ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
ئەگەر مىنى قۇتقۇزىمەن دىسىڭىز، ئىلگىركى قىز دوستىڭىز بىلەن ...
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-03كۆرۈلىشى : قېتىم
     تۈز كۆڭۈل ئەرلەرنىڭ ھاياتىنىڭ ھەقىقەتەن بەك ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتىم.
   ھازىر "ئانىڭىز بىلەن مەن تەڭ سۇغا چۈشۈپ كەتسەم، كىمنى ئاۋال قۇتقۇزىسىز" دىگەن سۇئال ھېچقانچىلىك گەپ بولماي قاپتۇ؛ يېقىندا توردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەرلەرنى قىستايدىغان، ئەمما دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان بىر سۇئال مودا بولغان: "ئەگەر مەن ئۆلۈپ كىتىش ئالدىدا تۇرسام، سىز ئىلگىرىكى قىز دوستىڭىز بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسىڭىز ئاندىن مىنى قۇتقۇزالايدىغان بولسىڭىز، سىز قانداق قىلىسىز...."
    ھە؟ بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟
    بۇ سۇئالنى كۆرگەن ۋاقتىمدا، مىنىڭ ئەرلەرگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بۇ ئىنىقلا قارىغۇنى تار يەردە قىستاپ، قەستەن چاتاق تاپقانلىق ئەمەسمۇ؟ خالايمەن دىسىمۇ بولمىسا، خالىمايمەن دىسىمۇ بولمىسا، ئۇلار ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالسا بولامدۇ؟
    ئەمما ئىچىم ئاغرىدى دىگەن بىلەن، مەن يەنىلا ئوغۇل دوستۇمنى قويۇپ بىرىشنى خالىمىدىم؛ ئىككىلەنمەستىنلا ئۇنى سىناپ باقتىم:
    بۇ جاۋاپ قىلچىلىك قىزىق ئەمەسكەن...تەبىئى پەن ئوقۇغان ئەرلەرنىڭ مۇشۇنداق يۇمۇرىستىك تۇيغۇسى يوق كىلىدىغانلىقى ھەقىقەتەن راست ئىكەن...
    شۇنىڭ بىلەن مەن دوستلىرىمنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل دوستىنى سىناپ بېقىشقا كۈشكۈرتتۈم؛ نەتىجىدە ئىرىشكەن جاۋاپلار ھەرخىل ھەر ياڭزا بولۇپ، كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتىمەن!!!
   بۇ جاۋاپ تازا قاملاشمىدىمۇ نىمە؟ يەنە تېخى ھازىرقى زامان تىبابىتىنى تارتىپ چىقىرىپتۇ...؛ ھازىرقى زامان تىبابىتى قىز دوستىڭىزنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالالىغان بىلەن، ئەمما سىزنى قۇتقۇزۇپ قالالىشى ناتايىن! قىز دوستىڭىز سىزگە خاپا بولۇپ ئاچچىقلىنىپ قالسا، لوقمان ھەكىم تىرىلىپ قوپقان بىلەنمۇ بىكار!
    بۇنىڭغا ئوخشاش، قانداقلا جاۋاپ بەرسە بالاغا قالىدىغان سۇئالغا نسبەتەن، قېچىپ قۇتۇلۇش بەلكىم ئەڭ ياخشى ئامال بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، تۆۋەندىكى بۇ بۇرادەر "يالىڭاچ سۇدىن قورقماپتۇ" دىگەندەك ئىش قىلغان:
     كاللىسى ئىشلىشىغۇ ئىشلەپتۇ، ئەمما ئۇ كەچتە ئۆيىگە قايتقاندىن كىيىن قىز دوستىنىڭ پۇتىنى تۇتتىمۇ تۇتمىدى، بۇنىڭغا بىرنىمە دىگىلى بولمىدى.
    ھەي!!! ئەرلەر نىمانداق كاللىسىنى ئىشلىتىپ باقمايدىغاندۇ؟ ئەمىلىيەتتە بۇنداق سۇئاللارنىڭ پۈتۈنلەي تۇيۇق يول بولۇپ كىتىشىمۇ ناتايىن. مەسىلەن، تۆۋەندىكى بۇ يولداش، ئەڭ ئاددى ھەم قوپال، ئەمما ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بىر چارە بىلەن، بىر سىكونتتىلا ئائىلە زىددىيىتىنى ھەل قىلىۋەتكەن!
    بۇ يەردە كەڭ ئەرلەرگە ئەسكەرتىش بىرىمىز، يۇقارقى ئۇسۇل، ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرسىدىكى %99 جىدەلنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلالايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز، كىيىنكى قېتىم قىز دوستىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ سالغان ۋاقتىڭىزدا، مۇشۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ! ئۇ چوقۇم شۇ ھامان ئوڭشىلىپ، قۇچىقىڭىزغا ئۆزىنى ئاتىدۇ....
     نىمە؟ كار قىلمايدىكەن؟ ئۇنداقتا سىز چوقۇم پىخسىقلىق قىلىپ، سوممىسىنى ئاز قىلىپ سالغان گەپ!!!!
     ئامالنىغۇ كۆرسىتىپ بەردۇق، ئەمما بەزىبىر "دۈمچىسى قىچىشىپ قالغان ئىشەك"لەرگە ئامال يوق!!!
    بۇ يەرگە كەلگەندە مەن ئىلگىرى ئاڭلىغان بىر يۇمۇر ئىسىمگە كىلىپ قالدى: ئىلگىرى بىر كىشى دوستىدىن سوراپتۇ: "ئەگەر قىز دوستىڭىز پۇلدار بىرسىگە بىر كىچە ھەمرا بولسا، سىز بۇنىڭدىن بەش مىليۇن پۇلغا ئىرىشەلەيدىغان بولسىڭىز، سىز بۇنداق بولۇشنى خالامسىز؟"
     دوستى " ياق، خالىمايمەن" دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
     ئۇ كىشى دوستىدىن يەنە سوراپتۇ: ئەگەر سىز پۇلدار ئايالدىن بىرنىڭغا بىر كىچە ھەمرا بولسىڭىز ھەمدە بۇنىڭدىن بەش مىليۇن پۇلغا ئىرىشەلىسىڭىز، سىز بۇنداق قىلىشنى خالامسىز؟"
     دوستى "ئەلۋەتتە خالايمەن" دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
     ئۇ كىشى ئۇنىڭغا قايتىلاپ سۇئال قويۇپتۇ: "نىمە ئۈچۈن قىز دوستىڭىز ئۇنداق قىلسا بولمايدۇ، ئەمما سىز ئۆزىڭىز شۇنداق قىلسىڭىز بولىدۇ؟"
     دوستى "چۈنكى قىز دوستۇم ئۇنداق قىلسا ئىپپىتىنى ساتقانلىق بولىدۇ، ئەمما مەن ئۇنداق قىلسام پەقەت جىسمىمنى ساتقان بولىمەن، ئىككى خىل ئەھۋال تۈپتىن ئوخشىمايدۇ" دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
    بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟ قوش ئۆلچەم قوللىنىدىغان بۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرى خىجىل بولماي، ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىشنىلا ئويلىسا، باشقىلاردا نىمە ئامال بولسۇن دەيسىز.
    ئەسلى گەپكە كەلسەك، يۇقىردا ئېيتىلغان سىناق سۇئالى ئەمىلىيەتتە ناھايىتى قاملاشمىغان بىر سۇئال؛ ئەرلەر سەمىمىيرەك بولۇپ، يىڭىچە بىر خىل جاۋاپ تېپىپ چىقسا بولمامدىغاندۇ؟
    مەسىلەن تۆۋەندىكى بۇ بۇرادىرىمىزگە ئوخشاش، ناھايىتى تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن جاۋاپ قىلىپ، "ياۋۇز كۈچلەر" بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولۇش:
    مەن بۇ بۇرادەرگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم! ئۇ "زوراۋان كۈچلەر"گە قارىتا قەتئى كەينىگە چىكىنمەستىن، ئۆز كۆڭلىدە ھەقىقى ئويلىغانلىرىنى ئەينەن ئوتتۇرغا قويالىغان.
    ئەمما راستىنى ئېيتقاندا، مەن ئۇنىڭدىن سەل ئەنسىرەپ قالدىم؛ بىلمىدىم، بۇ بۇرادىرىمىز ھازىرمۇ بۇ دۇنيادا ساق-سالامەت بارمىدۇ؟؟؟
   راستىنى ئېيتقاندا، گەرچە مەن ئۆزۈم قىز بالا بولساممۇ، ئەمما بۇ خىلدىكى سۇئاللارنى ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ بەك زىرىكتۈرىدىغان سۇئال دەپ قارايمەن. سىز ئەرلەرنى قانداق جاۋاپ قىلسۇن دەيسىز؟ ئۇنىڭغىمۇ بولمىسا، بۇنىڭغىمۇ بولمىسا، سەللا ئىھتىياتسىزلىق قىلىپ سالسا ئوتتۇرلۇقتا چوڭ زىددىيەت كىلىپ چىقىدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ بىكاردىن-بىكار چاتاق تاپقانلىق ئەمەسمۇ؟
     ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىلگىركى قىز دوستى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىمەن دەپلا ئۆتكۈزگىلى بولاتتىمۇ؟ مەسىلەن تۆۋەندىكى بۇ بۇرادىرىمىزدەك، لوگىكىسى ئىنتايىن پۇختا ھالدا جاۋاپ بەرگەنلەرمۇ بار:
     ھەي!!! ئەرلەرنىڭ كۈنى نىمانداق تەستۇ؟
    بۇ يەردە كەڭ ئاچا-سىڭىللارنىڭ، ئەرلەرگە ئازراق چىقىش يولى بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛ ئۇلارنى ھەرگىز بۇنداق تار يەردە قىستاپ، ئۇلارنى ئۆلىۋىلىشقا قىستىماڭ؛ شۇنىڭغا ئىشىنىشىڭىز كىرەككى، ئوغۇل دوستىڭىز، مەڭگۈ سىزنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمدۇر! بۇنداق سۇئاللارنى مۇنداقلا ئوينىشىپ سوراپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ھەرگىز ئۇنى راست چاغلاپ قالماڭ.
    ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ، بۈگۈنكى ئويۇنىمىزمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى؛ ئەگەر يارىغان بولسا، ئاستىدىكى ئېلانلارنى چىكىپ قويارسىز.
    توغرا، يۇقىردا ئېيتىلغان سۇئالنىڭ ئەمىلىيەتتە ئۆلچەملىك جاۋابى بار؛ قېنى تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ:

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号