ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئوخشاش راك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان قوشكىزەكلەر چوڭ بولدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-10كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئامىرىكا مىچىگىن شىتاتىدىكى بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئالىسسا بىلەن مىخائىل بىر جۈپ قوشكىزەك قىز ئىلزابىت بىلەن مادىللىننى تۇغقان. ئۇلار تۇغۇتتىن كىيىن دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشىمىز باشلاندى دەپ ئويلىغان ئىدى.
    بىراق ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇلار مادىللىننىڭ قورسىقىنىڭ بىنورمال ھالەتتە ئىششىپ يوغىناپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن دەرھال مادىللىننى دوختۇغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتكەن ۋاقىتتا، دوختۇر ئۇلارغا مادىللىننىڭ بىر خىل ئىنتايىن ئاز كۆرىلىدىغان بالىلار راك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.
    ئۇلار دوختۇرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يېقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالغان؛ بىراق، شۇم خەۋەر بۇلا ئەمەس ئىدى، يەنە بىر بوۋىقى ئىلزابىتتىمۇ ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇنىڭ قورسىقى ئىششىپ، پۇت-قلى ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەن. ئارقىدىنلا، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن يۈزلىنىشنى ئەڭ خالىمايدىغان قاباھەت ئاخىرى رىئاللىققا ئايلاندى: قوشكىزەك ئاچا-سىڭىللار ھەر ئىككىسى راك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگونوز قويۇلدى؛ ئۇلاردىكى كىسەللىك كۆرۈلۈش نەچچە كۈنلا پەرق قىلىدىغان بولۇپ، ئوخشاش ئورۇندا، ئوخشاش بىر خىل راك پەيدا بولغان ئىدى.
    ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بارغانسىرى يامانلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىچىككىنە تېنى، چوقۇم ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆسۈپ كۆپىيىپ بارغان راك ھۈجەيرىلىرىگە قارشى تۇرۇشى كىرەك ئىدى. بۇ ۋاقىتتا دوختۇر، ئاۋال ئىككىسىگە خېمىيىلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىش ۋە  ۋاقتىنچە ئايرىپ داۋالاش تەكلىپىنىلا بەردى. بۇ مەزگىلدە، ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا تەگسىمۇ بولمايتتى. بىراق ئۇلارنىڭ بىرلىكتە راكقا قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن، دوختۇر ئىككىنچى باسقۇچلۇق خېمىيىلىك داۋالاش باشلانغاندىن كىيىن، ئىلزابىت بىلەن مادىللىننى بىرگە قويدى.  ئۇ ئىككىسىمۇ بەلكىم ئۆزىگە ھەمرا بولىدىغان ئادەم بار بولىشىنى ئۈمىد قىلىپ تۇرغان بولسا كىرەك، ئۇلارنىڭ ئەسلىگە كىلىش ھالىتى ۋە كەيپىياتى كۆرۈنەرلىك ھالدا ياخشىلاندى.
     كىينكى نەچچە ھەپتىدە مۆجىزە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى تىز سۈرئەتتە مۇقىملىشىپ، ئاخىرى ئۆيىگە قايتىپ، داۋاملىق تۈردە داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىشقا رۇخسەت قىلىندى. كۈنلەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ يېرىم يىل بولغاندا، بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يەنە بىر خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالدى: ئۇلار ئۆيىنى بىزەپ رىژدىستوۋا بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتقاندا، دوختۇر ئۇلارغا تېلفون بىرىپ، ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە،  قوشكىزەك ئاچا-سىڭىللار بەدىنىدىكى راك ھۈجەيرىلى ئۈزۈل-كىسىل يوقىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
    شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇلار بىرلىكتە ساغلام  چوڭ بولۇشقا باشلاپ، ئىلگىرى ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇلارنى داۋالىنىپ ساقىيىش جەريانىنى، يېشى ئەڭ كىچىك، ساقىيىسى ئەڭ تىز ھەم ئەڭ ئوڭۇشلۇق دەپ ئاتاشقا بولاتتى. گەرچە ئۇلار تۇغۇلۇشىدىنلا چوڭ ئازاپ-ئوقۇبەتكە دۇچار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ھاياجانلاندۇرۇپ خوشال قىلغۇدەك ئىدى. بۇ بىر جۈپ قوشكىزەكلەرمۇ، ئاخىرى ئۆلۈم خەۋىپىدىن قۇتۇلۇپ، باشقا ساغلام بالىلارغا ئوخشاش، خۇشاللىققا تولغان گۆدەكلىك ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号