ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
ئەقىللىق ئاياللار بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەرلەرنى جەلىپ قىلىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-02-03كۆرۈلىشى : قېتىم
    مۇھەببەت دۇنياسىدا، ئەرلەر ئاياللارنى قوغلىشىش ئۈچۈن ھەر خىل ۋاستىلارنى قوللىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئاياللارمۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەرنى ئۇچراتقان ۋاقىتتا، ھەرخىل ئاماللارنى قوللىنىپ قارشى تەرەپنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋىلىشقا ئۇرىنىدۇ؛ بىراق، ئاياللار نىسبەتەن تارتىنچاق كىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئاساسى جەھەتتىن كۆڭلىنى قارشى تەرەپكە بىۋاستە ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ سىھرى كۈچىنى ئىشلىتىپ، قارشى تەرەپنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلغۇزماقچى بولىدۇ. ھەقىقى ئەقىللىق ئاياللار، ئەزەلدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر ئەركىشىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلمايدۇ، ئۇلار بەلكى تۆۋەندىكى تۆت خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.
گۈزەل ھۆسنى
    ئەرلەرنىڭ گۈزەل ئاياللارغا بولغان ئىنتىلىشى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. خوتۇن ئېلىشتا، ۋاپادار ھەم كۈيۈمچان خوتۇن ئېلىش كىرەك؛ كۆپ قىسىم ئەلەر تويلىشىش ئالدىدا، ۋاپادار ھەم كۈيۈمچان بىر ئايالغا ئۇچرىشىشنى ئويلىشىدۇ ھەمدە شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئىناق ئائىلە قۇرۇپ چىقىشقا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق، بىر ئادەمنى چۈشەنمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئەرلەر پەقەت ئۇلارنىڭى سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى گۈزەل چىراي، ھەرۋاقىت ئادەمنى زوقلاندۇرىدىغان بولۇپ، ھەتتا بەزىلەر، ئەگەر چىرايلىق بىر ئايال بىلەن توي قىلسام، كۈندە ئۇنىڭ ئىزاسىنى ئاڭلىساممۇ مەيلى ئىدى دەپ ئېيتىشىدۇ. بۇلاردىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، گۈزەل ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بولغان جەلپ قىلىش كۈچى ھەقىقەتەن بەك زور. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار ئەگەر كۆڭلى چۈشكەن ئەر كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىمەن دىسە، ئۇنداقتا ئۆزىنى ياخشى تۈزەپ ۋە ياساندۇرۇپ يۈرىشى كىرەك؛ چۈنكى، سىز پەقەت ئۆزىڭىزنى ياخشى ياساندۇرالىسىڭىزلا، سىزنىڭ ئوبرازىڭىز زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. ئەقىللىق ئاياللار، ئۆزىنىڭ گۈزەل سىرتقى قىياپىتى ئارقىلىق ئەرلەرنى جەلپ قىلىشنى بىلىدۇ.
لاتاپىتى
    گەرچە گۈزەل بولغان سىرتقى قىياپىتى ئىنتايىن مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما ئاياللارغا نىسبەتەن، ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ تاراپ تۇرىدىغان لاتاپىتىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ؛ چۈنكى، ھەرقانچە چىرايلىق ئايال كىشىمۇ، ئەگەر لاتاپىتى بولمىسا، ئۇنداقتا ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كۆڭلىنى ئۇتىۋالالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، گۈزەل ھۆسىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجى يوقايدۇ، ئەمما بىر ئايال كىشىنىڭ لاتاپىتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بارغانسىرى ئېشىپ بارىدۇ. ئاياللارنىڭ گۈزەل كەلگەن ھۆسنى، ئەرلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما گۈزەل چىراينىڭ ساقلىنىش ۋاقتى قىسقا.
    لاتاپەتلىك ئاياللار، گۈزەل چىرايغا قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇھەببىتىگە ئىرىشەلەيدۇ. چۈنكى، ئەرلەرنىڭ بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرۈشى، چىرايلىق بىر "لوڭقا" ئېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىر ئۆمۈر بىرگە ھەمرا بولۇپ ئۆتۈش ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئەرلەر ئۆزىنىڭ قەلبىگە ماسلىشالايدىغان بىر روھى جەھەتتىكى ھەمراھقا تېخىمۇ بەكرەك ئىھتىياجلىق بولىدۇ. ئۆزگىچە نازاكىتى بار بولغان، لاتاپەتلىك، گەپ-سۆزلىرى جايىدا بىر ئايال كىشى، ئەرلەرنىڭ چىن مۇھەببىتىگە ۋە ھۆرمىتىگە ئىرىشەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەقىللىق ئاياللار ئەزەلدىن تەشەببۇسكار بولمايدۇ، ئۇلار ئەكسىچە ئۆزىنىڭ لاتاپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.
مۇۋاپىق تۈردە ئاجىزلىق تەرەپلىرىنى ۋە تايىنىش ئىدىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ
    ئەرلەرنىڭ پىسخىكىسىدا بەلگىلىك دەرىجىدە چوڭ ئەرلىك ئىدىيىسى بار؛ ئۇلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايال كىشىنىڭ ئۆزىگە چوقۇنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە ئىھتىياجلىق بولغان ئاياللارنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش نىسبىتى تېخىمۇ بەكرەك يۇقىرى بولىدۇ. بەزى ئاياللارنىڭ خاراكتىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار ئەزەلدىن ئەرلەرگە ئاجىزلىق تەرەپلىرىنى ئىپادىلىمەيدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئەرلەرنىڭ چوڭ ئەرلىكى ئىدىيىسىنى قانائەتلەندۈرەلمەي، ھەمىشە ئۇلارغا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندەك تۇيغۇ بىرىپ قويىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ جەلىپ قىلالمايدۇ. شۇڭا، ئاياللار مۇۋاپىق تۈردە ئەرلەرگە ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەپ، مۇۋاپىق تۈردە ئەركىلەپ، ئەرلەرنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلسا، چوقۇنۇش نەزىرىدە ئۇلارغا قاراپ قويسا، ئۇنداقتا چوقۇم ئەرلەرنىڭ ھاياجانغا سېلىپ خۇشال قىلىۋىتىدۇ؛ بۇنىڭدا ئەركىشى ئۇ ئايال كىشىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ. ئەقىللىق ئاياللار، قانداق قىلىپ ئاجىزلىقىنى ۋە تايىنىشىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق، ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشنى بىلىدۇ.
مۇلايىم بولغان مىجەز-خارەكتىرى
    ئادەمنىڭ مىجەز-خارەكتىرى، ئۇنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ؛ كۈرىۋىلىشقا بولىدۇكى، مىجەز-خارەكتىر ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەرلەر مىجەزى مۇلايىم ئاياللارنىڭ جەلىپ قىلىشىغا تېخىمۇ ئاسان ئۇچرايدۇ. مۇلايىم ئاياللار كۆپىنچە چىقىشقا كىلىدىغان بولۇپ، باشقىلارنى تەڭلىككە قويمايدۇ؛ ئەرلەر بۇنداق ئاياللار بىلەن بىرگە بولسا، تەبئىلا خۇشاللىق ھىس قىلىدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەرلەر، ھەمىشە جىدەللىشىپ گەپ تالىشىپ ئۆتىدىغان ھازازۇل ئاياللارنى ياقتۇرمايدۇ. ھەقىقى ئەقىللىق ئاياللار، ئەزەلدىن تەشەببۇسكار بولمايدۇ، ئۇلار مۇلايىم مىجەزى ئارقىلىق ئەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号