ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
ئاياللارنىڭ بۇ ئۈچ خىل ئادىتى ئىرىنى قاچۇرۋىتىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-27كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەمىلىيەتتە، ئۆز-ئارا ئۆچ كۆرۈپ كەتمەيدىغان، ئەمما بىر-بىرىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدىغان ئادەمنى نىكاھتىكى ھەمرىيى قىلىپ تاللىسا، بۇنداق نىكاھنى ئەكسىچە تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىل ساقلاپ ئۆتكىلى بولۇشى مۇمكىن ھەمدە كىتاپلاردا سۆزلەنگەندەك بىر-بىرىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ئاشىقلار بىر-بىرى بىلەن نىكاھلىنىشقا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ چوڭ ناچار ئادىتى، ئاسانلا ئىرىنى تالاغا قاراشقا مەجبۇر قىلىپ قويىدۇ.
1. ئىرىگە يىتەرلىك ئىتىبار بەرمەسلىك
    ئەگەر ئاياللار ئىرىگە يىتەرلىك ئىتىبار بىلەن قارىماي، ئىرى ئايالى تەرىپىدىن بار بىلەن يوقنىڭ ئارلىقىدا مۇئامىلە قىلىنسا، ئاياللارنىڭ بۇ خىل ئادىتى ئىرىنى تالاغا قارايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئەرلەر ئۆزىنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا ئىتىبار بىلەن قاراشقا ئىرىشىشىنى ۋە تىگىشلىك ھۆرمەتكە ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئەمما ئەگەر ئاياللار ئىرىگە ھە دىسىلا خوشياقمىغاندەك پوزۇتسىيە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا يىتەرلىك ئىتىبار بىلەن قارىمىسا، ئەرلەر بۇنداق پوزۇتسىيەگە ھامان بىر كۈنى بەرداشلىق بىرەلمەي قالىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئاياللار ھەمىشە ئەرلەرگە خۇشامەت قىلىپ ئۆتۈشى كىرەك دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئاياللار ئىرى بولغان ئارلىقىنى لايىقىدا تۇتۇپ، مۇناسىۋەتنى ياخشى كونتىرول قىلىشى كىرەك دىگەنلىكتۇر؛ يەنى بەك يېقىنىلىشىپ كەتمەسلىك ھەم بەك يېراقلىشىپمۇ كەتمەسلىك. ئاياللار ئىرىنىڭ كەيپىياتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دىققەت قىلىپ تۇرۇشنى ئۆگىنىشى، ئىرى ئۇلارغا ياخشىچاق بولۇپ يالۋۇرغان ۋاقتىدا، ئۇلارغا چۈشىدىغان پەشتاق بىرىشنى بىلىشى كىرەك.
2. ئىرىنىڭ يۈز-ئابرويىنى ئايىماسلىق
    ئاياللار ئىسىدىن چىقارماسلىقى كىرەككى، ئەرلەر ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرويىغان ناھايىتىمۇ بەك ئىتىبار بىرىدۇ. ئەگەر ئاياللار ھەمىشە مىنىڭ توغرا دەپ ئىرىگە يول قويمىسا ھەمدە باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىرىنى سەتچىلىككە قويۇپ ئۇلارنىڭ يۈزىنىڭ تۆكۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئەرلەر چوقۇم ئېلىشىپ قالىدۇ. ئەگەر ئاياللار ھەمىشە مۇشۇنداق قىلىۋەرسە، ئىرى ھامان ئايالىنىڭ بۇ خىل ناچار ئادىتى سەۋەپلىك نىكاھقا ئاسىيلىق قىلىپ تالاغا قارايدۇ. ئەرلەرنىڭ يۈز-ئابرويىنى ئاۋايلىشى ھەر جەھەتلەردىن ئىپادىلىنىدۇ؛ ئەرلەر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى، بۇ ئائىلە ئۇ ئەرنىڭ بارلىقىنى تەقدىم قىلىشىغا ئەرزىيدىغان بولۇشى كىرەك، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ئائىلىدىكى ئايال خوجايىن ئۇ ئەرنىڭ بارلىقىنى تەقدىم قىلىشىغا ئەرزىيدىغان بولۇشى كىرەك.
3. ئىرىنى بەك چىڭ باشقۇرۋىلىش
    نىكاھ تۇرمۇشىدا، ئاياللار ئىرىنى بەك چىڭ باشقۇرۋىلىشتىن قەتئى ساقلىنىشى كىرەك. ئاياللار ئىسىدە مەھكەم تۇتۇشى كىرەككى، ئۇلار ئۆزىگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىشى كىرەك، چۈنكى كىشىلىك ھايات ئۇنداق ئۇزۇن ئەمەس؛ ئاياللار يەنە ئىرىگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىشى كىرەك، چۈنكى ئەگەر ئۇ دۇنيادىن يوق بۇلۇپ كەتسە، ئۇنى قايتا ئۇچرىتىش مۇمكىن بولمايدۇ. ئەقىللىق ئاياللار ئىرىنى بەك چىڭ باشقۇرۋالمايدۇ، ئەمما ئۇسۇلغا دىققەت قىلغان ئاساستا، ئىرىنى ئۆزىگە رام قىلىپ گېپىدىن چىقمايدىغان قىلىۋالىدۇ. ئاياللار ئەگەر ئىرىنى بەك چىڭ باشقۇرىمەن دەپ، ئىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا چات كېرىۋالسا، ئىرى قارشىلىق بىلدۈرسە ئۇنىڭ بىلەن جىدەللىشىپ باش ئاغرىتسا، بۇنداق ئاياللار ئىرىنى ناھايىتى تىزلا قاچۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر ئاياللار ئىرىنى چىڭ تۇتىمەن دەپ ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالسا، ئۇنىڭ ئىرىدە نىكاھقا بولغان ئۈمىدسىزلىك شەكىللىنىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، ئۇلار تالاغا قاراش ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان بولىۋالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号