ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئەرلەر ساغلاملىقى
40ياشتىن ئاشقان ئەرلەر بۇ مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشى كىرەك
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-02كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا، جىسمانىيىتىدىكى ئىنچىكە ھالقىلارنى ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەمىلىيەتتە ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكى ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاجىز كىلىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە كىسەللىكنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك ئالامەتلىرىنى بايقىغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئەرلەرنىڭ يۈرەك مىڭە قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىگە، جىگەر كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى كىلىدۇ. ئۇنداقتا ئەرلەر قايسى خىل سالامەتلىك مەسىلىلىرىگە دىققەت قىلىشى كىرەك؟
1. تاماقتىن ئىلگىرى قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچمەسلىك
    ئاشقازان-ئۈچەينىڭ بېسىمىنى يىنىكلىتىمەن دىسەك، ئۇنىڭغا ئارتۇقچە غىدىقلاش بەرمەسلىكىمىز كىرەك. ھاراق، قەھۋە، قېنىق دەملەنگەن چاي، ئاچچىق يىمەكلىكلەر، سۇغۇق ساقلانغان ۋە خام يىمەكلىكلەر قاتارلىقلارنى ئىمكان قەدەر ئازايتىش كىرەك؛ بۇنىڭدا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىپ، ئاشقازان چاپلاشقاق پەردىسى زەخمىگە ئۇچراش خەۋپىنى ئازايتىشقا بولىدۇ.
2. كەچلىك تاماقنىڭ تويۇنۇپ يىمەسلىك
    كىلىنكىلىق تەتقىقاتلاردا كۆزىتىلىشىچە، جىگەرنى ماي قاپلاپ كىتىشنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ئىككى خىل بولۇپ، بىرسى ئۇزۇقلۇقنىڭ ئېشىپ قېلىشى، يەنە بىرسى ئىسپىرت. ئەرلەرنىڭ بەل ئايلانمىسىنىڭ توم بولۇپ قېلىشى كۆپىنچە يىمەك-ئىچمەكتىن بولىدىغان بولۇپ، جىگەرنى ماي قاپلاپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ باشقا ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى يوق. كەچلىك تاماقنى كۆپ بولغاندا 8ئۈلۈش تويۇنۇش، گۆشنى ئاز ئىستىمال قىلىش، ھاراقنى ئاز ئىچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكلەرنىڭ بەدەندە مايغا ئايلىنىپ كىتىشتىن ساقلىيالايدۇ.
3. سۈيدۈكنى يېغماسلىق، سۇنى كۆپ ئىچىش
    50ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ %50دىن كۆپرەكىدە سۈيدۈك قىستاپ كىلىش، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ بولۇش، سۈيدۈك تامچىلاش قاتارلىق قېرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەرلەرنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىغا قارىتا، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا، بۆرەككە سۇ چۈشۈش قاتارلىق كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە ئەرلەرنىڭ ھەر كۈنى 2.5-2 لىتىر ئەتراپىدا سۇ ئىچىشى ھەمدە سۈيدۈك يېغماسلىقى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
4. 40ياشتىن ئاشقاندا گۆشنى تاللاپ يىيىش
    ئەرلەرنىڭ يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يۈرەك مىڭە قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتى يۇقىرىلايدىغان بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى مايدا داغلانغان يىمەكلىكلەر، ھايۋانات مېيى يىيىشنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ؛ بۇ خىلدىكى يىمەكلىكلەر زىيادە ماي تەركىبلىرىنىڭ قان تۇمۇر دىۋارلىرىغا چۆكۈپ ئولتۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ ئارقىلىق ئارتىيە قېتىشىش ھەتتا قاندا نۆكچە پەيدا بولۇش خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ياش مەگىلىدىن كىيىن ئېغىزىمنى باشقۇرۇپ، سۇلۇ، پۇرچاق تۈرى، بىلىق تۈرىنى كۆپرەك يىيىشىمىز كىرەك، چۈنكى بۇ خىلدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ئادەمنىڭ قان تۇمۇرلىرىغا پايدىسى كۆپ بولىدۇ. بولۇپمۇ سېمىز گۆشلەرنى يىيىشنى ئازايتىشىمىز ياكى قەتئى ئىستىمال قىلماسلىقىمىز كىرەك.
5. تەرتىپلىك ھالدا ئاستا يۈگرەشنى ئۆگىنىش
    جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بىرسى يىمەك-ئىچمەكنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەت قىلىشقا ئادەتلىنىش كىرەك. نورمال ئەھۋالدا، ھەر ھەپتىدە 3قېتىم ھەرىكەت قىلىش، ھەر قېتىملىق ھەرىكەت 20 مىنۇتتىن ئاز بولماسلىقى كىرەك. ئەگەر شارائىت بولسا ۋەلىسپىت مىنىپ چېنىقساقمۇ بولىدۇ. بۇلارنىڭ جىگەردىكى ئارتۇق مايلارنى پارچىلاشقا پايدىسى بولۇپ، جىگەرنى ماي قاپلاپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بار بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号