ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
ئايالىڭىز سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشىمۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-03-04كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئەر كىشى ئۆمرىدە نۇرغۇنلىغان ئاياللارغا ئۇچرايدۇ؛ ئۇلارنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشىنى ئۇچرىتىدۇ، ئۇلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشىمۇ بار بولىدۇ. ئۇلار باشقىلارنى سۆيۈش ۋە باشقىلارنىڭ سۆيىشىگە ئىرىشىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىدۇ ھەمدە سىز ئىھتىياجلىق بولغان نەرسنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يىتىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان ھەمدە ئۆزى بىلەن بىرگە بىر ئۆمۈر قول تۇتۇشۇپ ھەمرا بولۇپ بىرگە ئۆتەلەيدىغان ئادەمنى تاپىدۇ.
    بىراق، تويلىشىشنىڭ ھەممىسىنىڭ، ئەڭ دەسلىۋىدە مۇھەببەتتىن باشلىنىشى ناتايىن؛ ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇھەببەت يىللار داۋامىدا خوراپ تۈگىشى ياكى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىش مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىرقى ئايالىڭىزنىڭ سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى بىر نىمە دىمەك تەس. ئايالىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىزمۇ ئەمەسمۇ، بۇ سۇئالغا نىسبەتەن، بەلكىم ھەر بىر ئەركىشىنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ جاۋابى بار بولۇشى مۇمكىن. مەن ئىلگىرى بۇ ھەقتە بىر نەچچە توي قىلغان ئەرلەرنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، تۆۋەندە ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە نىمىلەرنى دىگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقايلى.
لى ئەپەندىم، 32 ياش
    مەن ئۈچ قېتىم مۇھەببەتلەشكەن، قەلبىمگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكىنى بولسا ئىككىنچى قېتىملىقى، تا ھازىرغا كەلگۈچە، مەن ھەمىشە ئۇنى ئەسلەپ قالىمەن. ئايالىم بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن، ئۇنى چوڭقۇر ياخشى كۆرىمەن دەپ كەتكىلى بولمايدۇ؛ ئەمما بۇنداق ئايال كىشى، بىرلىكتە تۇرمۇش قۇرۇپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە ماس كىلىدۇ. تۇرمۇشىمىز گەرچە ئاددى-ساددا بولسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن مەنىلىك؛ شۇڭا باشقا ئاياللارنى ئويلاپمۇ يۈرمىدىم، كۆز ئالدىمدىكى رىئال تۇرمۇشنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارىدىم.
لىيۇ ئەپەندىم، 34ياش
    ھازىرقى ئايالىم بىلەن بالىنىڭ يۈزىسىدىن توي قىلغان. ئىككىمىز ئوتتۇرسىدا كۆپ مۇھەببەت يوق بولۇپ، بىر قېتىم ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، كىيىنچە ئاتا-ئانامنىڭ بېسىمىغا چىداپ بولالماي، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم. ئوتتۇرلۇقتا مۇھەببەت بولمىغان ئىكەن، ياخشى كۆرۈش ياكى كۆرمەسلىكمۇ تەبىئىلا مەۋجۇت بولمايدۇ. ئەمىلىيەتتە، مەن تۇنجى مۇھەببىتىمنى ئىزچىل كۆڭلۈمدە ساقلاپ كەلگەن، كىيىن ئۇنىڭ توي قىلغاندىن كىيىنكى كۈنلىرىنىڭ ئۇنچە ياخشى ئەمەسلىكىنى ئاڭلاپ، ئىككىلىنىپ قانداق تاللاش قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم.
گو ئەپەندىم، 30ياش
    ئايالىم بىلەن ئىككىمىز باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى ئارقىلىق تېپىشقان. مەن ئازراق تارتىنچاق كەلگەن بولۇپ، ئادەتتە گەپنىمۇ كۆپ قىلمايمەن، شۇڭا ئالى مەكتەپتىمۇ مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان؛ خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن بولسا، پۈتۈن زىھنىمنى خىزمەت ئۈستىگە قويغانلىقتىن، ئۆيدىكىلەر ئالدىغا چىقىپ ماڭا لايىق تۇنۇشتۇردى. ئەينى ۋاقىتتا ئايالىمغا بولغان بىرىنچى تەسىر يامان ئەمەس بولۇپ، بىز ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىمىزنى قالدۇرغاندىن كىيىن، بىريىلچە مۇھەببەتلىشىپ توي قىلدۇق. مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا قالغان ئۆمرۈمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشاپ ئۆتسەم دەيمەن؛ ئانامدىن قالسا، ئۇ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشى.
جوۋ ئەپەندىم، 35ياش
    ئايالىم ھەم مىنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم. ئىككىمىز بىر يۇرتتىن ھەم تولۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقداشلاردىن. ئالى مەكتەپ ئىمتاھانى بىرىپ بولغاندىن كىيىنلا، مەن ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلدىم. بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى مۇھەببەتنى دەبدەبىلىك دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەمما ھەرگىز ئاسانلىقچە ئۇنتۇپ كەتكىلى بولىدىغان ئەمەس. مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئۇنىڭدىن باشقا ئايال كىشىنى ياخشى كۆرمەيمەن، ئۇ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشىدۇر.
فاڭ ئەپەندىم، 31ياش
   مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشى ھازىرقى ئايالىم ئەمەس، بەلكى ئىلگىرىكى قىز دوستۇم. مەن بىلەن توي قىلغان ئايالىم بولسا، دادام بىلەن ئانام ئىتراپ قىلغان كىلىن؛ ئەينى ۋاقىتتا، دادام-ئانام ئىككىسى مىنى قىز دوستۇم بىلەن مەجبۇرى ئايرىۋەتكەن بولۇپ، ئۇ مەزگىللەردە مەن قىز دوستۇمنى ھەرقانچە ئىزدەپمۇ تاپالمىغان ئىدىم. مەن قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ئىچىگە چۆككەن ۋاقتىمدا، ئاتا-ئانام ھازىرقى ئايالىمنى ماڭا توي قىلىپ بەردى. ھازىر ئايالىم بىلەن مۇھەببەت يوق، جىنسىيەتمۇ يوق تۇرمۇش كەچۈرۋاتىمىز؛ ئەمىلىيەتتە مەن بۇنداق تۇرمۇشتىن ئاللبۇرۇن زىرىكىپ كەتتىم.
سۈن ئەپەندىم، 34ياش
    توي قىلىشتىن ئىلگىرى، مەن نۇرغۇن قېتىم مۇھەببەتلەشكەن؛ كىيىن ھازىرقى ئايالىمنى كۆرگەندىن كىيىن، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى مۇھەببىتىنى ئىزدەپ  تاپقاندەك بولدۇم. ئايالىم بىلەن ئىككىمىز توردا تۇنۇشقان بولۇپ، گەپ-سۆزلىرىمىز بىر يەردىن چىقاتتى. شۇڭا بىز ناھايىتى تىزلا يۈز كۆرۈشتۇق. ئۇ مەن ئارزۇ قىلغان ئايال كىشىدىن بولۇپ، مۇلايىم ئىدى ھەم ساختىلىق قىلمايتتى. ھازىر ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى، يەنە ئوماققىنە ئىككى بالىمىزمۇ بار. مىنىڭچە، چوقۇم ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بىلەن توي قىلىش كىرەك؛ چۈنكى، قىسقا ھىسابلانمايدىغان كىيىنكى يېرىم ئۆمرىدە، ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشى بىلەن بىرگە بولغاندىلا ئاندىن ئۆزىنى بەخىتىلىك ھىس قىلالايدۇ.
   بەخىت، خۇددى سۇ ئىچكەنگە ئوخشايدىغان بولۇپ، تاتلىق ياكى ئاچچىقىنى ئىچكەن ئادەمنىڭ ئۆزى بىلىدۇ. قالغان ئۆمرىڭىزدە، سىز قەدىرلەيدىغان ھەمدە سىزنى قەدىرلەيدىغان ئاشۇ ئادەم بىلەن بىرلىكتە، قالغان ئۆمرىڭىزنى بەخىت ئىچىدە ئۆتكۈزىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号