ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
ئاياللار، بۇ ئۈچ ۋاقىتتا ئاچچىقلانماڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-02-07كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاچچىقلىنىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، لېكىن بەزىدە خاپا بولۇپ قالغان ۋاقتىمىزدا، يەنىلا ئاچچىقلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنالمايمىز. ئەمەلىيەتتە، سىز ھەر بىر قېتىم ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا، بەدىنىڭىزگە ئورنىنى تولدۇرۋالغىلى بولمايدىغان زور زىيان-زەخمە ئېلىپ كېلىدۇ.
   ئەر-ئاياللار ئوخشاشلا، ئاچچىقلىنىشتىن ئامال بار ساقلىنىشى لازىم؛ بىراق سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئايال كىشى بۇ ئۈچ ۋاقىتتا ئاچچىقلىنىپ قېلىشتىن تېخىمۇ بەكرەك ساقلىنىشى لازىم.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە
   ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتى چوقۇم خۇشال ساقلىنىشى كېرەك. قورساقتىكى ھامىيلە كىندىك بېغى ۋە باش سۈيىگە تايىنىپ ئانا تېنى بىلەن باغلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئانىنىڭ كەيپىياتى ياخشى، روھى ھالىتى تىنچ بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تېنىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرىلەر ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇرىدۇ. لېكىن، ئەگەر ھامىلدار ئايال ئاچچىقلانغان، تەشۋىشلىنىش ھالىتىدە تۇرسا، باش سۈيىنىڭ سۈپىتى ناچارلاپ، ھامىيلىمۇ جىددىيلىشىپ قالىدۇ ھەمدە بەلگىلىك زىيانلىق تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە
   ئىلگىرى، ئاچچىقلىنىش سەۋەبلىك "ئانا سۈتى" "زەھەرلىك سۈت"كە ئايلىنىپ كەتكەن تىرادىگىيە يۈز بەرگەن: يېشى كىچىكرەك بىر ئانا، ئاچچىقلىنىپ يىغلىغان ھالەتتە بالىسىنى ئىمىتكەنلىكى ئۈچۈن، بالىسى ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلۈپ قالغان.
   ئەينى ۋاقىتتا بۇ خەۋەرنى كۆرگەن ۋاقتىمدا، مەن ھەيرانلىقتىن بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشىنەلمەيلا قالغان. لېكىن كىيىنچە باشقا ماتېرىياللاردىن بايقىشىمچە، ئادەم ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا، بەدەندە بىر خىل ماددا شەكىللىنىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ماددا بەلگىلىك مىقدارغا يەتكەن ۋاقىتتا، باشقا ئاجىز ھاياتلىقنىڭ جېنىغا زامىن بولالايدىكەن.
ھەيىز مەزگىلى ۋە ھەيىز كېلىش ئالدىدىكى مەزگىل
   ھەيىز مەزگىلىدە كەيپىياتىمىزنى ياخشى ھالەتتە ساقلىماي كۆپ ئاچچىقلانساق، بالىياتقۇدىكى قان تومۇرلارنىڭ ئىتىلىپ قېلىشى سەۋەبلىك، ھەيىز توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号