ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تەن ساغلاملىقىغا ئائىت 12تۈرلۈك ئۆلچەم سىزىقى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-08كۆرۈلىشى : قېتىم
    ھەممە ئىش لايىقىدا بولغان ياخشى، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە ياكى ئۆلچەمدىن بەك كەملەپ كەتسە، زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ؛ ئادەم بەدەن ساغلاملىقىنى ساقلاش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈشتىمۇ، بۇ پىرىنسىپنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كىرەك.
    تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئائىت 12 تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىنى تۇنۇشتۇرىمىز؛ ئەگەر سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز بۇ ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا ھۇشيارلىقىڭىزنى ئۆستۈرۈشىڭىز كىرەك بولىدۇ.
1. بويۇن ئايلانمىسى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى: 35 سانتىمىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىك
    بويۇن توم بولسا، قان تۇمۇر ناچار كىلىدۇ. ئالاقىدار تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەمنىڭ بوينى قانچە توم بولغانسىرى، يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.
2. بەل ئايلانمىسى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى: 100سانتىمىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىك
   ئەگەر دوختۇرلاردىن، بەدەندىكى ماي قەيەرگە يېغىلسا ئەڭ خەتەرلىك بولىدۇ دەپ سورىسىڭىز، دوختۇرلار ئىككىلەنمەستىن بەل ۋە قوساق دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. چۈنكى بەل ئايلانمىسى ھەر 2.54سانتىمىتىر ئاشسا، راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 8ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ كىتىدۇ.
3. قان تۇمۇرى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى: خولىستىرىن مىقدارى 5.18 دىن ئېشىپ كەتمەسلىك
   قاندىكى ماي تەركىبىنى تەكشۈرۈش تۈرىدە، ئەگەر خولىستىرىننىڭ ئومۇمى مىقدارى 5.18 دىن ئېشىپ كەتسە، بۇ سىزنىڭ قان تۇمۇرلىرىڭىزنىڭ ئاللىقاچان "ئاگاھلاندۇرۇش چىرىقى" يۇرۇتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، سەكتە كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئېشىپ كىتىۋاتقان بولىدۇ.
4. يۈرەك سوقۇش ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى: ھەر مىنۇتتىكى يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى 100قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك
   ئادەم تىنچ تۇرغان ۋاقىتتا، ھەر قېتىملىق يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى 90-60 قېتىم بولسا نورمال بولىدۇ. ئەگەر يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى تىزلىشىپ كەتسە، ئاسانلا قان بېسىمى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش، قاندىكى شىكەر مىقدارى ئېشىپ كىتىش قاتارلىق بىر تۈرلۈك ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
5. تۇز ئىستىمال قىلىش ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى: كۈندە 6 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك
    بەدەنگە قوبۇل قىلغان تۇزنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ كىتىش، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يەنە تېخى تىرىنىمۇ ناچارلاشتۇرۋىتىدۇ.
6. قەنت ئىستىمال قىلىش ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى: كۈندە 25 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك
   دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى بەرگەن كۆرسەتمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇزۇن مەزگىل تۇزلۇق يىمەكلىك ئىستىمال قىلىپ ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى، نورمال تۈردە ئىستىمال قىلىدىغان ئادەملەرنىڭكىگە قارىغاندا 20-10يىل قىسقىرايدىكەن.
7. يىمەكلىك مېيى ئىستىمال قىلىش ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى: كۈندە 30 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك
    كۆپ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مايلىق تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، ئادەمگە راك، قاندىكى ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش، تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكى، بوغۇم ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى، جىگەرنى ماي قاپلاش، يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت قاتارلىق كىسەللىكلەرنى ئېلىپ كىلىدىكەن.
8. يول مېڭىش سۈرئىتى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى: ھەر سىكونتلىق تىزلىكى 0.6 مىتىردىن تۆۋەن بولماسلىق
    ئامىرىكا پىسبۇرگ داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئادەمنىڭ يول مېڭىش سۈرئىتىنىڭ تىز ئاستىلىقىدىن، ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن-قىسىقىلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدىكەن؛ يول مېڭىش سۈرئىتى ھەر سىكونتتا 0.6مىتىردىن تۆۋەن بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى ئېشىپ كىتىدىكەن.
9. سۇ ئىچىش ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى: ھەر كۈنى 1.5 لىتىردىن كەم بولماسلىق
   ئادەم ئۇسسۇزلۇق ھىس قىلىشى بەدەندىكى سۇ تەركىبىنىڭ ئاز دىگەندىمۇ %1 خوراپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك سۇ تەركىبى كەمچىل بولۇش، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۋىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا يۈرەك-مىڭە قان تۇمۇرلىرى كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بار.
10. ھاجەتكە ئولتۇرۇش ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى: ھەر قېتىمدا بەش مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك 
   ھاجەتكە ئولتۇرغاندا، ۋاقىت بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە، قان تۇمۇرلارغا قارىتا غىدىقلاش پەيدا قىلىپ، قان ئۇيۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقاندا، قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىق، ۋە قان نۆكچىسى پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇۋاسىر پەيدا قىلىدۇ.
11. ئۇزۇن ئولتۇرۇش ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى: 60مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك
    ئاۋىستىراليەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىر سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرۇشنىڭ زىيىنى ئىككى تال تاماكا چەككەنگە ئوخشاش بولۇپ، ئادەمنىڭ ئۆمرىنى 22 مىنۇت قىسقارتىدىكەن. ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرغاندا، قان ئايلىنىش ئاستىلاپ قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كىتىدىكەن؛ بۇ ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشقانسىرى، ئارتىرىيە قېتىشىش، تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكى قاتارلىقلار كىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.
12. كەچلىك ئۇخلاش ۋاقتى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى: كەچ سائەت 11 دىن كىيىن قالماسلىق
    ئۇزۇن مەزگىل ئۇيقۇ كەمچىل بولۇش، ئادەمنىڭ ئىممونت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىغان بولۇپ، جىگەرگە ئېغىر دەرىجىدە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىپلا قالماي، يەنە باشقا تۈردىكى ئاستا خارەكتىرلىك كىسەللىكلەر ۋە يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كىسەللىكى، دىئابىت قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدىكەن؛ بۇندىن باشقا يەنە، ھۈجەيرىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ۋە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىش خەۋىپىنى ئاشۇرۋىتىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号