ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
ئاياللار نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كىيىن قانداق تۇيغۇدا بولىدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-01-11كۆرۈلىشى : قېتىم
    نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى بارغانسىرى ئۆرلەپ كىتىپ بارغان ھازىرقى جەمئىيەتتە، ئاياللارنىڭ نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كىيىن قانداق ھىس-تۇيغۇلاردا بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
    مىنىڭ ئەتراپىمدا ئىككى ھەدەم بار، ئۇلارنىڭ نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كىيىنكى تۇرمۇشىنى تۆۋەندىكى بىر جۈملە سۆزگە يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىر ئادەم كۈن ئۆتكۈزۈش، ھەقىقەتەن بەك ئەركىن ئىكەن؛ ئاجراشقاندىن كىيىنكى ھەر بىر كۈندە، ئۇلار پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدۇ.
     ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى، باشقىلار ئۈچۈن ياشىماي ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغان كۈنلەر بەك ياخشى ئىكەن دىيىشىدۇ.
-1-
    ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭ ئىسمى مېي مېي، مىنىڭ دوستۇم شىياۋ جاۋنىڭ ئاپىسى. ئەينى يىلى ئۇ نىكاھتىن ئاجراشقان ۋاقىتتا، شىياۋجاۋ تېخى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى.
    مېي ھەدەمنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش سەۋەبىنى مەن ئىنىق بىلمەيمەن، بىراق مەن ئىلگىرى شىياۋجاۋدىن بىر سۇئال سورىغان: "سىزنىڭچە ئانىڭىز نىكاھتىن ئاجرىشىشتىن ئىلگىرى خۇشال ئۆتكەنمۇ، ياكى نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كىيىن خۇشال ئۆتتىمۇ؟"
    شىياۋجاۋ مۇنداق جاۋاپ بەردى: "ئاجراشقاندىن كىيىن، ئانام ھەركۈنى شۇنداق خۇشال ئۆتتى. ئۇ كوچا ئايلىنىش، دوستلىرى بىلەن ئوينىغىلى چىقىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ماڭا قارىغۇدەكمۇ ۋاقتى چىقىشمايتتى."
    مەن شىياۋجاۋدىن يەنە سورىدىم: "ئۇنداقتا، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا، سىزنىڭچە ئاجرىشىپ كەتكىنى ياخشىمۇ ياكى ئاجراشمىغىنىمۇ؟"
    شىياۋجاۋ بىردەم سۈكۈت قىلىپ تۇرغاندىن كىيىن، "ئاجراشقىنى ياخشى ئىكەن" دەپ جاۋاپ بەردى.
   مېي ھەدەمنىڭ نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كىيىنكى كۈنلىرىنى قانداق ياخشى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، شىياۋجاۋنىڭ دوستلىرىنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. مېي ھەدەم رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كىيىپ، قولىدا مال سېتىۋىلىش سومكىلىرىدىن نەچچىنى كۆتۈرگەن پېتى، چوڭ كوچىدىلا ھەر خىل شەكىللەرنى چىقىرىپ ئۆز ئوغلىنى سۈرەتكە تارتقىلى سالاتتى. بۇندىن باشقا، مېي ھەدەم يەنە ھازىر ياش بالىلاردا مودا بولۇۋاتقان دوۋ يىن ئوينايدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشنى خاتىرلەپ دوۋيىنغا چىقىراتتى، ئۇنىڭ قىلىقلىرى ھەم سۆز-ئىبارىلىرى، ئەمدى ياشلىق باھارىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان كىچىك قىزلارغا ئوخشاپ قالاتتى.
    شىياۋجاۋنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كىتىشتىن بۇرۇن، ئۇلار تولا جىدەللىشىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ئانىسى ئاچچىق يۇتۇۋالىدىكەندۇق؛ ئاجراشقاندىن كىيىن بولسا، دادىسى ۋە ئانىسى ئىككەيلەن شىياۋجاۋ ئۈچۈن ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزىۋەتمىگەن بولۇپ، ھازىر ئەگەر دادىسى بىرەر ئېغىز ياقمايدىغان گەپ قىلسا، ئانىسى ئاچچىق يۇتۇپ ئولتۇرماي بىۋاستىلا گەپ ياندۇرۇپ بىرىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا، مۇنداق بىر جۈملە سۆز ئىسىمگە كىلىپ قالدى: "نىكاھ تۇرمۇشىدا، يول قويۇپ چىداپ ئۆتۈپ كىتىشىڭىز، سىزنى بەخىتلىك قىلالمايدۇ، بالىڭىزنىمۇ بەخىتلىك قىلالمايدۇ."
    بۇ دۇنيادا ھېچقانداق بىر ئادەم سىزنىڭ چېكى يوق ھالەتتە يول قويۇپ، نىمە دىسە شۇنىڭغا ھە دەپ ئۆتىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ؛ ئەگەر سىز قارشى تەرەپ نىمە دىسە ماقۇل دەپ، ئۇنىڭغا يول قويۇپ كۈنۈپ ئۆتۈپ كىتىشنى تاللىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز تەقدىرنىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن قاقشاپ ئاغرىنماسلىقىڭىز كىرەك. سىز ئەگەر نىكاھ تۇرمۇشىدا قانچىكى يول قويۇپ، كەينىگە چىكىنىپ بىرىۋەرسىڭىز، سىز شۇنچە بەخىتلىك بولالمايسىز، شىياۋجاۋنىڭ ئانىسى مېي ھەدەم دەل مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەلگەن.
     ھازىر مېي ھەدەم قايتا توي قىلدى. ھازىرقى ئىرى ئۇنىڭغا بەكمۇ كۈيۈنىدىغان بولۇپ، ئىلگىرىكى ئىرىگە قارىغاندا مىڭ ياخشى ئىدى.
-2-
    باشتا تىلغا ئالغان ئىككى ئايالنىڭ يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى شىيۇ جۈەن بولۇپ، ئۇ ئانامنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەتدېشى، مۇناسىۋىتى ئادەتتىكىچە، ئەمما شىيۇ جۈەن ھەدەمنىڭ نامى بەك چوڭ. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، شىيۇ جۈەن ھەدەم ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن، تۇرمۇشىنى ھەددىدىن زىيادە ئەركىن ئازادە ئۆتكۈزگەنلىكىدە ئىدى.
    ئاجراشقاندىن كىيىن، شىيۇجۈەن ھەدەم ھەر كۈنى ئوخشىمىغان ئەلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۈستىگە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئۇچۇق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ، چىرايىغا نەپىس گىرىم قىلىپ، ئەتراپىدىكى كۈندە ئۆي ئىشىلىرى بىلەن ئالدىراش ئۆتىدىغان، ئاددى ساددا كەلگەن ئوتتۇرا ياشلىق ئائىلە ئاياللىرىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ھالەتتە يۈرەتتى.
    بۇ سەۋەپلىك، بەزىبىر ئەسلىدىنلا شىيۇ جۈەن ھەدەمنى تۇنۇيدىغان كىشىلەر ئۇنىڭ كەينىدىن ھەرخىل سۆز-چۆچەكلەرنى قىلىشقا باشلىدى: "شىيۇ جۈەن نىمە ئۈچۈن بۇنداق بولۇپ قالدى؟ ئۇ ئىلگىرى ئائىلىسىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان كۈيۈمچان ھەم ۋاپادار ئايال ئىدى، ھازىر نىمىشقا بۇنداق يېشىغا قاملاشمايدىغان ئۇچۇق نەرسىلەرنى كىيىپ غەلىتە يۈرىدىغان بولۇپ قالغاندۇ؟"
     شىيۇجۈەن ھەدەم ئاجرىشىشتىن ئىلگىرى قانچىلىك دەرىجىدە كۈيۈمچان ھەم ۋاپادار ئايال ئىدى؟ مەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى، كۆپ قسىم ئاياللار بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا يىتىشەلمەيتتى؛ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بولغان ۋاپادارلىقى ۋە كۈيۈمچانلىقى، يېقىن ئەتراپتا داڭقى بار ئىدى.
    ئۇ كۈندۈزلىرى ئىشقا بېرىپ تىرىشىپ ئىشلەيتتى، كىرىمىمۇ تۆۋەن ئەمەس ئىدى. ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن، بالىسغا قاراپ، قىيىنئاتا ۋە قېيىنئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۆي ئىشىلىرىنى قىلىپ ھەممىگە يىتىشىپ ئۈلگۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ قىلغان ھەر بىر ئىشى شۇنداق مۇكەممەل بولۇپ، ئىرىمۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئامراق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مەسىلە، شىيۇجۈەن ھەدەمنىڭ قېيىنئانىسى سەۋەپلىك چىققان ئىدى.
    شىيۇجۈەن ھەدەمنىڭ قېينىئانىسى ئۇنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق سەۋەپسىز ۋە ئاساسسىز ئۆچلۈك قىلىپ، ھەمىشە ئۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدەپ، ئۇنى تەڭلىككە قوياتتى. ئەگەر شىيۇجۈەن ھەدەم ئىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالسا، قېيىنئانىسى ئوتتۇرلۇقتا گەپ يۈگۈرتۈپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزماقچى بولاتتى.
    شىيۇ جۈەن ھەدەم ھەر قېتىمدا ئاچچىقىنى يۇتۇپ بەرداشلىق بىرىپ ئۆتۈپ كەتتى، ھەتتا ئائىلىسىنىڭ ئىناقلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، كىيىنچە بىرەر قۇر كىيىم سېتىۋىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى؛ لىكىن شۇنداق قىلىپ تۇرۇپمۇ، ئاخىرىدا يەنە قېينىئانىسى تەرپىدىن ھەيدەپ چىقىرىلدى.
    كىيىنچە، بەزىلەر ئۇنىڭدىن نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كىيىن قانداق تۇيغۇدا بولغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بەرگەن: "ھېچقانداق ئادەم سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى خوشال قىلىشتىن ۋاز كىچىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ، ئىرىڭىز ۋە قېيىنئانىڭىزمۇ ھەم شۇنداق."
-3-
    نىمىشقىكىن بىلمىدىم، مەن تۇيۇقسىزلا شىيۇجۈەن ھەدەمنى شۇنداق قالتىس ھىس قىلىپ كەتتىم. چۈنكى ئۇ ئاخىرى ھەقىقى ئۆزىنى تېپىپ، ئىلىگىرىكى كۈندە ئاچچىق يۇتۇپ ئۆتىدىغان كىلىنچەك ئوبرازىدىن قۇتۇلغان ئىدى.
    مىنىڭچە، نىكاھتىن ئاجراشقان ئاياللار ئەمىلىيەتتە، نىكاھ تۇرمۇشىدا جاپالىق ھالدا بەرداشلىق بىرىپ كىلىۋاتقان، تېخى نىكاھتىن ئاجراشمىغان ئاياللارغا قارىغاندا، مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئىنىق تۇنۇپ يىتەلەيدىغان، بەزىبىر بىئارامچىلىقلارنى لازىم بولغاندا كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلەيدىغان  كىلىدۇ. ئۇلار ھەم ئۈمىدنى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە قويسا بەخىتلىك بولالمايدىغانلىقىنى، ئادەم ئۆمرىدە پەقەت ئۆزىگىلا تايىنىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىنىق چۈشەنگەن بولىدۇ.
    سىز ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلمىسىڭىز، سىزگە يەنە كىم ياخشى مۇئامىلە قىلسۇن؟ بۇ يەردە ئېيتىلغان ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ماددى جەھەتتىن ئۆزىڭىزنى ياخشى كۈتۈش دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىدە ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ دىگەنلىكتۇر.
    ئاخىرىدا، بارلىق ئاياللارنىڭ ئۆي، ئىرىم، بالا دەپلا ئۆتىۋەرمەي، ئۆزىنىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر ئويلاپ قويۇشىغا تىلەكداشمەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号