ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
ئاياللار بىلەن ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى پەرق ئۇلارنىڭ لاتاپىتىدە!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-01كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللارنىڭ لاتاپىتى، ھاياتلىق كەچىمىشلىرى ۋە ئىگىلىگەن بىلىملىرىنىڭ يېغىلىپ توپلىنىشىدىن شەكىللىنىدۇ.

-1-
     پۇل تېپىشنى بىلىدىغان ئاياللار ئاز ئەمەس، ئەمما تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بىلىدىغان ئاياللار كۆپ ئەمەس؛ بارغانسىرى مەپتۇن قىلارلىق، بارغانسىرى نازلىق بولۇپ كىتىدىغانلار تېخىمۇ ئاز.
   ئەگەر ئاياللار ئوتتۇرا ياشتىلا ئاخىرقى نەتىجىنى بىكىتىپ، تۈنۈگۈنكى گۈلگە ئوخشاش قۇرۇپ تۆكۈلۈپ كەتمەي دەيدىكەن، ئۆزىنىڭ ھاياتلىق خەرىتە لاھىيىسىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ چىقىشى كىرەك. سىزنىڭ تەقدىرىڭىز سىزنىڭ قۇرۇلمىڭىز تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ؛ سىزنىڭ قۇرۇلمىڭىز بولسا، بەش خىل تۈپكى ھالەت تەرپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر سىز بۇ بەش خىل ھالەتنىڭ ھەممىنى شەكىللەندۈرەلىسىڭىز، سىز بەخىتلىك ھاياتنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ بولغان بولىسىز.

-2-
ئاياللارنىڭ قۇرۇلمىسىنى بەلگىلەيدىغان 5 خىل تۈپكى ھالەت
    بىرىنچى خىل ھالەت: ئاياللارغا نىسبەتەن، گۈزەللىك ۋە مەپتۇن قىلارلىق بولۇش، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنىڭ مەنبەسى. قانداق قىلغاندا يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قېرىپ ئاياللىق نازىنى يوقىتىپ قويماستىن، بەلكى بارغانسىرى مەپتۇن قىلارلىق بولۇپ، گۈزەللىكى تېخىمۇ ئېشىپ بارىدىغان بولغىلى بولىدىغىنىنى بىلىپ يىتىش.
    ئىككىنچى خىل ھالەت: ئاياللارنىڭ ئۆزلىگىدىن يىتىلدۈرگەن مىجەز-خارەكتىرىدىن كىلىدۇ. بۇ خىل مىجەز-خارەكتىر سۆيۈشنى ۋە قەدىرلەشنى بىلىش، ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋە باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلىش، ساپاسى ۋە كۆڭلىنىڭ كەڭ-تارلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    ئۈچىنچى خىل ھالەت: بايلىقنىڭ يېغىلىشىدىن كىلىدۇ. بۇ ئىگىلىك تاللاشنىڭ مۇھىم نوقتىسى شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ كاپالىتى. ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىكى بار بولغاندىلا، ئىچكى دۇنياسىدىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ كىمەيمەستىن بەلكىم ئېشىپ ماڭىدۇ.
    تۆتىنچى خىل ھالەت: نەزەر دائىرسىدىن كىلىدۇ. نەزەر دائىرسى كەڭ، ئاڭلىغان-كۆرگەن ھەم بىلگەنلىرى كۆپ كەلگەن ئاياللارنىڭ مەپتۇن قىلارلىقى ئۆزلۈكسىز ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ، مۇھەببەت سەنئىتىنى تېخىمۇ چۈشىنىدىغان بولىدۇ.
     نەزەر دائىرسى دىگەن بۇ ئاتالغۇ ناھايىتى كەڭ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ ساپاسى ۋە قۇرۇلمىسى، زور دەرىجىدە ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ نەزەر دائىرىسى تار ياكى يوق دىيەرلىك ئاياللارنىڭ بارغانسىرى مەپتۇن قىلارلىق بولۇپ كىتىشىگە كاپالەتلىك قىلماق تەس بولىدۇ.
بەشىنچى خىل ھالەت: ھىسيات-مۇھەببەتتىن كىلىدۇ. ئاياللار ھەر خىل دوستلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى بىلىشى، ئۆزىنىڭ يىتەكچى مۇئەللىمى، تىرىنىرى ھەمدە ئۆزىنىڭ يېقىن سىرداش ئاچا-سىڭىللىرى بولۇشى، ئۆزى قوللايدىغان كىشىلىرى بولۇشى كىرەك. بۇنىڭدا ھىسيات ئايلانمىسى شەكىللەندۈرۈپ، ھاياتلىقنى ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان مەزمۇنلارغا ئىگە قىلالايدۇ.
     بۇ بەش خىل ھالەت ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ، ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆگىنىپ ئالغا بېسىش، سىزنىڭ قۇرۇلمىڭىز ۋە ئىچكى دۇنيارىڭىزنى دۇنيانى سىغدۇرالايدىغان ھالەتكە يەتكۈزەلەيدۇ.
 بۇ ماقالىنى ئوقۇغان ئايال ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەس-ھۇشىنى تېپىپ، قانداق قىلغاندا بىر لاياقەتلىك ئايال كىشى بولغىلى بولىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا لاتاپەتلىك كەلگەن ھەم مالىيەدە مۇستەقىل كەلگەن ھازىرقى زامان ئەركىن ئاياللىرى بولۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىۋىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

-3-
"ئۈچ ساندۇقلۇق ئايال" بولۇڭ
    بىرىنچى ساندۇق: پۇل ساندۇقى. پۇلنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەسلىك چاكىنىلىق بولىدۇ، ئەمما پۇل بولمىسا بىر قەدەممۇ ئىلگىرلىگىلى بولمايدۇ.
    پەقەت ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولالىغان ئاياللارلا ئاندىن ئادىمىيلىكتىكى مۇستەقىللىكنى تىلغا ئېلىشقا سالاھىيىتى بار بولىدۇ؛ ئاياللار ئادىمىيىلىكى مۇستەقىل بولغاندىلا، ئاندىن مۇھەببەت جەھەتتىكى غۇرۇرى بولىدۇ.
    ئۆيىڭىزدە باشقىلارنىڭ كىلىپ سىزنى تاللىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ياشاڭ؛ چۈنكى ساقلاپ ئولتۇرسىڭىز تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتۈۋالىسىز، پەقەت تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق ئىرىشىدىغىنىڭىزلا ئاندىن كىشىلىك ھايات بولالايدۇ.
     ئىككىنچى ساندۇق: كىتاپ ساندۇقى. ئەقىل ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش ئاساسىدا ياشايدىغان ئاياللار ئەڭ گۈزەل كىلىدۇ.
     سەن ماۋ مۇنداق دىگەن: "ئوقىغان كىتاپىڭىز كۆپ بولسا، قىياپىتىڭىز تەبىئىلا ئۆزگىرىدۇ؛ نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بىز كۆرگەن كىتاپلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ قالغاندەك ھىس قىلىمىز، ئەمىلىيەتتە ئۇلار بىزنىڭ سالاپىتىمىزدە، گەپ-سۆزلىرىمىزدە، كۆڭلىمىزنىڭ چەكسىز كەڭرى بولىشىدا يۇشۇرۇنغان بولىدۇ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ۋە قەلىمىمىزدە ئىپادىلىنىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن بولىدۇ ئەلۋەتتە."
     ئاياللارنىڭ لاتاپىتى ھاياتلىق كەچىمىشلىرى ۋە بىلىملەرنىڭ يېغىلىشىدىن شەكىللىنىدۇ.
    ئۈچىنچى ساندۇق: گىرىم ساندۇقى. ئاياللار چوقۇم ئۆزىنىڭ چىرايىغا مەسئۇل بولىشى كىرەك.
   ھازىرقى جەمئىيەت "كۆز ئىگىلىگى" دەۋرى بولۇپ، سىز ھەر قانچە قەلبىڭىز گۈزەل كەلسىڭىزمۇ، ئەگەر باشقىلارغا بەرگەن بىرىنچى تەسىرىڭىز ياخشى بولمىسا، بەلكىم باشقىلارنىڭ سىزنى تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا چۈشىنىشكە ئىنتىلىشى پۇرسىتىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويىشىڭىز مۇمكىن.
     ئەمما ئۆزىنى ياساشنىلا بىلىپ، ئۆگىنىشنى بىلمەيدىغان ئاياللار "چىرايلىق نان ساندۇقى" بولۇپ قېلىپ، باشقىلارغا ئىچى قۇرۇق تۇيغۇسى بىرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزنى ياخشى تۈزەشتۈرۈشنى ئۈگىنىپ، ئۆزىڭىزنى توغرا ئۇسۇلدا سۆيۈشنى بىلىشىڭىز كىرەك.
ئۈگىنىش، ئاياللارنىڭ ھاياتىنى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە مەپتۇن قىلىش سىھىر كۈچلىرىگە تولدۇرىدۇ. ئاياللار ئۆزىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىپ قېرىپ كىتىشىنى توسىيالمايدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى مەنىسىز ۋە ئەھمىيەتسىز قىلىپ قويماسلىقى كىرەك.
     ھازىرقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، بەخىتىڭىزنى ئۆز قولىڭىزدا تۇتالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇۋىلىڭ؛ بۇنىڭدا سىز نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كىيىن، ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن ھالدا "ۋاقىت كەينىگە يېنىپ، ياشلىق باھارىم قايتىپ كىلىدىغان ئىش بولسىمۇ، مەن يەنىلا ھازىرقى ئۆزۈمنى ياخشى كۆرىمەن" دەپ ئېيتالايسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号