ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئەرلەر ساغلاملىقى
بۇ خىلدىكى ئەرلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-04كۆرۈلىشى : قېتىم
   تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، كۈتۈنۈش شارائىتىمۇ بارغانسىرى ياخشىلىنىپ ماڭماقتا؛ بۇنىڭغا ھازىرقى ئۇچۇر تەرەققىيات دەۋرى ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلار قوشۇلۇپ، كۆپچىلىك بەزىبىر كىسەللىكلەرنىڭ پەيدا بۇلۇش قانۇنىيىتى ۋە كىسەللىكتىن ساقلىنىش كۈتۈنۈش ئۇسۇللىرىغا قارىتا ئازدۇر-كۆپتۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلىۋاتىدۇ. بىراق، يەنە بەزىبىر ياشلار، سالامەتلىكنىڭ مۇھىملىقىنى تۇلۇق چۈشىنىپ يىتەلمەي، ھەر خىل ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يىتىلدۈرۈپ، بىلىپ-بىلمەي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ئۆتىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدىغان بىر نەچچە خىل ناچار ئادەتنى تۇنۇشتۇرپ ئۆتمەكچى.
تاماكىنى كۆپ چىكىش
   دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىدە، دۆلىتىمىز ئاياللىرى ئاساسەن تاماكا چەكمەيدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، تاماكا چىكىش ئاساسى جەھەتتىن ئەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالغان. تاماكىنىڭ، زەھەرلىك چىكىملىك بىلەن ماھىيەتلىك پەرقى يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان ھەمدە ئادەم بەدىنىگە زور زىيان ئېلىپ كىلىدىغان بولۇپ، تاماكىنىڭ زىيىنى پەقەت زەھەرلىك چىكىملىككە ئوخشاش ئۇنداق تىز ئىپادىلىنىپ چىقمايدۇ خالاس. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر يىلى دۇنيا بويىچە يەتتە مىليۇندىن ئارتۇق ئادەم تاماكا چىكىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىدىكەن؛ دۆلىتىمىز سەھىيە تارماقلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تاماكا چىكىدىغان ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرچە ئۆمرى، تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئون يىل قىسقا بولىدىكەن.
ئۇزۇن مەزگىل كىچىسى ئۇخلىماسلىق
   بۆرەك ئاجىزلىقنىڭ ئەرلەرگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن زور بولۇپ، بۆرەك ئاجىزلاشقاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونت كۈچى تۆۋەنلەپ، ھەر خىل كىسەللىكلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۆرەك ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر ھەرخىل بولۇپ، ئەك ئاساسلىق بولغىنى ئىككى خىلدۇر؛ بىرى ھەددىدىن زىيادە ھېرىپ-چارچاش، يەنە بىرى بولسا ئۇزۇن مەزگىل كىچىسى ئۇخلىماسلىقتۇر. ئۇزۇن مەزگىل كىچىسى ئۇخلىماسلىق، بىئولوگىيىلىك سائەتنىڭ قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىچكى ئاجرىلىشنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، نىرۋا غىدىقلاش ئىنكاسىدا قالايمىقانچىلىق كىلىپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق بۆرەك ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ. نۇرغۇن ئەرلەر كىچىسى ئۇخلىمىغاندىن كىيىن، ئەتىسى ئەتىگەن روھى كەيپىياتى سۇلغۇن، پۇت-قولىنىڭ ماغدۇرى يوق، بېشى ئېغىر بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ بولسا "بەدەن ئاجىزلىقنىڭ" ئىپادىسىدۇر.
ئۇزۇن مەزگىل ھەرىكەت قىلىش كەمچىل بولۇش
    نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەرىكەت قىلىش بولسا زور دەرىجىدە ئىرادە ۋە زىھىن سەرپ قىلىدىغان بىر ئىش؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۇرغۇن كىشىلەر نىسپى ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ھالىتى "ئولتۇرغىلى بولسا ئۈرە تۇرماسلىق، ياتقىلى بولسا ئولتۇرۇپ قالماسلىق" ئىدىيىسىنى ئاساس قىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئەگەر ئۇزۇن داۋاملاشسا، ئاسانلا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، سېمىزلىكنىڭ زىيىنى ئىنتايىن چوڭ؛ سېمىزلىك، يۈرەك-مىڭە قان تۇمۇر كىسەللىكلىرى، سۆڭەك كىسەللىكلىرى، دىئابىت قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. بۇنداق ئەھۋالدا، ھەرىكەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ھىسابلىنىدۇ؛ چۈنكى، ھەرىكەت قىلىش قان ئايلىنىشنى تىزلىتىپ، بەدەننىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەنە تېىى بەدەننىڭ ھەر خىل كۆرسەتكۈچلىرىنى تەڭشەپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
ئۇزۇن مەزگىل زور دەرىجىدە روھى بېسىمغا ئۇچراش
    ھەر بىر ئەر كىشى ئائىلسىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ، ئۆينىڭ قەرزى، ماشىنىنىڭ قەرزى، چوڭ-كىچىك ئائىلە ئەزالىرى ھەممىسى ئۇلارغا قاراشلىق؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار ئۇچرايدىغان روھى بېسىم ئىنتايىن زور. روھى بېسىم بولسا، روھى ھالىتى ساغلام بولماسلىقنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ئېغىر روھى بېسىمغا ئۇچرىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئادەمنىڭ روھى ھالىتى ئۈمىدسىز ھەم پاسىسىپ بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا، ئەرلەرنىڭ ئۆزىدىكى روھى بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان ئۇسۇلى بار بولۇش كىرەك؛ مەسىلەن، ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىش، ناخشا ئېيتىش، ساياھەتكە چىقىش قاتارلىقلار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号