ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئەرلەر ساغلاملىقى
ئەرلەر ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى بار بولماقچى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-28كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئەرلەر ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى پات ئارىدا بارلىققا كىلىدىكەن!
    بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، نۇرغۇنلىغان ئاياللار، بۈگۈن خىزمەتكە بارماي دەم ئالىدىغان بولغانغا ئوخشاش ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن... ...
    ئەمىلىيەتتە، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش، ئەسلىدىنلا ئەر ۋە ئايال ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بولۇشى كىرەك. چۈنكى، ئەسلى مەقسەتنىڭ سىرتىدا پەيدا بولۇپ قالغان ئۇ كىچىك ھاياتلىقتا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ "تۆھپىسى" بار.
    ئۇنداقتا، نىمە ئۈچۈن ئاياللار ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى تەتقىق قىلىش نىسبەتەن تەرەققى قىلىپ بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەن، ئەمما ئەرلەر ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىزچىل تۈردە دۇنياغا كۆز ئاچالماي قالغان ئەھۋال شەكىللىنىپ قالغان... ...
    ئەمىلىيەتتە، بۇنىڭ سەۋەپلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە بىز بۇلارنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
    نىمە ئۈچۈن ئەرلەر ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىق دورىسىنى تەتقىق قىلىش ئىزچىل تۈردە كەينىدە قالىدۇ؟
    ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ تەرەققىياتى، كۆپىيىشى تىبابەت ئىلمى ئاساسى تەتقىقاتىدىكى ئىلگىرلەش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
    بىراق، مەدىنىيەت ۋە تارىخ قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە، گاندوننىڭ 400يىلغا يېقىن بولغان تەرەققىيات تارىخى قوشۇلۇپ، ئەرلەر ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش ئىزچىل تۈردە ئارقىدا قالغان.
    20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە، ئامىرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگۇلۇق ئالىم جاڭ مىڭجۆ قاتارلىقلار، بىرىنچى ئەۋلاد ئاياللار ئىچىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە، ئىككىنچى ئەۋلاد ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى بارلىققا كەلدى.
    ئەمىلىيەتتە، بۇمۇ تارىختىن بويان ساقلىنىپ قالغان بىر مەسىلە. قەدىمقى زامان تەسۋىرلەنگەن تىلىۋىزىيە فىلىملىرىدە تەسۋىرلەنگەن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى، پەقەت سىنارىيەنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن توقۇپ چىقىلغان مەزمۇنلار بولۇپ، ئەمىلىيەتتە ھەقىقى تۈردىكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى بۇنداق ئەمەس.
    قەدىمقى زاماندىكى كىشىلەر ھامىلدارلىقتىن قانداق ساقلانغان؟ ئۈنۈمى قانداق بولغان؟
    ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى، قەدىمقى مىسىر ۋە قەدىمقى رىمدىن باشلانغان.
    ئىسپىرمىنى سۈمۈرۋىلىش ياكى ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن، تىمساق گەندىسى ياكى قوي يۇڭى ئارىلاشتۇرۇلغان بىر خىل قۇيۇق ئۇماچ ھالىتىدىكى ماددىنى، پاختا تاياق شەكىلدە مۇقىملاشتۇرغاندىن كىيىن، ئۇنى ئاياللارنىڭ جىنسى يولىغا سېلىپ قويغان.
    16-ئەسىردىن كىيىن، گاندوننىڭ ئىپتىدائى شەكلى—ئەرلىك كۆپىيىش ئەزاسى غىلاپى كۆرۈلۈشكە باشلىغان؛ بۇ خىل غىلاپ، ئادەتتە قوينىڭ ئۈچىيى ياكى بېلىق تىرىسىدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ئەمما ئۈنۈمى تازا ياخشى بولمىغان ۋە ئىككى تەرەپكە بەلگىلىك زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كەلگەن.
    18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە، گىرمانىيەلىك دوختۇر سىنگىر، تۇنجى بولۇپ رېزىنكىدىن ياسالغان جىنسى ئەزا ئايرىش پەردىسىنى ياساپ چىقىپ، ئىلمى ئۇسۇلدا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئىشىكىنى ھەقىقى تۈردە ئاچقان.
   ھازىر ئاياللار ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى تەرەققى قىلىپ بەلگىلىك باسقۇچقا يەتكەن، ئۇنداقتا ئەرلەر ئاياللار ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ! ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ فىزىلوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىشلىتىش پىرىنسىپىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
بىراق ھېچقىسى يوق، ئەرلەر ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ناھايىتى تىزلا بارلىققا كەلمەكچى... ...
    ئەڭ يىڭىدىن تەتقىق قىلىپ چىققان ئەرلەر ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى زادى قانداق نەرسە؟
   3-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئامىرىكا ۋاشىنگىتون تەتقىقات ئەترىتى، ئۇلار تەتقىق قىلىپ چىققان ئەرلەر ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق كىلىنكىلىق تەجىربىدە سىناقتىن ئۆتكەنلىكى، يەنى ئادەم بەدىنى بىخەتەرلىك ۋە چىدامچانلىق سىنىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
    بۇ خىل دورا بولسا، بىر خىل ئۆزگەرتىلگەن تېستوستىرون(睾酮) بولۇپ، ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ ۋە پروگېستېروننىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە؛ ئالدىنقىسى جىنسىي ئىستەكنى ساقلايدۇ، كىيىنكىسى بولسا ئىسپىرمىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسىدۇ. بۇ خىل دورىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، ئۇكۇل ئۇرۇش ياكى سۈرۈپ مايلاش كەتمەيدۇ؛ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى، ئىشلىتىش قولايلىق، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك. ئەگەر ئوڭۇشلۇق بولسا، كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە بازارغا سېلىنىشتىن ئۈمىد كۈتۈشكە بولىدۇ.
    ئەرلەر ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
   ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، كۆپىيىش سېستىمىسى چوڭ مىڭىنىڭ ئەتراپلىق كونتىرول قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، چوڭ مىڭە جىنسى ھەۋەسنى ئىلگىرى سۈرۈش بېزى ھورمۇنى، تۇخۇم پۈۋەكچى ستىمولىن، سېرىق تەن ھاسىل قىلغۇچى ماددا قاتارلىقلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ، ئۇرۇقداننىڭ ئەرلىك ھورمۇنى ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋە ئىسپىرمىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
    ئەكسىچە، ئەرلىك ھورمۇنى كۆپىيىپ بەلگىلىك سەۋيىگە يەتكەندىن كىيىن، چوڭ مىڭىنىڭ ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىشىنى توسۇپ، ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ نورمال سەۋيىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ.
    ھورمۇن تۈرىدىكى ئەلەر ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى، دەل مۇشۇ خىل فىزىلوگىيىلىك جەرياندىن پايدىلىنىپ ياسالغان.
    ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچكەندە ئەكىس تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
   ئەرلەر ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى: گەرچە نۆۋەتتىكى ھورمۇن تۈرىدىكى ئەرلەر ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ تەجىربە نەتىجىسى نىسبەتەن ياخشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مەزگىل ئىچىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، كەيپىياتتا داۋالغۇش كۆرۈلۈش، جىنسى ھەۋىسى تۆۋەنلەپ كىتىش، دانىخورەك چىقىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
    ئاياللار ئىشلىتىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى: دورا ئىچكەن دەسلەپكى مەزگىلدە، %10ئايال كىشىدە باش قېيىش، كۆڭۈل ئاينىپ ياندۇرۇش قاتارلىق ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە، ئاشقازان ئۈچەيلەردە بىنورماللىق كۆرۈلۈش، ئەمچەك كۆپۈپ ئاغرىش، ھەيىز قالايمىقانلىشىش، ھەتتا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى يىرتىلىپ قان چىقىپ كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
    دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى شۇكى، خېلى بىر قىسىم ئاياللار، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ. جىددى ۋە ئاستا خارەكتىرلىك جىگەر ياللۇغى ۋە بۆرەك ياللۇغى بىمارلىرى، يۈرەك كىسەللىكىگە ئەگىشىپ كەلگەن يۈرەك ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان بىمارلار، يۇقىرى قان بېسىمى كىسىلى بىمارلىرى، دىئابىت كىسىلى بىمارلىرى ۋە دىئابىت جەمەت كىسەللىكى تارىخى بار بىمارلار، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن قاتارلىقلار، كىسەللىك ئەھۋالى پۈتۈنلەي داۋالاپ ساقىيىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ياخشىسى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىشلەتمىگىنى ياخشى.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号