ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئەرلەر ساغلاملىقى
ئىككى قولىغا تايىنىپ ئىشلەپ ئۆي سېتىۋالغان مېيىپ يىگىت !
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-28كۆرۈلىشى : قېتىم
    يېقىندا، توردىكى "مېيىپ يىگىت يانفونغا ئىكران قوغداش پىلاستىرى چاپلاپ، ئالتە يىلدا بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدى" تېمىسىدىكى سۈرەتلىك فىلىم، خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھىرىدىكى شىيا شىۋېينىڭ داڭقىنى چىقىرۋەتتى. ئۇنىڭ ئۆز تەقدىرىگە بوي ئەگمەي، روھىنى ئۇرۇغۇتۇپ ياشىغانلىق كەچمىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، كۆپلىگەن خىرىدارلار ئۇنىڭغا قوغداش پىلاستىرى چاپلىتىش ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن نەچچە ئېغىز پاراڭلىشىش ئۈچۈن، ئۇنى مەخسۇس ئىزدەپ كەلدى.
    5يېشىدا دادىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلىگە بىر تېپىشى بىلەن، شىياشىۋېي قايتا ئورنىدىن تۇرالمىدى ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتتى. قورامىغا يەتكەندىن كىيىن، ئۇ ئۆزى يالغۇز نەنياڭ شەھىرىگە كىلىپ، شار سېتىش، CDپىلاستىنكىسى سېتىش ھەتتا تىلەمچىلىك قىلىش قاتارلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئاخىرى كىلىپ يانفونغا قوغداش پىلاستىرى چاپلاش تىجارىتىنى تاللىدى. 2014-يىلى شىياشىۋېي ئالتە يىل پىلاستىر چاپلاپ يېغقان پۇللىرىغا نەنياڭ شەھەر رايونىدىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدى.
   بېيجىڭ ياشلار گىزىتىنىڭ مۇخبىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتتا، شىياشىۋېي ئادەتتىكىگە ئوخشاش، نەنياڭ شىنخۇا شەھەر مەيدانىدا باشقىلارنىڭ يانفونىغا قوغداش پىلاستىرى چاپلاپ بىرىۋاتاتتى؛ ئەمما پىلاستىر چاپلاتقىلى كەلگەن قىزچاق ئادەتتى خىرىدارلارغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغان بولۇپ، بۇ قىزچاق توردا ئېقىپ يۈرگەن سۈرەتلىك فىلىمدىن شىياشىۋېينىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بىلىپ، ئۇنىڭ قەيسەرلىكىدىن تەسىرلەنگەن ھەمدە ئۇنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قوللاش ئۈچۈن، ئالاھىتەن ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەن.
    شىياشىۋېينىڭ دىيىشىچە، ئو توغرىسىدىكى سۈرەتلىك فىلىم توردا تارقالغاندىن كىيىن، ھەر كۈنى ئۇنى مەخسۇس ئىزدەپ پىلاستىر چاپلاتقىلى كەلگەنلەرنىڭ سانى 20دىن ئېشىپ كەتكەن؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىرى نەچچە يۈز كىلومىتىر يول بېسىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ شۇنچە يېراقتىن كىلىشىدىكى مەقسەت، ئۇنىڭغا پىلاستىر چاپلىتىش ۋە نەچچە ئېغىز ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىش ئۈچۈن ئىدى.
    مېيىپ بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى تىلغا ئېلىنغاندا، شىياشىۋىي بەش ياشقا كىرگەن يىلى دادىسى ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ، ئانىسى بىلەن سوقۇشۇپ، شىياشىۋېينىڭ بىلىگە بىرنى تەپكەن؛ شىياۋشىۋېي نەخ مەيداندىلا يېقىپ چۈشۈپ، شۇندىن كىيىن ئىككىنچىلەپ ئورنىدىن تۇرالمىغان، دۇختۇرلار ئۇنىڭغا بەلنىڭ ئاستىنقى قىسىمى پۈتۈنلەي پالەچ بولۇپ قالغان دەپ دىئاگونۇز قويغان. ئەمما ھازىر كىچىك ۋاقتىدىكى كەچمىشلىرى تىلغا ئېلىنغاندا، شىيا شىۋېي ئاللىقاچان كاللسىدىن ئۆتكۈزۈپ، كۆڭلىدىن چىقىرۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دادىسىنى ئاللىقاچان كەچۈرۋەتكەنلىگىنى، ھازىر دادىسىنىڭ ئۇنىڭ بىردىنبىر تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى، دادىسىنڭ ھازىر قېرىپ قالغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
    شىيا شىۋېي پالەچ بولۇپ قالغاندىن كىيىن، كىچىك ۋاقىتلىرىدا ھەممە ئشىتىن كۆڭلى سۇۋۇپ، ھەر كۈنى كارۋاتتا يېتىپ دۇنيانىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن ئاغرىنىپ ئۆتكەن. 2008-يىلى 22ياشقا كىرىپ قالغان شىياشىۋېي بۇنداق يېتىۋەرسە تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ قاراڭغۇلۇققا تولۇپ كىتىدىغىنىنى ھىس قىلىپ، شۇيىلنىڭ بېشىدا ئۆزى يالغۇز نەنياڭ شەھرىگە كەلگەن.
   نەنياڭغا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە شىياشىۋېي تىلەمچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن؛ كۈندۈزلىرى كىشىلەرنىڭ سۇغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ، ئاخشىمى سىرتلاردا قونۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان؛ بەزىدە تېخى باشقا تىلەمچىلەر كىلىپ ئۇنىڭ تىلەمچىلىك قىلىپ ئىرىشكەن پۇللىرىنى بۇلاپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ بولغان. 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 12 كۈنى، شىياشىۋېي خەلق مەيدانىدىكى چوڭ ئىكراندىن سىچۈەن ئۆلكىسى ۋېن چۈەن ناھىيىسىدىكى يەر تەرۋرەش ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ شۇنچە ئېغىر كۈلپەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپمۇ، يەنە قەيسەرلىك بىلەن ياشاۋاتقانلىقىدىن تەسىرلىنىپ، چاقلىق ئورۇندۇقىنى تەۋرەتكىنىچە پۇل ئىئانە قىلىش نوقتىسىغا بېرىپ ئۆز يېنىدىكى تىلەمچىلىك قىلىپ ئىرىشكەن 30يۈەن پۇلىنى ئىئانە قىلغان ھەمدە بۇندىن كىيىن تىلەمچىلىك قىلماي، ئىككى قولىغا تايىنىپ ئىقتىدارى يىتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بەل باغلىغان.
    شۇندىن كىيىن، شىيا شىۋېي ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، شار ۋە CDپىلاستىنكىلىرىنى سېتىپ باققان، ئاخىرىدا يانفونغا قوغداش پىلاستىرى چاپلاش كەسپىنى تاللىغان. ئۇ ھەر كۈنى خەلق مەيدانىدا يانفونغا قوغداش پىلاستىرى چاپلاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، بىر پىلاستىر چاپلىسا 10 يۈەن ئالىدىكەن، سودىسى ياخشى بولغان ئايلىرى، بىر ئايدا 3000يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدىكەن. 2014-يىلى شىياشىۋېي ئۆزى 6يىل مابەينىدە پىلاستىر چاپلاپ يېغقان پۇللىرىغا نەنياڭ شەھىرىدىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋىلىپ، تۇرىدىغان جايى بار بولغان.
    ھازىر شىيا شىۋېي نەنياڭ شەھىرىدىكى "ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار ئەترىتى" گە قاتنىشىپ، بىكار ۋاقىتلىرىدا ئۇلار بىلەن بىللە دارىلتام ۋە ياشانغانلارنى كۈتۈش ئۇرۇنلىرىغا بېرىپ ياشانغانلار ۋە يىتىم بالىلارنى يوقلاپ تۇرىدىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号