ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئەرلەر ساغلاملىقى
ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئۇنتىيالمايدىغىنى تۇنجى سۆيگىنى ئەمەس بەلكى...
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-05كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
    ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر، مەلۇم بىر مەزگىل ۋاقىتنى ئۇنتىيالمىغانلىقىنى دىيىشىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۇنتىيالمايدىغىنى، مەلۇم بىر ئادەمدۇر.
    مەن سىزنى ئۇنچە بەك ياخشى كۆرۈپ كەتمەيمەن، مەن پەقەت سىزنى ئۇنتىيالمايمەن خالاس. بۇ، بىر دوستۇمنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغاندىن كىيىن ئېيتقان سۆزى بولۇپ، ھازىرغىچە باياملا ئاڭلىغاندەك ئىسىمدە. ئۇ دوستۇم ھازىرقى ئايالى بىلەن توي قىلغىلى 5يىل بولدى، ئۈچ ياشقا كىرگەن ئوماق بىر ئوغلى بار.
   سىرتتىكىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئۇنىڭ ئايالى يۇۋاش ھەم چىرايلىق، ئىش ئۇقىدىغان ۋە كۈيۈمچان كەلگەن بىر ئايال بولۇپ، ئەزەلدىن ئۇنىڭغا بېسىم قىلمايدۇ، ئەركىلەپ ياكى ھازازۇللۇق قىلىپ خاپا قىلمايدۇ. ئەگەر دوستۇم كەچتە ئۆيىگە كەچ قالسا، ئۇ جىمجىتقىنە ئۆيىدە ئۇنىڭ كىلىشىنى ساقلايدۇ؛ مەست بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ مەستلىكنى يىشىلدۈرىدىغان دورا ئىچكۈزۈپ قويىدۇ. ئۇ ئىرىنىڭ ئىلگىرىكى قىز دوستىنى ئۇنتۇپ كىتەلمىگەنلىكىنى ئىنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ بىرگە بولۇشنى تاللىغان.
    بۇنداق ئايال كىشى، ئەمىلىيەتتە ئەركىشىگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى تاللاش. بىراق دوستۇم ھەمىشە خاپا چىراي يۈرىيدۇ؛ ئۇ ھەرقېتىم ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئويلىسىلا، كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياشلار تۆكىلىدۇ. ئۇ ھەمىشە ئۆزىنى ئەيىبلەپ كىتىدۇ: "مەن نىمانداق ئەخمەق؟ نىمىشقا ئۇنى ئاخىرقى بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈۋالمىغاندىمەن؟"

-2-
    ئۇنى تۇنۇيدىغان دوستلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئۇ ئىلگىرىكى ئايالى بىلەن ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلاردىن؛ ئۇ ئىككىسى دەبدەبىلىك قەسەملەرنى قىلىشىپ، داغدۇغا چىقىرىپ مۇھەببەتلەشكەن. بىراق، قىز بالا ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، كىسەل ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئوغۇل دوستىغا ئېيتماسلىقنى ئانىسىغا قايتا-قايتا جىكىلىگەن.
    ئۇ ئەكسىچە، دوستۇمنى ئالداپ، ئۆزىنىڭ باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭ بىلەن، دوستۇم ۋاز كىچىشنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان؛ پەقەت كىيىن تاساددىبى بىر پۇرسەتتە قىزنىڭ ئانىسىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئاندىن ھەقىقى ئەھۋالنى بىلگەن. ئۇنىڭ ئانىسى، قىزىنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىمۇ، دوستۇمنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمىگەنلىكىنى ئېيتقان.
    ئانىنىڭ دىيىشىچە، قىز جان ئۈزۈشنىڭ ئالدىدا، ئەگەر قايتا بىر ھاياتلىققا ئىرىشكىلى بولسا، مەن چوقۇم ماۋ ماۋغا(دوستۇمنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى) بىر قىز بىر ئوغۇل ئىككى بالا تۇغۇپ بىرىپ، بىر ئائىلە كىشىلرى ساق-سالامەت ھەم خۇشال-خۇرام تۇرمۇش ئۆتكۈزىمىز دەپ ئېيتقان. ئانىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، دوستۇم ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتكەن...
   كىشىلەر دىيىشىچە، ئەرلەرنىڭ ئۇنتىيالمايدىغىنى، ئۇلارنى يىغلاتقان ئايال كىشى ئىكەن؛ ئاياللارنىڭ ئۇنتىيالمايدىغىنى بولسا، ئۇلارنى كۈلدۈرگەن ئەر كىشى ئىكەن. بىراق ئاخىرقى نەتىجىدە بولسا، ئەر كىشى ئۇنى كۈلدۈرگەن ئايال كىشىنىڭ يېنىدا قالىدىكەن، ئايال كىشى ئۇنى يىغلاتقان ئەر كىشىنىڭ يېنىدا قالىدىكەن.
    بۇ دەل، مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ مۇھەببەتتىكى تەقدىرى.

-3-
    مەيلى سىز ئىشىنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە كۆپىنچە ھاللاردا شۇنداق بولىدۇ.
   يۇقارقى مىسال ئارقىلىق، يەنە بىر قاراش ئىسپاتلىنىپ چىقتى. ئۇ بولسىمۇ، ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ئۇنتىيالمايدىغىنى، ئۇلارنىڭ تۇنجى سۆيگۈنى ئەمەس، بەلكى بايامقىدەك ئاياللار، يەنى، ئەر كىشى ئۆمرىدە ئەڭ يۈز كىلەلمەيدىغان ئايال كىشىدۇر. بۇ ئايال كىشى كۆپىنچە ئۇلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشى بولۇشى ناتايىن؛ بىراق بۇ ئايال كىشى، ئۇلار بىر ئۆمۈر ئۇنتىيالمايدىغان ئايال كىشىدۇر.
    خۇددى يۇقىردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن دوستۇمغا ئوخشاش، ئۇ ھەر قېتىم ئىلگىرىكى قىز دوستىنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندە، ئادەتلىنىش خارەكتىرلىك ھاڭۋېقىپ قالىدۇ، كەينىدىن ئۆزىمۇ بىلمەي كۆزلىرىدە ياشلار لىغىلداپ قالىدۇ؛ ئۇ بەلكىم ئۆزىنى ئەيىبلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ياكى پۇشايمان قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ۋە ياكى ئۆكۈنۈش ھىس قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
    بىراق، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ۋاقىت كەينىگە قايتمايدۇ؛ تىلەكلەرنى تىلەشتىن باشقا، ئۇ ھېچنىمە قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆتمۈشكە بۇنداق ھەددىدىن ئارتۇق چۆكۈپ كىتىشى، ھازىرقى ئايالىغا نىسبەتەن بىر خىل شەكىلسىز ئازاپ ھىسابلىنىدۇ؛ ئەمما خۇشاللىنىشقا تىگىشلىك بولغىنى، ئۇنىڭ ھازىرقى ئايالى، ئىش ئۇقىدىغان، قالايمىقان كۈنلەمچىلىك قىلمايدىغان بىر ئايال. شۇڭا ئۇ، ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان بىر ئادەم بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ.

-4-
   ئەرلەرنىڭ ئىگىلىكى تەرەققى قىلىپ نام-ئابروي قازانغان ۋاقىتتا، ئۇلار يېنىدا ھەمرا بولۇپ تۇرغان ئايال كىشىنىڭ، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشى ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بىرىپ، خىجالەتچىلىكىنىڭ ئورنىنى تولدۇرماقچى بولىدۇ.
    بىراق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇلار ئەمەس بولۇپ قالغان؛ شۇڭا ئەر كىشىنىڭ بۇ خىيالىغا ئاللىقاچان پۇرسەت قالمىغان. ھازىرقى ئايالى ھازازۇللۇق قىلغانسىرى، ئۇلارنىڭ ئۆيدە تۇرغۇسى شۇنچە كەلمەيدۇ؛ ئۆي ئىچى تىنچ بولمىغانسىرى، ئۇلار ئىلگىرىكى قىز دوستىنىڭ(ياكى ئايالىنىڭ) ياخشى تەرەپلىرىنى شۇنچە ئويلاپ قالىدۇ ھەمدە ئىلگىرى ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىسىگە ئېلىپ، ھازىر ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا شارائىت بار بولدى دەپ قارايدۇ.
    بىراق، قارشى تەرەپ ئاللىقاچان بۇنىڭغا مۇھتاج ئەمەس بولۇپ بولغان. مۇھەببەتنىڭ ئەڭ تىراگىدىيلىك يىرى دەل مۇشۇ بولسا كىرەك: سىزگە ھەمدەمدە بولۇپ، بىللە جاپا تارتقان ئادەم، كۆپىنچە سىزگە ھەمرا بولۇپ ھالاۋەت كۆرەلمەيدۇ؛ ئۇ پەقەت ئەينى ۋاقىتتىكى توغرا ۋاقىتتا كۆرۈلگەن توغرا ئادەم بولۇپلا قالىدۇ خالاس.
    ئۇ ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ئەمەس، ئەر كىشى ھەممىدىن بەك توي قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغىنىمۇ ئەمەس؛ ئەمما ئەركىشى ھېچ ئىككىلەنمەستىنلا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشكە تەييار تۇرىدۇ، كەينىدىن پەرزەنتىلىك بولۇپ، ئائىلىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بىراق قانچىلىغان يىللار ئۆتۈپ، قانچىلىغان ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلسۇن، ئەر كىشىنىڭ كۆڭۈل قېتىدا ئۇنتىيالماي قالىدىغىنى، ئۇ يۈز كىلەلمەيمەن دەپ قارىغان ئاشۇ ئايال كىشى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号