ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
نىكاھ تۇرمۇشى ئاياغلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكنىڭ ئىپادىلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-07كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىر بۆلەك ياخشى ھالەتتىكى نىكاھنى ساقلاپ قېلىشتا، ئەر ۋە ئايال ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كىرەك بولىدۇ؛ ئەگەر پەقەت بىر تەرەپلا بەدەل تۆلەپ ياكى ئەجىر سىڭدۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپ كۈچ چىقارمايلا تەيياردىن ھۇزۇرلىنىمەن دىسە، بۇنداق نىكاھ ئۇزۇنغا سوزۇلالمايدۇ. بەزىبىر مەسىلە كۆرۈلگەن نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ كىتىشكە پۇرسەت بار بولسىمۇ، يەنە بەزىبىر مەسىلىلەر كۆرۈلگەن نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ ئەسلىگە ئەكەلگىلى بولمايدۇ؛ ئەگەر نىكاھ تۇرمۇشى جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر كۆرۈلسە، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، قايتىدىن بۇرۇنقىدەك ئەسلىگە ئەكەلگىلى بولمايدۇ، ياخشىلىغىلى بولغان تەقدىردىمۇ، ئوتتۇرلۇقتا تۈگۈنچە ساقلىنىپ قېلىپ، كىيىنكى تۇرمۇشىدا بەخىتكە ئىرىشمىكى ئاسانغا توختىمايدۇ.
1. ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت بارغانسىرى سۇسلىشىپ كىتىش
   مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا، بىر-بىرىنى بىردەم كۆرمىسە چىداشمايدۇ؛ ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببەت سۇسلىشىپ كەتكەندىن كىيىن بولسا، بىر-بىرىنى كۆرىدىغان كۆزى يوق بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا بىر-بىرىنىڭ يۈرۈش تۇرۇشى ۋە قىلغان ئىشىلىرىمۇ كۆزگە سىغمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
2. قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ كىتىش
   بىر ئائىلە ئىچىدىكى قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى، بىر قەدەر سەزگۈر ھەم بىتەرەپ قىلماق تەسكە توختايدىغان بىر مۇناسىۋەت؛ ئەگەر قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ كەتسە، ئائىلە ئىچكى قىسىمدىكى زىددىيەت كۈرەشلىرى بارغانسىرى كەسكىنلىشىپ، يېغىشتۇرۋالغىلى بولمايدىغان ھالەتكە بېرىپ يىتىشى ھەمدە ئاخىرى بېرىپ ئاجرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
3. ئائىلە ئىقتىسادىدا كىرزىس كۆرۈلۈش
    مۇقىم ھالىتىنى ساقلاپ، ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقان نىكاھ تۇرمۇشى، چوقۇم مۇقىم بولغان ئىقتىسادى ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. ھەركۈنى كىيىم-كىچەك ۋە يىمەك ئىچمەك قاتارلىق تۇرمۇش خىراجىتى ئۈستىدە گەپ تالىشىپ جىدەللىشىدىغان ئائىلە، بوران-چاپقۇن ئىچىدە قالغان قېيىققا ئوخشاش تەۋرىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھەر ۋاقىت ۋەيران بولۇش گىردابىدا تۇرىدۇ.
4. ئەر-خوتۇنلار ناتۇنۇش كىشىلەردەك بولۇپ قېلىش
   گەرچە بىر ئائىلە ئىچىدە ياشاۋاتسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرلۇقتا ھېچقانداق پىكىر ئالماشتۇرۇش يوق، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئۆتىدىغان ئەر-خوتۇنلار. بۇنداق نىكاھ تۇرمۇشىدا، گەرچە ئەر-خوتۇنلۇق نامى بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە نامدا بار ئەمەلدە يوق بولۇپ قالغان بولىدۇ.
5. نىكاھقا ئاسىيلىق قىلىش
     ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا بىر تەرەپتە ياكى ھەر ئىككى تەرەپتە نىكاھقا ئاسىيلىق قىلىپ تالاغا قاراش قىلمىشى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بۇنداق نىكاھ تۇرمۇشىمۇ كۆپىنچە ئاخىرىقى نوقتىغا يىتىپ قالغان بولىدۇ. بىر قېتىم تالاغا قاراش بىلەن كۆپ قېتىم تالاغا قاراشنىڭ پەرقى يوق بولۇپ، بۇنداق مۇھەببەتنى ياخشىلاپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ھالەتكە ئەكىلىش ئاساسەن مۇمكىن بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号