ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
نىمىشقا بەزى ئوتتۇرا ياش ئاياللار ئىرىگە يېقىنلىشىشنى خالىمايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-08كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاياللار ئوخشاش بولمىغان ياش مەزگىلى ۋە ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتلاردا، ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش كەچمىشلىرىگە دۇچار بولىدۇ؛ قانداق تۇرمۇش كەچمىشىلىرىگە دۇچار بولۇشى بولسا، ئۇلارنىڭ سىرتقى ۋە ئىچكى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلىرىگە باغلىق بولىدۇ. بولۇپمۇ، ئاياللار ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە يەتكەندە، تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىدە تەڭشىلىش كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بەزى تەڭشىلىشلەر ناھايىتى كىچىك بولىدۇ، ئەمما بەزى تەڭشىلىش ئىنتايىن زور بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاياللار بىلەن مۇناسىۋىتى قانچىكى يېقىن بولغان كىشىلەر، بولۇپمۇ ئاياللار بىلەن بىر ياستۇققا باش قويىدىغان ئىرى، ئاياللاردىكى ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىنى شۇنچە ئىنىق ھىس قىلىدۇ.
   ئاياللار يىڭىچە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى باشتىن كەچۈرۈپ سىناپ بېقىش ئارزۇسى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ ئىرى بىلەن بولغان ئىلگىرىكى مۇناسىۋىتىنى، باشقا يىڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى تەرپىدىن ئىگەللىۋىلىنىشى مۇمكىن؛ مەسىلەن، ئاياللار بارغانسىرى ئىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىش ياكى سۆيۈشۈشنى خالىماسلىق، ۋە ياكى قول تۇتۇشۇشنى خالىماسلىق دىگەنلەرگە ئوخشاش... بۇنداق ئەھۋالدا، ئاياللار ئىرى بىلەن، بەدەن تىلى جەھەتتە بارغانسىرى يېراقلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ،  ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئاياللارنىڭ ئىرى بىلەن قىلىشىدىغان گەپلىرىمۇ ئازلاپ كىتىدۇ.
    قۇرۇق گەپ بىلەن ھېچنىمىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. يېقىندا ئۈچ نەپەر توي تۇرمۇشى ئىچىدىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئوقۇرمەنلەر، ئايرىم سۆز قالدۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، مەن بىلەن بۇ ھەقتە مۇھاكىمە قىلىشقان؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن كەچمىشلەر بولغاچقا، مەن ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ بەلگىلىك ئاساسى دەپ قارىدىم ھەمدە ئۇلارنىڭ قوشۇلۇشى ئاستىدا، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى رەتلەپ چىقىپ، بۈگۈن ئوقۇرمەن دوستلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم.
1. خۇاشىيەن، 43 ياش
   مىنىڭ ئىرىم، بىز توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن، بەرىبىر ئەمدى سىنى قولغا كەلتۈۋىلىپ بولدۇم دەپ ئويلاپ قالدى بولغان، ئۆزىنى پۈتۈنلەي قويىۋىتىشكە باشلىدى؛ يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە دىققەت قىلماي سەمىرىشكە باشلىدى ھەمدە ئىلگىرىكىدەك كىيىنىشكە ۋە ياسىنىشقا دىققەت قىلماي، تاشقى ئوبرازى، توي قىلىشتىن ئىلگىرىكىگە قارمۇ قارشى ھالەتتە تەرەققى قىلىشقا باشلىدى.
   ھازىر، ئىرىم ئاللىقاچان قوساق مايلىرى ساڭگىلاپ، چوقىسىدا تۈك قالمىغان ئوتتۇرا ياشلىق ئاكىغا ئۆزگەردى؛ ئەگەر ئۇ يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە دىققەت قىلىپ ھەمدە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ، ئىلگىرىكى بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قالالىغان بولسا، مەن ئۇنىڭ يېشى بىلەن ھىسابلىشىپ كەتمەيتتىم، ئۇ 80-70ياشلارغا كىرىپ قالغان تەقدىردىمۇ، مەن يەنىلا ئۇنىغا شىلىمدەك چاپلىشىپ ئۆتۈشكە رازى ئىدىم. بىراق ئۇ مىنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈرۋەتتى، يا بەلكىم مىنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدىم بەك چوڭ بولغاچقا، شۇڭا ئاخىرىدا ئۈمىدسىزلىنىشىممۇ شۇنچە چوڭ بولغان بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، ھەرقېتىم ئۇنىڭ مايغا تولۇپ ساڭگىلاپ كەتكەن قوساقلىرىنى ۋە قورۇق باسقان چىرايىنى كۆرگەن ۋاقتىمدا، ئۇنىڭ بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشقا قەتئى رايىم بارمايدۇ.
2. چېن مۇشى، 35 ياش
   يىڭىلىق تۇيغۇسى قالمىدىغۇ دەيمەن؟ يالغۇز مىنىڭلا ئىرىمگە نىسبەتەن يىڭىلىق تۇيغۇسى قالمىدى ئەمەس، بەلكى بىز ھەر ئىككىمىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە نىسبەتەن يىڭىلىق تۇيغۇسى قالمىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، بىر-بىرىمىزگە لەپپىدە بىر قاراپ قويساقمۇ، سىزىم پەيدا بولۇپ يۈرەكلىرىمىز ئويناقشىپ كىتەتتى؛ ئەمما ھازىر، مەن ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلاشساممۇ ۋە ياكى ئۇنىڭ بىلەن سۆيۈشسەممۇ، خۇددى سېغىز چاينىغاندەك ھېچقانداق سىزىم تۇيغۇ ھىس قىلالمايمەن.
    بىز توي قىلغىلى ئون نەچچە يىل بوپتۇ، مەن ھازىر گەرچە يىڭىنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغان بولساممۇ، ئەمما كونىدىن زىرىككەنلىكىمنى ئىنكار قىلمايمەن؛ ئەمىلىيەتتە بۇنى، كونىدىن زىرىكىش دىگەندىن كۆرە، يىڭىلىق تۇيغۇسى كەمچىل بولۇشنى ئىپادىلىنىپ چىقىشى دەپ ئاتىساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئوتتۇرا ياشقا يەتكەن ھازىرقى مەزگىلىمدە، مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشنى خالىماس بولۇپ قېلىشىم، پۈتۈنلەي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ھەرىكەتلىنىشتىكى مەقسەت بولىدىغان يىڭىلىق تۇيغۇسىنىڭ يوق بولغانلىقىدىندۇر. بەلكىم كونا ئەر-خوتۇنلاردا، يىڭىلىق تۇيغۇسىدىن تېخىمۇ بەكرەك مۇھىم بولغان ھىسياتنى قامداپ تۇرۇش ئامىللىرى بار بولسا كىرەك؛ بولمىغاندا، بىز ئاللىقاچان ئاجرىشىپ، ھەر ئىككىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭغان بولاتتۇق.
3. يىڭ خۇا يۈلو، 39 ياش
   گەرچە گەپ ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما مەن ئۇنى قىسقارتىپلا سۆزلەي؛ مەن يېقىنلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىرىم بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشنى خالىمايمەن. چۈنكى، ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئاللىبۇرۇنلا نامدا بار ئەمەلدە يوق بولۇپ قالغان؛ مەن ھازىر پەقەت بالىنى دەپلا، ھازىرقى مۇناسىۋەتنى ۋاقىتلىق ھەم قىسقا مەزگىللىك ساقلاپ كىلىۋاتىمەن.
   ئىچى تېشى ئوخشاش بولمىغان ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى، ئەر-خوتۇنلارنى بىر ئۆيدە ياشاۋاتقان ناتونۇش كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بىر ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن شۇنى ئىنىق بىلىمەنكى، ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشىمايدۇ، ئاياللارنىڭ ئىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىش ياكى قىلماسلىقى ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىگە باغلىق؛ ئەگەر ئايال كىشى ئىلگىرى بۇ ھەقتە كۆڭلىنى بەرگەن بولسا ياكى ئىستىكى بار بولغان بولسا، ئەمما ھازىر كۆڭلى سۇۋۇپ كەتكەندىن كىيىن، ئوتتۇرلۇقتىكى مىھىر پۈتۈنلەي يوقىغان بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا ئاياللار ھەممىدىن كۆڭلى سۇۋۇپ، ئىرىنىڭ مۇھەببىتى بار بولغان تەقدىردىمۇ، ئايالىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئويى بولمايدۇ؛ بۇ ئەھۋال دەل مىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمنىڭ ھەقىقى خاتىرسى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号