۇن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن ئىكەن. تورداشلار بىسوسنى، ئۆزىنىڭ نىكاھتىن سىرتقى مۇھەببىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئالدى بىلەن ئايالى بىلەن ئاجراشماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى يۆتكىمەكچى بولغان دەپ قارىغان.
    بىسوس ئىلگىرى "مەن مىنى ئۈچىنچى دۇنيا تۈرمىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقالايدىغان بىر ئايالغا ئىرىشسەم دەيمەن" دىگەن؛ ئاخىرىدا ئۇ بۇ ئارزۇسىغا يەتتى، ئۇنىڭ ئايالى مەككىنچى مۇشۇنداق بىر دانا ھەم ئەقىل-پاراسەتلىك ئايال ئىدى. بىسوسمۇ دائىم تېلىۋىزىيە پىروگىراممىلىرىدا ئايالىنى ماختاپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدا ئايالىنىڭ قوللىشىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

   ئۇلار توي قىلىپ بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگىلى 25 يىل بولغان بولۇپ، جەمئى تۆت پەرزەنتى بار. ئۇلارنىڭ ئۈچ خىل قارىشى بىر-بىرىگە ماس كىلىدۇ، نورمال ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن بەخىتلىك ئۆتۈشى كىرەك ئىدى؛ ئەمما ئاخىرى، يەنىلا ئەر تەرەپنىڭ نىكاھ ئىچىدە تالاغا قارىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.

    مەككىنچى بىلەن بىسوس، مەبلەغ سېلىش شىركىتى D.E.Show دە خىزمەت قىلىش جەريانىدا تۇنۇشقان. ئەينى ۋاقىتتا، بىسوس بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرىكتورى، مەككىنچى بولسا تەتقىقات ياردەمچىسى ئىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، پۇلىستۇن داشۆسىنى پۈتتۈرگەن مەككىنچى بۇ شىركەتنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا قاتناشقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىن ئىمتىھان ئالغۇچى دەل بىسوس ئىكەن.
    زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا، بىسوس مۇنداق دىگەن: " مەن ئىزچىل تۈردە ئايالىمنى ئەقىللىق ھەم پاراسەتلىك، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز-قارىشى بار ھەم بەدەن شەكلىمۇ ناھايىتى قاملاشقان دەپ قارايمەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەلەيگە يارىشا مەن ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرۈشتىن ئاۋال، ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى كۆرگەن، ئۇنىڭ ئالى مەكتەپتىكى نەتىجىسى ۋە ئىپادىسىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولغاندىن كىيىن، مەككىنچىنىڭ ئىشخانىسى بىلەن بىسوسنىڭ ئىشخانىسى ئۆز-ئارا خوشنا ئىدى. مەككىنچىنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ھەمىشە يان ئىشخانىدىن چىققان خۇشخي كۈلكە ئاۋازىنى  ئاڭلايدىكەن ھەمدە بۇنداق كۈلكە ئاۋازى ئۇنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان ئىكەن.
    بىسوس بىلەن مەككىنچى كەسىپ ساھەسى ئىچىدە ھەۋەس قوزغايدىغان نەمۇنىلىك ئەر-خوتۇنلارغا ئايلاندى. بىسوسمۇ مۇھەببەتتە ئۇتۇققا ئىرىشپلا قالماي، كەسپ جەھەتتىمۇ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. 1995-يىلى، ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئامىرىكىدىكى ئەڭ چوڭ تور سودا شىركىتى—ئامازون شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، 2018-يىللىق دۇنيادىكى چوڭ بايلار تىزىملىكىدە، جېف.بېسوس، 112مىليارد ئامىرىكا دوللىرىلىق مال-مۈلۈكى بىلەن تۇنجى قېتىم دۇنيادىكى بىرىنچى باي ئورنىغا چىقتى.
    بىراق، بۇ قېتىم جامائەتچىلىكنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نوقتىسى، نىكاھتىن ئاجرىشىشتىكى "ئاجرىشىش تۆلىمى"گە مەركەزلەشتى. ھازىرغا كەلگۈچىلىك، ئامىرىكىدىكى نىكاھتىن ئاجرىشىش تەننەرخى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى، سىتىف.ۋىئىن بىلەن ئىلايىن. ۋىئىن نىكاھتىن ئاجرىشىش دىلوسى بولۇپ، ئۇلار 2010-يىلى نىكاھتىن ئاجراشقان، نىكاھتىن ئاجرىشىش تۆلىمى بولسا بىر مىلياردا ئامىرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
   ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلىدىغىنى، روبىرت.مودىك بىلەن ئاننا. توف بولۇپ، نىكاھتىن ئاجرىشىش تۆلىمى بىر مىليارد 700مىليۇن ئامىرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرسىدا، مودىكنىڭ قاچان دەم ئېلىشقا چىقىشى توغرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ، 1998-يىلى ئۆز-ئارا كىلىشپ چىرايلىقچە ئاجرىشىپ كەتكەن؛ ئاجرىشىپ 17 كۈندىن كىيىن، مودىك دىن.ۋىندى بىلەن تو قىلغان، ئەمما بۇ قېتىملىق  نىكاھمۇ 14يىل داۋاملاشقاندىن كىيىن، ئاخىرىدا يەنىلا بۇزۇلغان. بۇ ۋاقىتتا ۋىندى بولسا 20مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى تۆلەمگە ئىرىشكەن.

    بۇ قېتىملىق بىسوسنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش دىلوسىدا، ۋاشىنگىتون شىتاتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن، مەككىنچى، بېسوسنىڭ %50 مال-مۈلۈكىگە، يەنى 66مىلياردا ئامىرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى مال-مۈلۈككە ئىرىشىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ، تورداشلار ئىنتايىن ھەيران قالغان؛ چۈنكى 66مىليارد ئامىرىكا دوللىرىلىق مال-مۈلۈك بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايلار تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرىشكە بولاتتى؛ ئۇلار پۇلدار كىشىلەرنىڭ دۇنياسىنى چۈشەنمەك بەك تەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号