ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئەرلەر ساغلاملىقى
ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى سېغىنىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-03كۆرۈلىشى : قېتىم
   دۇڭ چىن مۇنداق دىگەن: "سېغىنىش ۋاقىتنى ئاستا ئۆتۈۋاتقاندە ھىس قىلدۇرىدۇ، يېراقتىكىلەرنى يېقىن قىلىدۇ؛ سېغىنىش ئىرىشىشنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى ئىكەنلىكىنى بىزگە بىلدۈرىدۇ.". ئارلىق، بىر ئەر كىشىنىڭ بىر ئايال كىشىگە بولغان سېغىنىش ھىسياتىنى توسۇپ قالالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال كىشى ئۇ ئەرنىڭ قەلبىدە ياشاۋاتقان بولىدۇ؛ بۇ خىل ھىسيات خۇددى بىخلىنىۋاتقان ئۇرۇغقا ئوخشاش، قاتتىق قېپىدىن بۆسۈپ چىقىپ، نۇر بار جايغا قاراپ ئۆسۈشكە تىرىشىدۇ.
    بەلكىم ئاياللار ئەلەرنىڭ بىرسىنى سېغىنغاندىكى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى مۇھەببەتنىڭ ئالدىدا ئەرلەر ئالاھىدە تارتىنچاق بولۇپ قالىدۇ؛ ئەمما مۇھەببەت قۇشى راستىنلا ئۇلارنىڭ بېشىغا قونغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈش قىزغىنلىقىنى كونتىرول قىلالمايدۇ.
   ئەرلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئايالنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ كىتىدۇ؛ ئەمما ئۇلارنى كۆرەلمىگەندە بولسا، كەيپىياتى ئىنتايىن تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. ئۇلارنىڭ سېغىنىش ھىسياتى ياخشى كۆرىدىغان ئايالنىڭ يېنىدا بولماسلىقى سەۋەپلىك سۇسلاپ كەتمەستىن، بەلكى تېخىمۇ كۈچىيىپ كىتىدۇ. ئۇنداقتا، ئەرلەرنىڭ بىر ئايال كىشىنى سېغىنغاندىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى قانداق بولىدۇ؟ تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ!
1. گېلىدىن تاماق ئۆتمەي، قويغان-تۇتقىنىنى بىلەلمەيدۇ.
    ئەرلەر بىرسىنى بەك سېغىنىپ كەتكەن ۋاقتىدا، ھېچقانداق ئىشتا دىققىتىنى يېغالمايدۇ؛ ھەتتا ئوخلىغان ۋاقتىدىمۇ، سېغىنىش سەۋەپلىك ئۇيقۇسى قاچىدۇ.
    مۇھەببەتلىشىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققا ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇنداق بىر خىل كەچمىشى بار: مۇھەببەت مۇناسىۋىتى بىكىتىلىشتىن بورۇن، ئايال تەرەپنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزى ۋە ھەرىكەت قىلمىشلىرى ئەر كىشىنى ئويغا سېلىپ قويىدۇ؛ ئەرلەر ھەمىشە ئايال كىشىنى بىرەر مەنىدىن بىشارەت بىرىۋاتامدىكى دەپ ئويلايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان تەسىراتىغا ئالاھىدە ئىتىبار بىرىدۇ.
    ئىرىشەلمىگەن نەرسە مەڭگۈ ئەزىز بولىدۇ؛ ئەرلەر ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايالنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشىشنى ئويلىغانسىرى، ئاسانلا ئۇنى سېغىنىشتىكى ئۆلۈك ئايلانمىغا  پېتىپ قالىدىغان بولۇپ، گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
2. ئالاقىدار نەرسىلەرگە قاراپ ئۇنىڭ ئىگىسىنى سېغىنىدۇ.
    ئادەم ئاجايىپ بىر خىل جانلىق، ئۇ ھەمىشە بىرەر نەرسىنى كۆرگەن ھامانلا، ئۇنتۇلۇپ قالغىلى ئوزۇن بولغان ئالاقىدار خاتىرىلەرنى ئەسكە ئالىدۇ. گەرچە بۇ نەرسىلەر جانسىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار مەلۇم بىرسىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى سەۋەبلىك ھاياتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
    ئەرلەر بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ئۇلار ئۇ ئايال كىشىنىڭ نىمە يىيىشنى ۋە نىمە ئويناشنى، قانداق رەڭلەرنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى ئەستىن چىقارمايدۇ؛ ۋاقىت ئۇزارغانسىرى،ئۇلار نىمىنى كۆرسە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئاشۇ ئايال كىشى بىلەن بىرلەشتۈرۋالىدۇ. ئۇنىڭ كەيگەن كىيىملىرىنى كۆرسە، ئۇنىڭ كىيىم كەيگەن ھالىتىنى ئەسلەيدۇ؛ ئۇ ئىشلەتكەن تاماق قاچىلىرىنى كۆرسە ئۇ قىلغان تاماقلارنى ئەسلەيدۇ؛ ئۇنىڭ خەتلىرىنى كۆرسە، ئۇ يازغان مۇھەببەت خەتلىرىنى ئەسلەيدۇ. ئۇ ئايال كىشى خۇددى  بۇ ئەر كىشى تەرپىدىن يۈرىكىگە چىكىۋىلىنغانغا ئوخشاش، ناھايىتى ئېغىر كۆڭۈل ئازابى بولۇپ قالىدۇ.
3. كۈنلىرى ناھايىتى تەس كەچ بولىدۇ.
    ياخشى كۆرگەنلىكتىن ساقلايدۇ؛ ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاش ھەقىقەتەن ئادەمنى ئازاپقا قويىدىغان بىر ئىش، ئۇ خىلدىكى كۆرۈشۈشنى ئويلايدىغان ئەمما كۆرۈشەلمەيدىغان ۋاقىتتىكى ئازاپقا بەرداشلىق بىرىش ئاسان ئەمەس. ئەر كىشى بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇشنى ئويلايدۇ، مەڭگۈ زىرىكىپ قالمايدىغان ھالەتتە بولىدۇ.
    ئەمما ئەرلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللار بىلەن بىردەم بىرگە بولالمىسا، ئۇلار خۇددى پۈتۈن دۇنيا خىرەلىككە تولۇپ كەتكەندەك ھىس قىلىدۇ. ئەرلەر ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايال يېنىدا بولمىغان ۋاقىتنى سىكونت ساناپ ئۆتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قانداق ئىشلار ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالمايدۇ.
    ئەمما ئەرلەر ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايالنىڭ پەقەت يېراقتىن ئۇنىڭ كەينى سىماسىنى كۆرەلسىمۇ ئۇ ناھايىتى خوشال بولۇپ كىتىدۇ، پەقەت ئۇنىڭ ئاۋازىنىلا ئاڭلىيالىسىمۇ، ھاياجانغا تولۇپ كىتىدۇ.
    ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئەرلەر بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن كىيىن، ئۇ ئايال كىشى ئۇلارنىڭ پۈتۈن قەلبىنى ئىگەللىۋالىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئايال كىشى بۇ ئەر كىشى بىلەن بىر يۈرەكنى ئورتاق ئىشلىتىۋاتقان ئىككى ئادەمگە ئوخشاش، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

  • تاسمىبىلىق(带鱼)

    تاسمىبىلىق(带鱼)

    تاسمىبىلىق ئۇكۇنسىمانلار ئەترىتى تاسمىبىلىق ئائىلىسىدىكى بىلىق بولۇپ، ئاساسلىقى تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيانغا تارالغان. دۆلىتىمىزنىمۇ بوخەي، خۇاڭخەي، دوڭخەي دې

  • تۇغۇلغان كۈنىڭىزدىن قانچىلىك بايلىقىڭىز بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز

    تۇغۇلغان كۈنىڭىزدىن قانچىلىك بايلىقىڭىز بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز

    ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگۈسى كىلىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بىز تۇغۇلغان كۈنىمىزنىڭ ئاخىرقى بىر خانىسىگە ئاساسەن، ئۆزىمىزنىڭ بايلىق جەھە

  • تۆت مىلياردقا يېقىن ئەركىشى ئارىسىدا ئەڭ ئۆزگىچە بولغان سەككىز ئەر

    تۆت مىلياردقا يېقىن ئەركىشى ئارىسىدا ئەڭ ئۆزگىچە بولغان سەككىز ئەر

    دوختۇرلار ئۇنىڭ ئۇۋۇلۇپ كەتكەن باش سۆڭىكىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن، ئەسلىدىكى مىڭىسىنىڭ ئاران يېرىمى قالغان ئىلۋىس، ھازىرغىچە سالامەت ياشاپ كەلمەكتە.

  • بالا تەربىيىلەشتىكى توغرا ئۇسۇللار

    بالا تەربىيىلەشتىكى توغرا ئۇسۇللار

    سىز ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىپ ئاڭلاشنى خالىغان ۋاقتىڭىزدا، بالا ئاندىن سەۋەپبى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدۇ، چوڭلارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىشلەيدىغان تەربىيىسىمۇ تېخىمۇ ئەم

  • قىچا كۆكى(芥兰)

    قىچا كۆكى(芥兰)

    قىچا كۆكى كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇنىڭ غولى ۋە يۇمران يۇپۇرماقلىرىنى ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.

  • ھەقىقى مۇھەببەت قانداق بولىدۇ؟

    ھەقىقى مۇھەببەت قانداق بولىدۇ؟

    ئەگەر ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا مۇھەببەت ھىسياتلىرى تۇغۇلسا، ئۇنداقتا ئۇلار ياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە باي-نامراتلىق پەرقىگە ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ.

  • ئاياللارنىڭ ئەڭ كىيىنكى تۇغۇت يېشى نەچچە ياش؟

    ئاياللارنىڭ ئەڭ كىيىنكى تۇغۇت يېشى نەچچە ياش؟

    ھەممە ئايال كىشى ئانا بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئاياللارنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا بار بولىدىغان بىر خىل ئالاھىدىلىكىدۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بارلىق قىيىنچىلىق ۋە ب

  •  قىزلارنى قانۇنلۇق ئېلىپ ساتقىلى بولىدىغان دۆلەت

    قىزلارنى قانۇنلۇق ئېلىپ ساتقىلى بولىدىغان دۆلەت

    بىراق دۇنيادا شۇنداق بىر جاي بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر قىزلارنى ئېلىپ-سېتىش قانۇنلۇق قىلمىش ھىسابلىنىدىغان جايدۇر؛

  • غاز گۆشى(鹅肉)

    غاز گۆشى(鹅肉)

    غاز گۆشى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىنىڭ يىتىلىشىگە زۈرۈر بولغان ھەر خىل ئامىنو كىسلاتالىرى بار بولۇپ، ئامىنو كىسلاتارلىرىنىڭ تەشكىللىنىشى ئادەم بەدىنى ئىھتىياجلىق بو

  • ھەر كۈنى ئۆلۈم خەۋپى ئاستىدا تۇرىدىغان قىزچاق

    ھەر كۈنى ئۆلۈم خەۋپى ئاستىدا تۇرىدىغان قىزچاق

    ئامىرىكا تىنىسسىي شىتاتىدىكى 7 ياشلىق بىر قىز بالا، ئۇيقۇخۇمارلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان؛ يېقىندا ئۇ 15 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 98 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغ

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号