ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى جەلپ قىلىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-05-06كۆرۈلىشى : قېتىم
    مۇھەببەت دۇنياسىدا، نىمە ئۈچۈن بەزى ئاياللار چىرايى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ھەمىشە بىر توپ ئەركىشىلەر ئايلىنىپ يۈرىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن بەزى ئاياللار ئەرلەرنىڭ قەلبىنى ئاسانلا ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالىدۇ؟ ئەمىلىيەتتە، بۇنىڭدىكى مەخپىيەتلىك، ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى بەش نوقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلىقىدىدۇر.
سىرتتىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئەر كىشىنىڭ يۈزىنى كۆتۈرۈش
   ئەرلەرنىڭ ھەممىسى يۈزىنى ئاۋايلاشقا ئامراق. سىز ئۆيدىكى ۋاقىتتا ئۇنى چاي قۇيغىلى سالسىڭىز، ھەتتا ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرگەن ۋاقىتتا نەچچىنى تىللاپ قويسىڭىز بولىدۇ؛ ئەمما، باشقا ئادەم بار سورۇندا، ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ يېقىن دوستلىرى ئالدىدا، سىز ئۆزىڭىزنى يۇۋاش تۇتمىسڭىز بولمايدۇ. بۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىز بولۇپ قالغاننىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يۈزىنى ئاۋايلىغانلىقىڭىز بولۇپ، ئۇ سىزگە بارغانسىرى ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ كىتىدۇ.
مۇۋاپىق تۈردە ئاجىزلىق كۆرسىتىش
    مىنىڭ كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بىر دوستۇم بار بولۇپ، بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئۇ پۇتلىرىنى خالىغانچە تۇتۇپ سەت گەپلەرنى قىلىپ ئوغۇل بالىدەك يۈرىدۇ؛ ئەمما ئوغۇل دوستىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بولسا، دەرھال مۇلايىملىشىپ، كىچىك ئاسلانغىلا ئوخشاپ قالىدۇ ھەمدە ھەرخىل ئەركىلەپ، باشقا بىر قىزبالىغا ئۆزگىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالىدۇ. مۇھەببەت جەريانىدا، ئەرلەرگە بۇ خىل تاكتىكا ناھايىتى بەك ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ؛ شۇڭا ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىزچىل تۈردە ياخشى ساقلىنىۋاتىدۇ.
مۇلايىم ھەم كۈيۈمچان بولۇش، ئۇ ئىھتىياجلىق بولغاندا ۋاقتىدا پەيدا بولۇش
   ھەممە ئادەمنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدىغان، ئاجىز بولۇپ قالىدىغان ۋاقىتلىرى بار. ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتە، ئۇ سىزگە مۇھتاج بولغان ۋاقىتتا، سىزنىڭ چوڭ بىر ئىشلارنى قىلىپ بىرىشىڭىز ھاجەت ئەمەس، پەقەت ئۇلارنىڭ يېنىدا ئۇلارغا ھەمرا بولۇپ تۇرسىڭىزلا بولىدۇ. بۇنىڭدا، ئۇلارنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ ھەمدە بۇ خىل قىيىنچىلىق مەزگىللىرىنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بەرگەن مۇھەببەتنى تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ قەدىرلەيدۇ.
ئۇچۇق مىجەز بولۇش، يولسىزلىق ۋە تەتۈر مىجەزلىك قىلماسلىق
    مۇھەببەتلىشىۋاتقان كۆپ قىسىم قىزلاردا بىر خىل "مەلىكە كىسىلى" بار بولۇپ، ئوغۇل دوستىنىڭ ھەممە ئىشتا ئۆزىنىڭ رايىغا بېقىشىنى تەلەپ قىلىپ، زىيادە ئەركىلىك قىلىدۇ. مەن بىر نەچچە يېقىنلىرىمدىن سوراپ باقسام، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، تۈز مىجەز ئاياللار ئەرلەرنىڭ بەكرەك ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىدىغان بولۇپ، ئۆزىنى مەركەز قىلىۋالىدىغان ئاياللارنى ئەرلەر تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ئەركىلەپ تەتۈرلۈك قىلىشمۇ چېكى بار بولۇشى كىرەك؛ بولمىغاندا، ئوغۇل دوستىڭىز ھەرۋاقىت قېچىپ كىتىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ ئالدىدا باشقا ئەر كىشىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلماسلىق
   ئوغۇل دوستىنىڭ ئالدىدا باشقا بىر ئەركىشىنىڭ، بولۇپمۇ ئىلگىرى ئوغۇل دوستىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىش، مۇھەببەتلىشىشتىكى بىر پەرھىزدۇر. بولمىسا، ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ غۇرورىغا تىگىپلا قويماي، يەنە بىر نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىشىڭىزنىڭ يىتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ قويغان بولىسىز. سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ: ئەگەر ئۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ھەمىشە باشقا بىر ئايال كىشىنىڭ ياكى ئىلگىرىكى قىز دوستىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلسا،سىز قانداق ئويلاپ قالىسىز؟ ئاچچىقىڭىزدىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ كىتەرسىز ھەقىچان.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号