ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئەرلەر ساغلاملىقى
ئەرلەر قىرىق ياشتىن ئاشقاندا...
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-05كۆرۈلىشى : قېتىم
    قىرىق ياش، ئادەمنى ئامالسىز قويىدىغان بىر خىل ياش چىگرا سىزىقى؛ ئۇ باھاردىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تال ئەتىرگۈلگە ئوخشاش، ئادەمنى مىھرىنى ئۈزەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئىلگىرىكى ياشلىقىمىز بىزدىن تەدرىجى يېراقلاپ كىتىۋاتقان بولۇپ، قىرىق ياشتىن ئاشقاندا  بىزنىڭ چىرايىمىز، فىزىلوگىيىمىز ۋە جىسمانىيىتىمىزنىڭ ھەر تەرەپلىرىدە بارغانسىرى چوڭ ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا بىز ياش ۋاقتىمىزدىكىگە ئوخشاش، ئۆز ۋاقتىمىزنى، زىھنىمىزنى، ماغدۇرىمىزنى خالىغانچە خورىتىۋەتمەسلىكىمىز لازىم؛ بۇ ۋاقىتتا بىز ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ئاسرىساق ئاندىن ئەڭ ياخشى ھالەتنى ساقلاپ قالالايمىز.
    ئەرلەر قىرىقتىن ئاشقاندا، 30-20 ياش ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش، چىرايلىق ئاياللارنى كۆرسىلا تىكىلىپ قاراپ قەدەم ئالالمايدىغان ھالەتلەرنى قايتا سادىر قىلماسلىقى كىرەك. سىز ھەر قانچە ھاياجانلىنىپ، يۈرەكلىرىڭىز ئويناپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئوبرازىڭىزغا دىققەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ.
    ئەرلەر قىرىقتىن ئاشقاندا، ئەگەر خۇشال تۇرمۇش كەچۈرەلمىگەن بولسىڭىز، سىز بەلكىم ئۆلگىچە مۇشۇنداق ئۆتۈپ كىتىشىڭىز مۇمكىن. سىز كۆكسى-قارنىڭىزنى كەڭرى تۇتۇپ، كۆڭلىڭىزنى قويىۋىتىڭ؛ چۈنكى مۇۋەپپىقىيەتنىڭ چوڭ-كىچىك بولۇشى ياكى نەتىجە قازىنىش-قازىنالماسلىق، بۇلارنىڭ پۇل بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، نام-شۆھرەتلىك ياكى ئىززەت-ئابرويلۇق ئۆتكەنمۇ يوق دىگەنلەر تارىخلارغا يېزىلمايدۇ.
   ئەرلەر قىرىقتىن ئاشقاندا، بىرەر ئىككى تۈرلۈك نەتىجە قولغا كەلتۈرگەن بولۇشى ئاسانغا توختىمايدۇ، ھېچقانداق نەتىجە قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولۇشى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ. سىز گەرچە بۇ مەزگىلگىچە ھېچقاندا ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغان بولسىڭىزمۇ، ئەمما دۆلىتىمىزدە ۋە چەتئەللەردە شۇنداقلا قەدىمدە ۋە ھازىردا، "ياش بىر يەرگە بېرىپ ئۇزاق ۋاقىت بولغاندا ئاندىن نەتىجە قازىنىدىغان" مىساللار ئاز ئەمەس، شۇڭا سىز پەقەت ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىزلا، يەنىلا قول قويۇۋىتىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
    ئەرلەر قىرىقتىن ئاشقاندا، ئەمەلدار بولسىڭىز پاك ئەمەلدار بولۇشىڭىز؛ تىجارەتچى بولسىڭىز، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ۋاقتىدا باج تاپشۇرۇشىڭىز؛ ئىشلەمچى بولسىڭىز، ئەمگىكىڭىزگە تايىنىپ چىشلەپ، قالايمىقان قول ئۇزارتىشتىن ساقلىنىشىڭىز لازىم. ئادەم 30-20 ياش ۋاقىتلىرىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ سالسا، بۇنداق ۋاقىتتا يەنە خاتالىقىنى تۇنۇپ قايتىدىن ئادەم بولۇش پۇرسىتى بار بولىدۇ؛ ئەمما قىرىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن يەنە خاتالىشىپ، ئۆزىڭىزنى پاتقاققا پاتقۇزۇپ قويسىڭىز، ئۇنداقتا راستىنلا قايتا بىر پۇرسەتكە ئىرىشمىكىڭىز تەسكە توختايدۇ.
    ئەرلەر قىرىقتىن ئاشقاندا، ۋاپادارلىق بۇرچىنى كۆپرەك ئادا قىلىش كىرەك؛ ئىگىلىكىڭىز ھەرقانچە چوڭ، خىزمىتىڭىز ھەرقانچە ئالىدىراش بولسىمۇ، يەنىلا ئاز-تولا ۋاقىت چىقىرىپ چوڭلارغا بىلەن بىرلىكتە تاماق يىيىشنى ۋە بىرەر دەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ؛ بۇنىڭدا ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئسىل ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلالىغان بولسىز ھەم  بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆز-ئارا مىھرىبان بولۇشتەك ئەنئەنىنى تارقىتىپ، كىيىنكى ئەۋلادلارغا ئۈلگە بولالايسىز. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ئاتا-ئانىڭىزغا قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز، كەلگۈسىدە سىزنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرىڭىزمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ.
    ئەرلەر قىرىقتىن ئاشقاندا، ئالەمنى سېتىۋالغۇدەك ھەرقانچە كۆپ پۇلى بولغان تەقدىردىمۇ، ئىككىنچى خوتۇن ئېلىش، ئاشنا تۇتۇش دىگەنلەردىن مۇستەسنا بولۇش كىرەك. مەيلى كىم-كىمنى بويسۇندۇرغان بولمىسۇن، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەمنى دەيدەيگە سالغىنى پەقەت پۇلدۇر؛ پۇل دىگەن بۇ نەرسىنىڭ  پۇت بولمىغان بىلەن، پۇتى بار نەرسىلەرگە ئوخشاش تىز يۈگرەيدۇ. بۇندىن باشقا ھازىرقى جەمئىيەتتە، سىزنىڭ يېنىڭىزدا  ئايالىڭىزدىن باشقا چىرايلىقراق بىرەر ئايال كىشى يېنىڭىزدا تۇرسا، سىز تەبىئىلا شاللاق بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ ھالەت باشقىلارنىڭ نەزىردە پۇل-شەھۋەت سودىسى ياكى ھوقۇق-شەھۋەت سودىسى بولۇپ كۆرىنىدۇ.
    ئەرلەر قىرىقتىن ئاشقاندا، باشقىلارنىڭ ماتەم مۇراسىمىغان بىر نەچچە قېتىم كۆپرەك قاتىنىشىپ قويىشى كىرەك. چۈنكى بۇ مەزگىلدە ھاياتلىق مۇساپىسى يېرىمدىن ئاشقان بولۇپ، سىز ئوتتۇرلۇقتا ھاياتلىقنىڭ ئاخىرىقى نوقتىسىنى ئىكىسكورسىيە قىلىپ قويسىڭىز، ئۆزىڭىزدىكى تەشۋىشلىنىش پىسخىكىسىنى يوقىتىپ، "كۈن ئولتۇرسا بىر كۈنگە ھىساب" دىگەن بىخۇتلىشىش ھالىتىڭىزنى تۈگىتىشكە ھەمدە ھاياتلىققا، تۇرمۇشقا، يىللارغا قارىتا مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا بولۇشىڭىزغا پايدىسى بار.
    ئەرلەر قىرىقتىن ئاشقاندا، 20 ياشلىق قىزلاردىن يېراق تۇرىشى كىرەك؛ ئۇ مەيلى ھەرقانچە كۆزنىڭ يېغىنى يىگىدەك بولسىمۇ، سىزنى ئۆزىگە ھەرقانچە مەپتۇن قىلىۋالىسىمۇ يېراق تۇرىشىڭىز كىرەك. چۈنكى ئۇلار ياشلىق باھارىنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىللىرىدە تۇرۋاتقان بولىدۇ، ئەمما سىز بولسىڭىز، ھاياتىڭىزنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىسراپ قىلىپ بىر يەرلەرگە كىلىپ بولغان؛ شۇڭا ئەگەر ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنى پاتقاق ۋە ئەگرى توقايلىقلارغا تولغان جاپا-مۇشەققەت يوللىرىغا سۆرىمەڭ.
    ئەرلەر قىرىقتىن ئاشقاندا، چىدامچان ھەم كۈچلۈك كەلگەن مۈرىسى بار بولىشى، بوران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بولىشى، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كۆتۈرەلەيدىغان بولىشى كىرەك. ھەر قانچە جەۋرى-جاپالارنى تارتسىمۇ، ئايالىغا ئىللىق بىر تايانچ بولۇشتىن باش تارتماسلىقى، بالىلىرىغا بوران-چاپقۇنلاردىن توسىدىغان بىر قولتۇق بىرىشى، ئائىلىسىگە بىر پۇشايمانسىزلىق ۋەدىسى بىرىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号