ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
بۇ ئادەتلەرنى تاشلىمىسىڭىز بارغانسىرى چىرايلىقلىشىپ كىتىسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-17كۆرۈلىشى : قېتىم
   بىر قىسىم ئايال چولپانلار ئىنتايىن چىرايلىق، كۆپ قىسىم تور چولپانلىرىمۇ ھەم شۇنداق؛ بىراق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۇغۇلما شۇنداق چىرايلىق، يەنە بەزىلىرى بولسا كىيىن ھۆسىن تۈزەتكەنلەر. مەيلى تۇغۇلما چىرايلىق بولسۇن ياكى كىيىن ھۆسىن تۈزەش قىلدۇرغان بولسۇن، ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر نىشانى بار؛ ئۇ بولسىمۇ، چىرايلىق بولۇش.
    بىراق رىئال تۇرمۇشتا، كۆپ قىسىم خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ چىرايى ئادەتتىكىچە كىلىدۇ؛ شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا، ياىشى تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئىنچىكە نوقتىلارنى ياخشىلاش ئارقىلىق، چىراي گۈزەللىكىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيمىز. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆزىڭىزمۇ سەزمىگەن ئەھۋالدا چىرايىڭىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدىغان تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
مۇۋاپىق بولغان يىمەك-ئىچمەك ئادىتى
   يىرىك ئاشلىقنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ، ئاچچىق، مايلىق ۋە غىدىقلاش خارەكتىرىگە ئىگە يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كىرەك.گۆش ۋە مىۋە-كۆكتاتلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئسىتمال قىلىشقا دىققەت قىلىش، تاماقتىن كىيىن مىۋە-چىۋە يىيىشكە ئادەتلىنىش. ۋىيتامىن C,A,E تەركىبلىرى مول بولغان مىۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ، ئاقسىل، تالا ماددىسى ۋە مىنرالنى ئىلمنتلارنى تۇلۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرىش.
يارىشىملىق گىرىم قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىش
    شۇنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، گىرىم قىلىش، چىراينى تىز سۈرئەتتە گۈزەل لەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. يارىشىملىق گىرىم قىلىش تېخنىكىسى، سىزنى كوچا بويىدىكى يولۇچى قىزدىن، بىردەمدىلا ئايال ئىلاھقا ئۆزگەرتىۋىتەلەيدۇ.
كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىش
   ھەرىكەتلىنىش قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قان ئايلىنىش تىزلەشسە، چاچنىڭ تۈك خالتىلىرىغا پايدىلىق بولىدۇ. ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىش جەريانىدا، قان  سۇيۇقلۇقى ھۈجەيرە ۋە تۈك خالتىلىرىغا ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈپ، چىرايىڭىزنى تېخىمۇ ساغلام، تىرىڭىزنى تېخىمۇ ئاق ھەم نۇرلۇق قىلىدۇ.
كۈندە بىر پەمىدۇر يىيىش
   كۈندە بىر پەمىدۇر يەپ بىرىشنى تاشلىماي داۋاملاشتۇرسىڭىز، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، تىرىمىزنى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرالايدىغان قىلىپ، بەدەندىكى ئەخلەت ماددىلارنى تازىلايدۇ ھەمدە چىرايىمىزنى بارغانسىرى چىرايلىقلاشتۇرۋىتىدۇ.
سۇنى كۆپرەك ئىچىش
   سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بەرگەندە، بەدەندىكى سۇ تەركىبلىرى يىتەرلىك بولىدۇ، تىرىمىز ئاندىن يۇمران ھالەتنى ساقلىيالايدۇ. سۇنى كۆپ ئىچىشنىڭ يەنە ئۇرۇقلاشقىمۇ پايدىسى بار بولۇپ، بەدەن شەكلىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلىدۇ.
تىرە ئاسراش قىلىشنى ئۈزۈپ قويماسلىق
   قورۇقچە، دانىخورەك، داغ... ... كۆڭۈلدىكىدەك چىرايلىق بولالمىغان بەش ئەزايىڭىز سەۋەبىدىن، ھەرگىز تىرىڭىزگە ئاسراش قىلىشتىن ۋاز كەچمەڭ. چۈنكى، ئاپئاق، پاقىراق ھەم يۇمران كەلگەن تىرە، سىزنىڭ چىراي گۈزەللىكىڭىزنى ئاز دىگەندىمۇ %30 ئاشۇرىدۇ.
كالپۇك چاپلىقى ئىشلىتىش
  ئۇخلاشتىن بۇرۇن كالپۇك ئاسراش لەۋ سۇرۇخى ئىشلەتسىڭىز، ئىككىنچى كۈنى كالپۇكلىرىڭىز شۇنداق يۇمران ھەم نۇرلۇق قوپىسىز. بىر ھەپتىدە ئىككى قېتىم قىلىپ ئاسراش قىلىپ بەرسىڭىز، باشقىلارنىڭ لەۋ سۇرۇخى سۈرگەن كالپۇكلىرىغا ھەۋەس قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号