ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
بۇ تۆت خىل ئالاھىدىلىكى بار ئاياللار بەخىتلىك ئۆتەلمەيدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-06-22كۆرۈلىشى : قېتىم
    تۇرمۇشتا، ھەر بىر ئايال كىشى ئۆزىنىڭ خۇشال ھەم بەخىتلىك ئۆتەلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ جۈپتىنىڭمۇ ئۆزىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، ھەر بىر ئادەمنىڭ مىجەز-خارەكتىرى، ئائىلە تەربىيەسى قاتارلىقلار ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، بەخىتلىك ئاياللارنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس بەختى بار، بەخىتسىز ئاياللارنىڭمۇ ئوخشىمايدىغان بەخىتلىسزلىكلىرى بار بولىدۇ. تۆۋەندە بىز، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، كۈنلىرى بەخىتلىك ئۆتەلمەيدىغان تۆت خىلدىكى ئايال كىشىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەت تېپىپ، ئالغا ئىنتىلىشنى ئويلاشمايدىغان ئاياللار
    ماددى ئاساس، بىر ئادەمنىڭ بەخىتلىك كۆرسەتكۈچىنى بەلگىلەيدۇ. دۇنيادا بىر كىچىدىلا بايغا ئايلىنىپ قالىدىغانلار، ياكى ئاسماندىن ئالتۇن چۈشىدىغان ئەھۋاللار يوق. تۇرمۇشتا، پۇلنى تىلغا ئالساق چاكىنىلىقتەك قىلغان بىلەن، ئەمما يانچۇقىمىزدا پۇل بار بولسا، تۇرمۇش سۈپىتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ قىلغۇسى بار ئىشلارنى قىلالايمىز.
   ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلىنىپ، ھازىرقى ھالىتىنى مۇقىم ساقلاش، بىر ئادەمگە نىسبەتەن راھەت ھىسابلىنىشى مۇمكىن؛ بىراق سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ يوق؟ ئەگەر يېشىمىز يەنە ئازراق چوڭ بولغاندىن كىيىن، بىزنىڭ يانچۇقىمىز يەنىلا قۇرۇق بولسا، چوقۇم باشقىلارنىڭ ياراتماسلىقىغا ئۇچرايمىز. مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال كىشى بولسۇن، پەقەت توختىماستىن تىرىشپ ئالغا ئىنتىلگەندىلا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشىپ، بەخىتكە ئۇلىشىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ.
ئەر كىشىگە زىيادە تايىنىۋىلىش
   بەزى ئاياللار كۆڭلىدە، كەلگۈسىدە مۇنەۋۋەر بىر ئەكىشىگە ياتلىق بولسام، ئۆزۈم تىرىشمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتەلەيمەن دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇ خىل قاراش ماھىيەت جەھەتتىن خاتا ئەمەس، بىراق بۇنىڭ بىر ئالدىنقى شەرتى بار؛ ئۇ بولسىمۇ، قارشى تەرەپ سىزدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئېلىشنى خالايدىغان بولۇشى كىرەك.
   لىكىن نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، ئىككى ئادەم تويلىشىپ بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەندىن كىيىن، ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىشى كىرەك؛ ئارىدىكى بىرسىگە تايىنىۋالسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوڭ مەسىلە كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن، بىراق بۇ خىل تايىنىۋىلىش، بىر ئادەمنىڭ غۇرورى ۋە ئەركىنىلىكىنى يوققا چىقىرىدۇ.
   بىر ئايال كىشى ئەگەر ھەرقانداق بىر ئىشتا ئىرىنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش كۆرىدىغان، يەنە تېخى ھەر دائىم ئىرىنىڭ ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ئۆتىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ خىل توي تۇرمۇشى، بەخىتلىك بولالمايدۇ.
ھەممە ئىشتىن قاقشاپ ئاغرىنىش
   كەيپىيات، ئاسانلا يۇقۇپ تارىلىدۇ. تۇرمۇشتا، كۈنلىرى ياخشى ئۆتىۋاتقان كىشىلەر ئەزەلدىن قاقشاپ ئولتۇرمايدۇ؛ چۈنكى، ئۇلار زىھىنىنى قاقشاپ ئاغرىنىشقا زايا قىلغاندىن كۆرە، كۆڭلىنى تىنچلاندۇرۇپ مەسلىنى ئانالىز قىلىپ ھەمدە سەۋەپنى تېپىپ چىقىپ ئۇنى ھەل قىلىشنى ئەۋزەل بىلىدۇ.
   قاقشاپ ئاغرىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر، ئۆزىنى روھى چۈشكۈنلۈككە پاتۇرۇپ قويىدىغان بولۇپ، ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يىتىپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭمۇ نىشاننى خاتا تاللاپ، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۆھرەتپەرەسلىكى كۈچلۈك
   بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن، ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى شۆھرەتپەرەسلىكتۇر. چۈنكى، شۆھرەتپەرەس بولۇپ قالسا، بۇ ئۇنىڭ بەزىبىر ئۆزى بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ سالىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.
   شۆھرەتپەرەسلىكى كۈچلۈك ئاياللار، قىزىقتۇرۇشلار ئالدىدا ئاسانلا ئەقلىنى يوقىتىپ، بەزىبىر ناچار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇرمۇشتا، قارىسا تۈزۈك ئەمىلى كۈچى يوق، ئەمما شۆھرەتپەرەسلىك سەۋەبىدىن ئالدىنئالا قەرزگە ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەر، ئائىلىسىنىڭ كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭسىزلىقىنى بۇزۇپ، ئاخىرىدا ئائىلىسىنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا ئېلىپ بارىدۇ.
ئاخىرقى سۆز
   ھەر بىر ئادەمنىڭ بەخىتلىك ئۆتۈش ھوقۇقى بار؛ بىراق، بەخىتلىك ئۆتەلەمسىز يوق، بۇ سىزنىڭ قانداق قىلىشىڭىزغا باغلىق. شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئەگەر سىزدە يۇقارقى تۆت نوقتا بار بولسا، ئىمكان قەدەر تۈزىتىڭ، بولمىسا، ئۆزىڭىزدە كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىڭ. سىزنىڭ كۈنلىرىڭىزنى بەخىتلىك ئۆتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号