ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئەرلەر ساغلاملىقى
ئەرلەرنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىدىغان ئۇششاق يىمەكلىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-05كۆرۈلىشى : قېتىم
    تۇرمۇش رېتىمى تىز بولغان ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، بارغانسىرى كۆپ كىشىلەر خىزمەت بېسىمى، ئۆگىنىش بېسىمى، ئائىلە بېسىمى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويىدۇ، بولۇپمۇ بۆرەكنى ئاسراش جەھەتتە. بۆرەك، ئادەم بەدىنىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى كونتىرول قىلىپلا قالماي، يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بۆرەكتە مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇنداقتا زەھەرلىك ماددىلار ۋە ئەخلەتلەرنىڭ سۈيدۈك بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋىتىلىشىگە تەسىر يىتىپ، ئاسانلا بەدەندىكى باشقا ئەزالاردا مەسىلە كۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك قېرىپ كىتىشنى تىزلىتىپ ساغلاملىققا تەھدىت ئېلىپ كىلىدۇ. ئۇنداقتا ئەرلەر بۆرىكىنى قانداق ئاسراش كىرەك؟ ئەگەر سىز بالدۇرلا قېرىپ كەتمەي دىسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى پارچە يىمەكلىكنى دائىم يەپ بىرىشنى ئۇنۇتماڭ.
قۇرۇتۇلغان ئاپلىسىن پوستى
    قۇرۇتۇلغان ئاپلىسىن پوستى قارىماققا ئەخلەتتەك كۆرىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. جۇڭگۇ تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، قۇرۇتۇلغان ئاپلىسىن پوستى، ئىسسىق يەلنى ھەيدەپ، ئۆت ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئەرلەر ئادەتتە، قۇرۇتۇلغان ئاپلىسىن پوستىنى چايغا چىلاپ ئىچسە، قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىشقا بولۇپلا قالماي، يەنە يۈرەك قان تۇمۇرلىرىنى كېڭەيتىپ، يۈرەك-مىڭە قان تۇمۇرلىرى كىسەللىكلىرىگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ ھەمدە بەدەندىكى ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئاشۇرۇپ، بۆرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ.
ياڭاق
   ياڭاق، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەرنىڭ بىرى؛ ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى ئادەمنىڭ مىڭىسىگە ئوخشايدۇ، شۇڭا ھەمىشە مىڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئىسىل يىمەكلىك دەپ قارىلىدۇ. بىراق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ بىلمەيدىغىنى، ياڭاقنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەشتىمۇ يامان ئەمەس ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ. جۇڭگۇ تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، ياڭاقنىڭ ئادەمنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش جەھەتتىكى جۇڭگۇ تىبابىتى دور مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق قوشۇمچە ماتىريالى بولۇپ، ئۇنىڭ قان ۋە ماغدۇر تۇلۇقلاش، ھۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش، ئۆپكىگە نەملىك يەتكۈزۈپ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، تىرىگە ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۆرىكى تازا ياخشى بولالمىغان دوستلار، دائىم ياڭاق يەپ بىرىشنى داۋاملاشتۇرۇش كىرەك.
سېرىق پۇرچاق
    ھازىرقى زامان تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، بەش خىل دانلىق زىرائەت ئىچىدە، بۆرەك بىلەن مۇناسىۋىتى ئەڭ زىچ بولغىنى پۇرچاق بولۇپ، سېرىق پۇرچاق پۇرچاق ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى بارلىق ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى؛ بۇندىن باشقا، سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە، ئادەم بەدىنىگە زۈرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتا تەركىبلىرى ئەڭ تۇلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە نۇرغۇنلىغان تويۇنمىغان ياغ تەركىبلىرى بار. بۇ ياغ تەركىبلىرى ئادەم بەدىنىدە مىڭە فوسفاتىدلىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ، بۇ مىڭە فوسفاتىدلىرى بولسا، ئادەم مىڭىسىگە زۈرۈر بولغان ھەمدە قېرىشقا قارشى تۇرۇپ بۆرەكنى كۈچلەندۈرىدىغان ئۇزۇقلۇق تەركىبىدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号