ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
ئۈچىنچى شەخسىكە قانداق تاقابىل تۇرۇش كىرەك؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-08كۆرۈلىشى : قېتىم
      مۇھەببەت دۇنياسى تار ھەم شەخسىيەتچى كىلىدۇ؛ چۈنكى مۇھەببەت دۇنياسىدا ئۈچىنچى شەخىسنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئىشىنىمەنكى ئۆز ئىرى بىلەن باشقا بىر ئايالنى تەڭ بەھىرلىنىشنى خالايدىغان ئايال كىشى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە قانۇن ۋە ئەخلاقمۇ بىر ئەر بىر ئاياللىق نىكاھ تۈزۈمىنى بەلگىلىگەن ۋە تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچىنچى شەخىس سوقۇنۇپ كىرگەن نىكاھ كۆپىنچە ھاللاردا بەخىتسىز نىكاھقا ئايلىنىپ قېلىپ، نىكاھنىڭ يېرىقچىلىرىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە ئەكىلىش ئاساسەن مۇمكىن بولمايدۇ.
ئۈچىنچى شەخىس بىر ئائىلىگە سوقۇنۇپ كىرگەندە، ئەسلىدىكى قانۇنلۇق جۈپتىنىڭ بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىمۇ ، مەسىلىنىڭ تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بەزى ئەسلى ئىگىلەر( يەنى قانۇنلۇق جۈپتى)، مەسىلىنى بىرتەرەپ قىلىشتا ئەسەبى ھەم ئالدىراقسانلىق پوزۇتسىيە تۇتىدۇ؛ بۇنىڭدا ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى كىلىپ چىقىپ، ئاخىرىدا ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ ۋە ھىسياتلىرىنىڭ قايتىشقا بولمايدىغان تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز تۆۋەندە سىز ئەگەر نىكاھ تۇرمۇشىڭىزغا ئۈچىنچى شەخىسنىڭ سوقۇنۇپ كىرگەنلىكىنى بايقاپ قالسىڭىز، قانداق بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانسىڭىز توغرا بولىدۇ دىگەن ھەقتە، نىكاھ مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.
      1.  غوۋغا كۆتۈرۈپ، جىدەل چىقىرىپ، ئۆزىڭىزنى ھازازۇل ئايالغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن قەتئى ساقلىنىڭ.
     بەزى ئايال يولداشلار، ئىرىنىڭ تالاغا قارىغىنىنى بايقاپ قالغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ غەزەپكە تولغان كەيپىياتىنى باسالمىغانلىق سەۋەبلىك، ئۆلىمەن-پىشىمەن دەپ غوۋغا كۆتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ئىرىنىڭ ئۆيگە قايتىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىدۇ. ھەتتا بەزىلەر ئۈچىنچى شەخسىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۈچىنچى شەخسكە قارىتا جىسمانىي جەھەتتىن زەربە بىرىپ، بۇ ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقارماقچى بولىدۇ. ئۇلار بۇ قىلمىشىنىڭ ئىرىنى تېخىمۇ يېراققا ئىتتىرىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئۈچىنچى شەخىسكە يەتمەيدىغاندەك ھېسياتقا كەلدۈرۈپ قويدىغىنىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئەسلىدىنلا ئوبرازغا تەسىر يىتىدىغان ئىش بولۇپ، نىسبەتەن مۇلايىم كەلگەن ئۈچىنچى شەخىسكە قارىتا، سىز يەنە بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئىرىڭىزنىڭ قەلبىدىكى نۇمىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ كەملەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر سىز بېرىپ ئۈچىنچى شەخىسكە ھۇجۇم قىلسىڭىز، ئەسلىدە زىيانلانغۇچى بولغان سىز زىيان سالغۇچىغا ئۆزگىرىپ، ئەكسىچە ئۈچىنچى شەخسنى زىيانلانغۇچىغا ئايلاندۇرۇپ قويىسىز. بۇنداق ئەھۋال ئىرىڭىزنىڭ قەلبىدىكى سىزگە بولغان ئاخىرقى يۈز كىلەلمەسلىك تۇيغۇلىرىنىمۇ خوراپ تۈگىتىپ قويىدۇ.
      2.  قايغۇ-ھەسرەتلىك ئويۇنى ئويناپ، ئۆزىڭىزنى دەرتمەن ئايالغا ئۆزگەرتىپ قويۇشتىن قەتئى ساقلىنىڭ.
     بەزى ئاياللار ئىرىنىڭ تالاغا قارىغىنىنى بايقىغاندىن كىيىن، ئۇلار يا غەۋغا كۆتۈرمەيدۇ يا جىدەل چىقارمايدۇ، ئۇلار چىكىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ؛ ئۇ بولسىمۇ يىغلاپ دەرت تۆكۈش بولۇپ، ئۇنداق ئاياللار ئۇرۇغ-تۇققان، دوست-يارەنلىرىگە ئىرىنىڭ تالاغا قارىغانلىق قىلمىشىنى جار سېلىپ، دەرت تۆكىدۇ؛ ئۆزىنى پۈتەنلەي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئورۇنغا قويۇپ، دوست-يارەن  ۋە ئۇرۇغ-تۇققانلىرىنىڭ ئىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ ئارقىلىق ئىرىنىڭ سىرتقى بېسىمدىن قورقۇق ئۆيگە قايتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرىنىدۇ. ئۆيدە ئىرىنىڭ ئالدىدىمۇ ئۆزىنى دەرتمەن كۆرسىتىپ، ئىرىنى خۇددى ئۆزىگە قەرزداردەك ھىسياتقا كەلتۈرۈپ، ئىرىنىڭ خىجالەتچىلىك ۋە يۈز كىلەلمەسلىك پىسخىكىسى تەرپىدىن قىيىنىلىپ چىدىيالماي، ئاخىرى ئۆز يېنىغا قايتىپ كىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرىنىدۇ. ئەگەر سىز بۇنداق قىلغان بولسىڭىز، چوڭ تۈردە خاتالاشقان بولىسىز؛ چۈنكى تەسىرلەندۈرۈش ۋە ھېسداشلىقنى قوزغاش ئارقىلىق  ئەر كىشىنىڭ جىسمىنى قايتۇرۇپ كىلىش مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. ئۇ بۇ قېتىم بۇ ئۈچىنچى شەخىس بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزسىمۇ، كىيىنكى قېتىم يەنە ئىككىنچى ھەتتە ئۈچىنچى ئۈچىنچى شەخىسلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن؛ ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق بولۇپ قالسا، سىز بىر ئۆمۈر ئەنسىرەش ئىچىدە ئۆتۈپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلمەيسىز.
      3.  سۇغۇققان بولۇپ، ئۆزىڭىزنى ئىسىلزادە ئاياللاردەك تەمكىن تۇتۇش، نىكاھنى قوغداشتىكى ھەل قىلغۇچ قورال.
     بۇ خىل تەكلىپ بەلكىم بەزى ئاياللارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەسلىكى مۇمكىن؛ ئۇلار بەلكىم ئىرىمنىڭ روھىمۇ "تۈلكە جىن" تەرپىدىن ئەسىر قىلىۋىلىنغان تۇرسا، مەن يەنە قانداقمۇ ئۆزۈمنى بېسىۋىلىپ سوغۇققان بولالايمەن دىيىشى مۇمكىن. بىزنىڭ بۇ خىل تەكلىۋىمىز ھەرگىزمۇ سىزنى ھېچنىمە قىلماي ياكى قارشىلىق كۆرسەتمەي تۇرۇڭ دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى "سىرتنى ئەل قىلىش ئۈچۈن ئاۋال ئىچىنى تىنجىتىش" تاكتىكىسىنى قوللىنىڭ دىگەنلىك. ئۈچىنچى شەخىسنىڭ قىلغان خىرىسلىرىغا نىسبەتەن، سىز ھېچنىمىنى بىلمىگەندەك بولۇۋىلىپ، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىڭىزنى قىلىپ ئۆتىۋىرىشىڭىز كىرەك؛ بۇنىڭدا ئۈچىنچى شەخىس ئۆزىنى كارغا كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتقاندەك ھىس قېلىپ، تېخىمۇ جىددىلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىز ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئىرىڭىزنىڭ ۋاقتىنى ئىگەللىۋىلىشىڭىز كىرەك؛ بۇنىڭدا سىز ئىرىڭىز رەت قىلالمايدىغان سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزى ئىشلارنى ئورتاق ئورۇنداپ، بۇ ئارقىلىق ئۈچىنچى ۋە ئەسلى قانۇنلۇق ئايالىنىڭ ئىچىدە، قانۇنلۇق ئەسلى ئايالىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىغان ئەمىلىيەتنى پەيدا قىلىپ، ئۈچىنچى شەخىسكە كۆرسىتىپ قويىشىڭىز كىرەك. بۇ ۋاقىتتا ئۈچىنچى شەخىس پۈتۈنلەي غەزەپكە تولغان ھالەتكە ئۆتىدىغان بولۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئەر كىشىگە بېسىم ئىشلىتىپ قاقشاشقا باشلايدۇ، ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توختىماستىن زىددىيەتلەر كۆرنۈشكە باشلايدۇ. ئۈچىنچى شەخىسنىڭ ئەرلەرگە بىرىدىغىنى پەقەت يىڭىلىق تۇيغۇسىلا بولۇپ، ئەگەر ئەر كىشى كۈن بويى ئۆزى بىلەن جىدەل قىلىدىغان ئۈچىنچى شەخىسكە يولۇقۇپ قالسا، ئۇلار يەنە يىڭىلىق تۇيغۇسى ھىس قىلالامدۇ؟ نەتىجىسى ھەممىمىزگە كۆرنەرلىك بولىدۇ.
     يۇقارقى ئۈچ نوقتا، ئۈچىنچى شەخىس سوقۇنۇپ كىرىشكە قارىتا بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈزەكى ئەھۋاللارنى ھەل قىلىدىغان بولۇپ، تۈپكى سەۋەپلەرنى ھەل قىلالمايدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ مەسىلە بولسا، ئاياللار ئۆزىدىكى سەۋەپلەرنى ئىزدەپ تېپىشنى بىلىشى كىرەك؛ چۈنكى مەلۇم نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىرىنىڭ تالاغا قارىشى، ئايالىنىڭمۇ ياخشى قىلمىغان تەرەپلىرى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى ئىزدەپ تېپىپ، ھەمدە يىتەرسىزلىكلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ئىرىڭىزنى قايتىدىن جەلىپ قىلىشقا تىرىشسىڭىز، بۇ ئۈچىنچى شەخىسنى مەغلۇپ قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە ھىسابلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号