ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
بالىياتقۇنى ئاسرىغانلىق قېرىپ كىتىشكە قارشى تۇرغانغا باراۋەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-09كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ئاسراپ كۈتۈنۈش قىلىشى، كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق يەپ ئۇخلىغانغا ئوخشاش مۇھىم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بالىياتقۇنى ئاسراش ھەممىدىن مۇھىم. ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى يىڭى ھاياتلىق بارلىققا كىلىدىغان ئورۇن، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ مەپتۇن قىلارلىقىنىڭ بارلىققا كىلىش مەنبەسى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىياتقۇغا قارىتا ياخشى ئاسراش ئېلىپ بېرىش كىرەك. ئەمىلىيەتتە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزىبىر يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىقمۇ بالىياتقۇنى ئاسراش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. تۆۋەندە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان ئۈچ خىل يىمەكلىكنى ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بالىياتقۇغا پايدىلىق بولۇپ، قاننى جانلاندۇرۇپ سۇغۇق يەلنى ھەيدەيدۇ ھەمدە بالىياتقۇدىكى كىرەكسىز ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
داڭگۇي(当归)
   داڭگۇينىڭ پۇرىقى نىسبەتەن كۈچلۈك، ئەمما كۈتۈنۈش ئۈنۈمى ياخشى؛ ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئورگانىك كىسلاتالار، ساخارىد تۈرى ۋە ئامىنو كىسلاتا قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، قاننى جانلاندۇرۇش ۋە قان تۇلۇقلاش، قانغا ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈش، بالىياتقۇنى ياخشىلاش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.
زەنجىۋىل
    زەنجىۋىلنىڭ تەركىبىدە يىمەكلىك تالا ماددىسى ۋە ياغلار مول بولۇپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشتىھانى ئېچىش، قاننى جانلاندۇرۇپ سۇغۇق يەل ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. زەنجىۋىل، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، باش ئاغرىق ۋە قىزىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە بالىياتقۇنىمۇ قىزىتىدۇ.
يالپۇز چېيى
    يالپۇز، كۆپچىلىككە ناتۇنۇش ئەمەس. يالپۇز چېيى بالىياتقۇدىكى قاننىڭ ئېقىپ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، مىتابولىزىمنى تىزلىتىپ بالىياتقۇدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى ۋە مىتابولىزىم كىرەكسىز ھاسىلاتلىرىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号