ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باشبەت » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
بالا ئالدۇرۋەتكەندىن كىيىن ھەيىز قالايمىقانلىشامدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-10-25كۆرۈلىشى : قېتىم
   كىشىلەر ئادەتتە كۆپ ئېيتىدىغان بالا ئالدۇرۋىتىش، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىيلىنى چۈشۈرۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئالدى بىلەن، ھامىيلە چۈشۈرۈش، بەدەنگە چوقۇم زىيانلىق بولۇپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغى، بالياتقۇنىڭ زەخمىلىنىشى، بالىياتقۇ ئىچكى دېۋارى چاپلىشىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، ھەتتا داس بوشلۇقى ياللۇغى، تۇخۇن نەيچىسى ياللۇغى قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇ سەۋەپلىك تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
   ئادەتتە، سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىيلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كىيىن تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ھەيىز، تەدرىجى ھالدا ئەسلىگە كېلىدۇ؛ ھامىيلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇپ ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا، تۇخۇمداننىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشى ئەسلىگە كېلىدۇ، بىر ئايدىن كىيىن ھەيىز نورماللىشىدۇ. بىراق، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەردە بەلگىلىك دەرىجىدە پەرق مەۋجۇت بولۇپ، بەزى ئاياللار ھامىيلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ھەيىز دەۋرىدە ئۆزەىرىش كۆرۈلۈپ، 3-2ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ.
   ھامىيلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇپ ئىككى ئايدىن كىيىن، ھەيىز يەنىلا بىنورمال بولسا ۋە مىقدارى ئازلاپ كەتكەن بولسا، ئەگەر مىقدارى بەش مىللىلىتىردىن ئاز بولسا، ئۇنداقتا ئوپراتسىيە جەريانىدا، ئىھتىياتسىزلىقتىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ئاساسى قاتلىمىغا زەخمە يەتكۈزۈپ قويۇپ، بالىياتقۇ ئىچكى بوشلۇقى چاپلىشىپ  قېلىشى ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ھەيىز مىقدارىنىڭ ئازلاپ كىتىشىنى پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، بەزى بىمارلار ھامىيلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كىيىن، ئۇلاردىكى روھى بېسىمى ئېشىپ كىتىش، ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار، ھەيىزنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
   شۇڭلاشقا، ئادەتتە ھامىيلە چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇپ 2-1ئاي ئەتراپىدا كۆزىتىپ بېقىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ ئەگەر بۇ مۇددەتتىن كىيىنمۇ يەنىلا ھەيىز قالايمىقان ۋە مىقدارى ئاز بولسا، ئۇنداقتا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش لازىم. دوختۇرغا كۆرۈنۈشتە، ئالدى بىلەن Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرۈش ئاپاراتىدا، بالياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئەھۋالىنى تەكشۈرتۈپ بېقىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئاندىن كىيىنكى قەدەملىك تەكشۈرۈشنى بىكىتىش كېرەك.
   ئادەتتە، ھەيىز پاكىزلىنىپ 10-7كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بېرىپ تەكشۈرتسەك بولىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، روھى كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش كېرەك، ئەگەر بەك جىددىلىشىپ كەتسەك، ئىچكى ئاجرىلىشقا تەسىر يېتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号