ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
ئاياللارنىڭ ئوتتۇز ياشتىن كىيىنكى ئەڭ ياخشى ياشاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-06كۆرۈلىشى : قېتىم
     ئوتتۇز ياشتىن كىيىن ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى ياشاش ئۇسۇلى : كونكىرتنى مەسىلىلەرگە كىرىشىۋالماسلىق، كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇش، بەزى مەسىلىلەرگە ئېسلىۋالماسلىق.
     ئادەم  ئۆمرىدە ھەمىشە ئالدىراشچىلىق ۋە ھارغىنچىلىقتا ئۆتىدۇ؛ لىكىن ھەرقانچە جاپا تارتسىڭىزمۇ، ئىش يەنىلا تۈگىمەيدۇ.
     ئادەم ئۆمرىدە ئىقتىسادچانلىق بىلەن دۇنيا يېغىدۇ؛ لىكىن ھەرقانچە تىجەشلىك بولسىمۇ، لىكىن يەنىلا يىتەرلىك يېغىپ بولالمايدۇ.
     ئادەم ئۆمرىدە ئەنسىرەپ، يول قويۇپ ئۆتىدۇ؛ لىكىن ھەرقانچە ئەقىللىق بولسىمۇ، بەزىدە يەنىلا زىيان تارتىپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ.
     ئادەم ئۆمرىدە ھەر ۋاقىت تەجىربە ساۋاققا ئىگە بۇلۇپ تۇرىدۇ؛ لىكىن ھەر قانچە سالماق، زىرەك بولسىمۇ ،ھامان يەنە ئارماندا قالىدىغان ئىشلار بۇلىدۇ.
    30 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن مەن شۇنى ھىس قىلدىمكى : دۇنيا ناھايىتى چوڭ، ئادەم نىسبەتەن ئىنتايىن كىچىك بىر شەيئى، بەزى مەسىلىلەرنى ناھايىتى مۇھىم بىلىپ، كىرىشىپ قېلىشىمىزنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق. بىز ئاللىقاچان كۆپ جاپالارنى چىكىپ، ھارغىنچىلىق ھىس قىلدۇق، ئۆزىمىزنى ئەيىبلەپ ئولتۇرۇش بىھاجەت؛ ھاياتلىقتا ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بۇلۇپ كەتمەيدۇ، پەقەت تىرىشىپ كۆرگەن بولساقلا، ئۆزىمىزنى مەجبۇرلاپ كەتمىسەكمۇ بۇلىدۇ، چۈنكى نەتىجىنىڭ قانداق بۇلۇشىنى نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بىز كونتىرول قىلالمايمىز.
 30   ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن شۇنى ھىس قىلدىمكى : ھاياتلىق ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، تۇرمۇشتا ئارتۇقچە ھىسابلىشىپ كەتمەسلىكىمىز كىرەك؛ بەزى مەسىلە ۋە ئادەملەرنى چۈشىنىپ يىتەلمىسەك، بەزى داۋلى ئاساسلار كاللىمىزدىن ئۆتمىسە، ئۇنىڭغا كىرىشىپ كەتمەي، مۇۋاپىق ھالدا ۋازكىچىشنى بىلىشىمىز، ئازابلىق كۈنلەرنى ئامال بار ئۇنتۇپ كىتىشكە تىرىشىشىمىز لازىم.
    مەن داۋاملىق ئۆزۈمگە " مەن مۇكەممەل بولالمىساممۇ مەيلى، ئەمما چوقۇم ھەقىقى ۋە سەمىمى بۇلۇشۇم كىرەك؛ مال دۇنياسى كۆپ بايلاردىن بولالمىساممۇ مەيلى، ئەمما چوقۇم خوشال خۇرام ئۆتىشىم كىرەك ؛" دەپ تەربىيە قىلىمەن.
    30 ياشتىن كىيىن شۇنى ھىس قىلدىمكى : تۇرمۇش سىزنىڭ ئاغرىنىشلىرىڭىز سەۋەبلىك ئۆزگەرمەيدۇ، ھاياتلىق يولىمۇ سىزنىڭ غەملىرىڭىز سەۋەبلىك ئۆزگىرىش قىلمايدۇ. مەيلى سىز ئاغرىنىڭ ياكى ئاغرىنماڭ، قايغۇ ھەسرەت چىكىڭ ياكى خوشال ياشاڭ، ھاياتلىق قىلچە ئۆزگەرمەيدۇ؛ ئاغرىنىۋەرسىڭىز ئۆزىڭىزنى غەمكىن قىلىپ قويىسىز ،ھەسرەت چىكىۋەرسىڭىز ئۆزىڭىزنى جاپادا قويىسىز؛ سىز يىغلىغان ھەم جاپا چەككەن بىلەن تۇرمۇش ۋە ھاياتلىق يەنە ئۆز يولىدا كىتىۋىرىدۇ.
    تۇرمۇشتا ھەممە ئىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك، ئارمان يوق بۇلۇپ كىتىشى ناتايىن؛ بۇنداق بولغانىكەن، بىز نىمە ئۈچۈن يەنە ھەمىشە غەم تارتىپ يۈرىمىز ؟ نىمە ئۈچۈن كۈلۈمسىرەپ ئۆتمەيمىز ؟ بىر ئۆمۈر كۈلۈپ ئۆتسەكمۇ ياكى بىر ئۆمۈر غەم تارتىپ ئۆتسەكمۇ، كۈنلىرىمىز ھامىنى ئۆتىدۇ؛ بۇنداق بولغانىكەن، نىمە ئۈچۈن بەزى مەسىلىلەرگە كىرىشىۋىلىپ ئۆزىمىزنى قىينايمىز ؟ نىمە ئۈچۈن ئۆمرىمىزنى خوشاللىقتا ئۆتكۈزمەيمىز؟
 30    ياشتىن كىيىن مەن شۇنى ھىس قىلدىمكى : تۇرمۇش نۇرغۇن پارچە پۇرات مەسىلىلەرگە تولغان، بۇنىڭ ئىچىدە خوشاللىقلار ۋە خاپىلىقلار بۇلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزىمىزنى تولا قىيناپ يۈرمەي، ئۆزىمىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئىشىنى جايىدا قىلىپ، باشقىلارنىڭ باھاسىغا بەك ئىتىبار بىرىپ كەتمىسەكمۇ بۇلىدۇ؛ چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ياشاش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ.
    ھاياتلىق ئەمىلىيەتتە ئاددىلاشتۇرساق، ناھايىتى ئاددى؛ ئىرىشكەن ۋە يوقاتقانغا كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلساق، ئۇنچە بەك ئىنچىكە ھىساب قىلىپ كەتمىسەك، ھېچكىمگە تىل قىسىنچىلىقى يوق بۇلالىساق، ھەممە ئىشلىرىمىز ئوڭغا تارتىپ خوشاللىققا تولىمىز. ھاياتلىقتائۆزىمىزگە ئۇنچە كۆپ بېسىم ۋە يۈك ئارتىۋالمىساقمۇ بۇلىدۇ، مەسىلىلەرگە كىرىشىۋالماي ئۆزىمىزنى ئازادە تۇتۇش، مۇۋاپىق تۈردە ۋاز كىچىشنى بىلىش، ئورۇندىغىلى بولمايدىغان قىيىن مەسىلە ئەمەس.
     30 ياشتىن كىيىن مەن شۇنى ھىس قىلدىمكى : ئۆزىڭىزنى تەڭلىككە سالماڭ؛ رەڭگارەڭ تۈس ئالغان تۇرمۇشىڭىزدا، سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار ئۈچۈن خوشاللىغىڭىزنى يوقىتىپ يۈرمەڭ؛ ئەتراپىڭىزدىن ناتۇنۇش كىشىلەردەك ئۆتۈپ كىتىدىغان "مىھمانلار"  ۋە تۇرمۇشىڭىزدىكى تىزلا ئۆتۈپ كىتىدىغان مەسىلىلەر ئۈچۈن، مىھرىڭىزنى ئۈزەلمەي ھەسرەت چىكىپ يۈرمەڭ.
    ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشاڭ؛ تۇرمۇش سىزگە نىمىلەرنى ئاتا قىلمىسۇن، ئۇنى قۇبۇل قىلىڭ، بۇ تۇرمۇشقا تۇتقان ئەڭ ياخشى بۇلغان پوزىتسىيەدۇر. ئۆزىڭىزنى تەڭلىككە قويماڭ، باشقىلارنىڭ نەتىجىلىرىگە ھەۋەس قىلىپ ئۇلارنى دوراپ يۈرگىچە ،يەنىلا ھەقىقى ئۆزىڭىز بۇلۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭ يولىدا مېڭىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بىتەرەپ قىلىڭ.
     30 ياشتىن كىيىن مەن شۇنى ھىس قىلدىمكى : بەزى مەسىلىلەردە جاھىللىق قىلىپ، كۆڭلىڭىزنى توختىتالماي يۈرمەڭ؛ تەبىئى، ئاددى بۇلۇڭ، ئۆزىڭىز قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنىنى ياخشى ئورۇنلاڭ، قالغىنىنى تەقدىرگە قويۇڭ.
     كۆڭلىڭىز ھېرىپ قالسا، مۇزىكا ئاڭلاڭ؛ ئىچىڭىز سىقىلسا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىڭ؛ چارچاپ قالسىڭىز بىر چەينەك چاي ئىچكىچە خالى بىر جايدا ئازراق ئارام ئېلىڭ.
     خاپا بولغىنىڭىزدا، ئازراق خوشاللىق ئىزدەڭ، بەختىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويماڭ. ئالدىراش ۋاقتىڭىزدا، ئازراق ئارام ئېلىڭ، ساغلاملىقىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويماڭ؛ چارچىغىنىڭىزدا، قوللىڭىزدىكى ئىشنى ۋاقىتلىق توختىتىڭ، خوشاللىقىڭىزنى يىتتۈرۈپ قويماڭ.
     30ياشتىن ئاشقاندا شۇنى ھىس قىلدىمكى : ھاياتلىق نەچچە ئون يىللىقلا مۇساپە، سىز مەيلى تىرىشىڭ ياكى ئەپلەپ سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈڭ، ھەممىسى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كىتىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى تەڭلىككە سېلىۋەرمەڭ.
     باشقىلارنى ئەيىبلەش ۋە ئاغرىنىشنى ئۇنتۇپ كىتىڭ، ئۈمىدۋار بۇلۇڭ، ئۆزىڭىزگە تىنچلىق ئاتا قىلىڭ.
     زىيادە تەلەپ قويماڭ، ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئۈمىدلەرنى كۈتمەڭ، ئۆزىڭىزگە تەمكىن كەيپىيات بىرىڭ.
     ئىنچىكە ھىسابلىشىپ ئولتۇرماڭ، سېلىشتۇرۇپمۇ يۈرمەڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقى بولغان ھىسياتىڭىزنى ساقلاڭ.
     باشقىلارنىڭ شان شەرەپلىرىگە ھەۋەس قىلماڭ، تۇرمۇشنىڭ خاپىلىقلىرىدىن قاقشاپمۇ يۈرمەڭ؛ ئۆز تاللىشىڭىزدا تەۋرەنمەي، ئەڭ گۈزەل بولغان ئوتتۇرا ياش ۋاقىتلىرىڭىزنى نورمال روھى ھالىتىڭىزدە ئۆتكۈزۈڭ.
     30 ياشتىن كىيىن، ياشاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى — مەسىلىلەرگە كىرىشىۋالماسلىق،كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇش، مۇۋاپىق تۈردە ۋازكىچىش ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماڭ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号