ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
يوپكا كىيىشكە ماس كىلەمسىز ياكى كۆينەك كىيىشكىمۇ بىلىۋىلىڭ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-09-25كۆرۈلىشى : قېتىم
   ھاۋا ئىسسىق مەزگىللەردە، نۇرغۇن خانىم-قىزلار ئىشتاننى تاشلاپ يوپكا كىيىۋالىدۇ؛ بىراق، يوپكا بارلىق خانىم-قىزلارنىڭ ھەممىسىگىلا ماس كىلىۋەرمەيدۇ. ئۇنداقتا ئۆزىمىزنىڭ يوپكا كىيىشكە ماس كىلىدىغانلىقى ياكى ئىشتان كىيىشكە ماس كىلىدىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش كىرەك؟ بۇنىڭدا، ئاساسلىقى بەدەننىڭ بۇ ئۈچ يىرىگە قاراش كىرەك.
بەل قىسىمنىڭ توم-ئىنچىكىلىكى
   بەل قىسىم توم كىلىش، ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدىغان بىر مەسىلە؛ بىراق كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇكى، سېمىز خانىم قىزلارنىڭ بەل قىسمى ئادەتتە توم كىلىدۇ، ئۇندىن قالسا ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە بېرىپ قالغان ئاياللارنىڭمۇ بەل قىسمى توم بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەل توم بولسا ۋە بەل قىسىمدا ئارتۇق گۆشلەر كۆپ بولسا، بۇنى ئۇرۇقلاپ يوقىتىش ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە كىيىمنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش كىرەك. ئۇنداقتا، بەل قىسمى توم خانىم-قىزلار يوپكا كىيىشكە ماس كىلەمدۇ ياكى ئىشتانمۇ؟
   ئەمىلىيەتتە، بەل قىسمى توم بولغانلارمۇ بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى، يوپكا بىلەن ئىشتان بۇنداقلارغا ئوخشاشلا ماس كىلىۋىرىدۇ. بىراق، ئىشتان تاللاش جەھەتتە، چوقۇم بەل قىسمى ئېگىز پاسوندىكى ئىشتان تاللاش كىرەك؛ بۇنىڭدا، بەل قىسمىڭىزدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى بەلگىلىك دەرىجىدە يۆگەپ، ئۇرۇق كۆرسىتىش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە، ئۇلاشما ئىشتان تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بەدەن شەكلىڭىزنىڭ نىسبىتىنى ئۇزارتىپلا قالماي، يەنە ئۇرۇق كۆرسىتىدۇ.
   يوپكىغا كەلسەك، ئوخشاشلا بەل قىسمى ئېگىز پاسوندىكى يوپكا، ياكى بەلباغ لايىھەلەنگەن يوپكا تاللاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ ئىككى خىل يوپكا، بەل قىسمى توم كەلگەنلەرگە نىسبەتەن، ئوخشاشلا بەل قىسىمدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى يۆگەش رولىنى ئوينايدۇ.
داس سۆكەڭنىڭ تار-كەڭلىكى
   داس سۆڭىكى بىرقەدەر كەڭ بولغان خانىم قىزلار، يوپكا بىلەن ئىشتان ئارىسىدا، يوپكا كىيىشكە تېخىمۇ بەكرەك ماس كىلىدۇ. داس سۆڭىكى كەڭ خانىم-قىزلار، تار ئىشتان كىيىۋىلىشتىن چوقۇم ساقلىنىشى كىرەك، بولمىسا يىتەرسىزلىك بىۋاستە ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. تار ئىشتان كېيگەندىن، Aشەكىللىك يوپكا كىيىشنى تاللىسىڭىز، ئەكسىچە سىزنىڭ يىتەرسىزلىكنى ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇرۇپ، بەدەن شەكلى نىسبىتىڭىزنى تېخىمۇ ماسلىشىشچان كۆرسىتىدۇ.
   بۇندىن باشقا، ئىتىكى نىسبەتەن كەڭ بولغان ئازادە يوپكىلارنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بۇ خىلدىكى يوپكا سىزنىڭ داس سۆڭىكىڭىزنىڭ كەڭ بولۇش ئەمىلىيىتىنى يۇشۇرىدۇ. يوپكىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى بولسا بوي ئېگىزلىكىڭىزگە قاراپ تاللىسىڭىز بولىدۇ.
   داس سۆڭىكى كىچىك خانىم-قىزلارغا نىسبەتەن، مەيلى ئىشتان كېيسۇن ياكى يوپكا كېيسۇن، ئوخشاشلا يارىشىۋىرىدۇ.
پۇت ئايلانمىسى
   ئەگەر سىزنىڭ پۇتلىرىڭىز بىرقەدەر توم بولسا، ئۇنداقتا يوپكا بىلەن ئىشتاننى سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، سىزگە يوپكا تېخىمۇ بەكرەك ماس كىلىدۇ، ياز كۈنلىرىمۇ پۇتىڭىز ئۇچۇق قالىدىغان كىيىملەرنى ئىمكان قەدەر ئاز كىيىشىڭىز كىرەك. گەرچە پۇتلىرى توم بولغانلار ئىشتان كىيىشكىمۇ بولسىمۇ، ئەمما تار ئىشتان تاللىغاندا، پۇتلىرىڭىزدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى ئاسانلا ئاشكارىلاپ قويىدۇ، شۇڭا كەڭ ئىشتان تاللاش كىرەك. بىراق، سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، يەنىلا يوپكا بەكرەك ماس كىلىدۇ.
پۇت شەكلىگە قاراش
   پۇت شەكلىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، پۇت شەكلى ياخشى بولغان خانىم قىزلار، يوپكا ياكى ئىشتان كېيسە ئوخشاشلا يارىشىۋىرىدۇ. بىراق، پۇت شەكلى ياخشى ئەمەس خانىم-قىزلار، ئەڭ ياخشىسى يوپكا كىيىشى كىرەك. پۇت شەكلى ياخشى ئەمەس خانىم-قىزلارغا نىسبەتەن، پەقەت كەڭ ئىشتانلا كىيەلەيدۇ، تار ئىشتان قەتئى ياراشمايدۇ، شۇڭا يەنىلا يوپكا كېيگەن ياخشىراق بولىدۇ.
   پۇت شەكلى ياخشى ئەمەس خانىم-قىزلارغا، ئۇزۇن يوپكا كىيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ پەقەت پۇتلىرىڭىز توم بولمىسىلا، قايسى خىل پاسوندىكى ئۇزۇن يوپكا بولسا بولىۋىرىدۇ. لىكىن، قىسقا يوپكا پۇتلىرىڭىزدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان بولغاچقا، يەنىلا دىققەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号