ئاياللاردىكى ئەرلەر ھەم ئامراق ھەم ئۆچ كۆرىدىغان 9 خىل ئالاھىدىلىك
1. ئاياللارنىڭ مال سېتىۋىلىش ۋە كوچا ئايلىنىشتىكى قىزغىنلىقىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلنى ھىسابقا ئالمىغاندا، %90 ئەرلەر ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ نەرسە-كىرەك سېتىۋالغىلى بېرىشنى ياكى كوچا ئايلىنىشقا چىقىشنى خالىمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئاياللارنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلچە ئەھمىيىتى ۋە مەقسەت نىشانى بولمىغان، بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كەتكەن تاللاپ سىناپ بېقىشلارغا ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمەيدۇ.
بولۇپمۇ ئۇلار سېتىۋىلىشقا ئىھتىياجى بولمىغان ياكى مەلۇم بىر كىيىم-كىچەك ياكى زىننەت بۇيۇمىغا ئىھتىياجى بولمىغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ بۇ نەرسىلەرگە بولغان ئىگە بولۇش ئىستىكى ھەقىقەتەن ھىسياتچان ۋە قاراملارچە كىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئەرلەر سودا-سارايلىرىنىڭ بىرەر بۇجەكلىرىدە ياكى سودا-ساراي ئالدىدا ساقلاشقا رازى بولسا بولىدۇكى، ئاياللار بىلەن بىرلىكتە سودا-ساراينى ئايلىنىشنى خالىمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى بەزىبىر پىكىر-تەلەپلەرنى بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئاياللارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىماسلىقى ياكى بۇنىڭغا پىسەنت قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى بىر ھەمرا بولغۇچىلا ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلىدۇ.
2. ئاياللار ھەمىشە ياسىنىش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ
ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىش، ئەينەككە قاراش، كىيىم ۋە ئاياغ قاتارلىقلارنى تاللاپ ماسلاشتۇرۇشقا كىتىدىغان ۋاقىت ئەرلەرنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتىمۇ كۆپ بولىدۇ؛ ئەگەر سىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە سىرتقا چىقماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز چوقۇم مۇدەتتىن بۇرۇن كىلىشىپ، ئالدىنئالا خەۋەر قىلىپ قويىشىڭىز كىرەك، بولمىغاندا سىز ئۇنى ساقلاپ ھېرىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

3. ئاياللار بەزىدە ئۆزىنىڭ ئىرى بىلەن باشقا ئەرلەرنى سېلىشتۇرۇشقا ئامراق كىلىدۇ.
ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھەمىشە ئۆزىنى باشقىلارنى ئوغۇل دوستى ياكى ئىرى بىلەن سېلىشتۇرۇشىغا چىدىيالمايدۇ. ئۆزىنىڭ قانداق قىلىشىدىن قەتئىنەزەر، ھامان ئۇنىڭدىن مۇنەۋۋەر بىر ئادەم بار بولىدۇ؛ ئۆزىنىڭ ھازىر قانداق ئورۇندا تۇرىشىدىن قەتئىنەزەر، ھامان بىر ئادەم ئۇنىڭ كاللىسىغا دەسسەپ، ئۇنى باش كۆتۈرگىلى قويمايدۇ.
ئاياللارنىڭ ھەمىشە ھازىرقى ئەھۋالدىن قانائەتلەنمەسلىك كىسىلى بار بولىدۇ.
4. ئاياللارنىڭ كەيپىياتى تولا ئۆزگىرىشچان بولۇپ، بىلگىلى بولمايدۇ.
ئەلەر ئاياللارنىڭ كۆڭلى دېڭىز تىگىدىكى يىڭنىگە ئوخشايدۇ دىيىشىدۇ؛ شۇڭلاشقا سىز ئەڭ ياخشىسى ئايالىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى پەرەز قىلماڭ، چۈنكى چوقۇم خاتا پەرەز قىلىسىز. ئاياللارنىڭ روھى كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسى ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەيپىيات بەزىدە ياخشى، يەنە بەزىدە تۇرۇپلا ناچار بولۇپ قېلىپ، ئەرلەرنى باش قېتىنچىلىقىغا سېلىپ قويىدۇ.
5. ئاياللار ئەرلەرنىڭ شەخسى تازىلىقىنى زىيادە زېغىرلايدۇ.
كۆپ قىسىم مىجەزى ئىنچىكە بولمىغان ئەرلەرگە نىسبەتەن، تازىلىقنى ئومۇمى جەھەتتىن ياخشىراق پاكىزلىساق بولىدۇ دەپ قارايدۇ؛ ئەمما ئاياللارنىڭ پاكىزلىق كىسىلى بار، بۇلۇپمۇ ئەرلەرنىڭ شەخسىي تازىلىقى جەھەتتە بەكمۇ زېغىرلاپ كىتىدۇ؛ مەسىلەن ئىچ كىيىمنى كۈندە ئالماشتۇرۇش، چېچىنى پۇراق غەلىتە پۇراق بارمۇ يوق تەكشۈرۈش، پايپاق، كىرلىق قاتارلىقلارنى پاكىز تۇتۇش دىگەندەك؛ ئەگەر بۇلار ئۆلچەمگە يەتمىسە، ئۇلار ئەرلەرنى ئەيىبلەپ ئۆزىگە يېقىن يولاتمايدۇ.

6. ئاياللار داۋلى سۆزلىمەيدىغان ھېسياتچان جانلىق
ئاياللار ھەر قېتىم ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بەزىبىر ئەخمەقلەرچە قارار چىقىرىشى مۇمكىن؛ سىز ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ھەل قىلىشىپ بىرەي دىسىڭىز، ياكى سىزنىڭ ھەر قانچە ياخشى لوگىكىلىق تەپەككۇرىڭىز بولسۇن ۋە ياكى سىز ئالىم بولغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر ئىلىم-پەن نەزىريىلىرى ئارقىلىق ئۇنى قوراللاندۇراي دىسىڭىز، بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. سىز چوقۇم ئۇلارنىڭ كەيپىياتى ياخشى خۇشال ۋاقتىدا ئۇلارغا داۋلى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشىڭىز كىرەك، بولمىسا ھەر نىمە قىلىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارغا قىلچىلىك ئۈنۈمى بولمايدۇ.
7. ئاياللارنىڭ ھەسەتخورلىقى ناھايىتى كۈچلۈك
سىز كوچىلاردا چىرايلىقراق بىرەر ئايال كىشىگە قاراپ سالسىڭىز، ئايال خىزمەتداشلىرىڭىز ياكى يات جىنىسلىق دوستلىرىڭىز بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ قېلىپ ئۆيگە كەچ قالسىڭىز، ۋە ياكى ئايال خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن كاماندۇرۇپكىغا چىقسىڭىز، بەزىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن ئىلگىركى قىز دوستىڭىزنىڭ گېپىنى چىقىرىپ سالسىڭىز، ئاساسى جەھەتتىن ئۇلارنىڭ كۈندەشلىكىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بىر باھانە سەۋەپلەرنى تېپىپ سىز بىلەن جىدەل چىقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز.
ئاياللار ھەمىشە ئىرىنىڭ باشقىلار تەرپىدىن تارتىۋىلىنىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالماي ئۆتۈپ كىتىدۇ ھەمدە ئىرىدىن ھېچقانداق ئاساسسىز ھالدا گۇمانلىنىدۇ.

8. ئاياللارنىڭ ئوي-خياللىرى بەك كۆپ.
مەسىلىلەرنى ئويلاشقاندا ھەمىشە ھەر تەرەپلەرنى تۇلۇق ئويلاشنى ئۈمىد قىلىپ، ئالدى-كەينىگە قاراپ ئارىسالدى بولۇپ قالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ناھايىتى مول بولۇپ، بەزىدە ئەرلەرنىڭ ئوي-خىيالى ئەمىلىيەتتە ناھايىتى ئاددى بولسىمۇ، ئۇلار ھەمىشە بۇنى مۇرەككەپ تەرەپكە ئويلاپ، ئىشلارنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، ئەرلەرنى ناھايىتى چارچىتىۋىتىدۇ.
9. ئاياللار بەزىدە بەك تولا كوتۇلدايدۇ.
بىر ئىشنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، قايتا-قايتا تاپىلايدۇ؛ ئۇلار ھەمىشە سىزنىڭ ئۇنتۇپ قېلىشىڭىزدىن، تىرىشماسلىقىڭىزدىن ھەم كۆڭۈل قويماسلىقىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ؛ ئاياللارنىڭ بەزىدە ئانىلىق خارەكتىرى چەكتىن ئېشىپ كىتىدىغان بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ئىزچىل تۈردە ئاياللارنىڭ "خورلىشىغا " ئۇچراش ئېھتىماللىقى بەك يۇقىرى، چۈنكى ئەرلەر تۇغۇلغاندىن باشلاپ، ئايال كىشىنىڭ كوتۇلدىشىدىن مەڭگۈ قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ.
گەرچە ئۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما ئەرلەر يەنىلا ئاياللارنىڭ توختىماي كوتۇلدىشىدىن قورقىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىزچىل تۈردە باشقىلار تەرپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بالىغا ئوخشاپ قېلىشنى خالىمايدۇ.