ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-05كۆرۈلىشى : قېتىم
    بالىياتقۇ بوينى راكى، ئاياللاردا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ بىر خىلى بولۇپ، 30ياشتىن 55ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپ كۆرىلىدۇ. تەكشۈرۈشلەردە بايقىلىشىچە، بالىياتقۇ بوينى راكى، ئاياللاردا كۆرىلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر قاتارىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، سۈت بېزى راكىدىن قالسىلا، ئاياللار ئەڭ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، بالىياتقۇ بوينى راكىدۇر.
ئاياللاردا نىمە ئۈچۈن بالىياتقۇ بوينى راكى كۆپ كۆرىلىدۇ؟
    ئەمىلىيەتتە، ئاياللاردىكى بالىياتقۇ بوينى راكى تۆۋەندىكى ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
   بالىياتقۇ بوينى راكى، HPV ۋىروسى(ئىنسانلار ئەمچەك توپچىسى ئۆسمە ۋىروسى) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ ئىچىدە، %90بىمار بۇ خىل ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغان. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئادەمنىڭ ئىممونت سېستىمىسى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ خىل ۋىروس ئۈزۈل-كىسىل يوقىتىلماي، ئىزچىل تۈردە ئايال كىشىنىڭ بەدىنىدە قېلىپ قالسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۋىتىدۇ.
    ئۇنداقتا، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ تەھدىتىگە قارىتا، ئاياللار قانداق قىلىشى كىرەك؟ ئۇزۇقلۇقشۇناس پېڭ شىنرۈي كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئالدىنئالا تۆۋەندىكى نەچچە ئىشنى ياخشى قىلىش كىرەك.
تاماكا چەكمەسلىك
    ماددى تۇرمۇش شارائىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، ھازىر بارغانسىرى كۆپلىگەن ئاياللار تاماكا چىكىشكە ئۈگىنىۋالدى؛ بۇ ساغلاملىققا ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت ئېلىپ كىلىدىغان بىر ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاياللارنىڭ تاماكا چىكىشىنىڭ زىيانلىق دەرىجىسى، ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
    مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئاياللار تاماكا چىكىشكە ئادەتلەنسە، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىۋىتىپلا قالماي، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقىنىمۇ يۇيقىرى كۆتۈرۋىتىدىكەن. بۇ ئەھۋال، تاماكا تەركىبىدىكى كۆپ خىل زىيانلىق ماددىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، تاماكا تەركىبىدىكى راك كىسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى بار بولغان زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئۆزىلا نەچچە ئون خىلغا يىتىدىكەن.
قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش
    بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىشى، قەرەللىك تەكشۈرۈش قىلدۇرماي، كىسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى ۋاقتىدا يوقاتمىغانلىق سەۋەبىدىن بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سىز بالىياتقۇ بوينى راكى كۆپ كۆرىلىدىغان ياش مەزگىلىدە(55-30ياش) تۇرۋاتقان بولسىڭىز ھەمدە ئادەتتە بەزىبىر ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىز بار بولسا، ئۇنداقتا سىز ئەڭ ياخشىسى يېرىم يىلدا بىر، ھېچبولمىغاندا يىلدا بىر دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئالاقىدار تەكشۈرۈش قىلدۇرۇپ تۇرىشىڭىز كىرەك.
شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بىرىش
    ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدە تۇرۋاتقاندا ياكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، فىزىلوگىيىلىك جەھەتتە بەلگىلىك ئۆزگىرىش بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە بەزىبىر غەلىتە پۇراقلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇ مەزگىلدە تۇرۋاتقان ئاياللار، ئۆزىنىڭ شەخسى تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، كىسەللىك ۋىروسلىرىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم.
    ئاخىرىدا، خەلق ئارىسىدا تارقالغان، ھەيىز مەزگىلىدە يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ دىگەن قاراشقا كەلسەك، بۇنىڭغا ئىشىنىپ كەتمەڭ. پەقەت ئارشاڭغا چىلىنىدىغان ياكى ۋاننىغا چىلىنىپ يۇيۇنىدىغان ئىش بولمىسلا، ئادەتتىكىچە نورمال يۇيۇنۇشقا بولىۋىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号