ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » خانىم-قىزلار
فىرانسىيەلىك قىزلارنىڭ ياسىنىش جەھەتتىكى پەرھىزلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-27كۆرۈلىشى : قېتىم
   فىرانسىيەلىك خانىم قىزلار قانداق قىلىپ بۇنداق سىرلىق مودىلىق سۆلىتىگە ئىرىشەلەيدۇ؟ ئەگەر سىز ياسىنىش جەھەتتە ئازدۇر-كۆپتۇر فىرانسىيە ئۇسلۇبىدىكى سۆلەت يىتىلدۈرەي دىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بەلكىم، فىرانسىيىلىك قىزلار ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدىغان، "كىيىنىپ ياسىنىشتا سادىر قىلىشقا بولمايدىغان خاتالىقلاردىن" باشلىشىڭىز كىرەكتۇر.
زىيادە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كەيمەيدۇ
     Laberiane Ponton مۇنداق دىگەن: فىرانسىيىلىك ئاياللار مەڭگۈ ھەددىدىن زىيادە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كەيمەيدۇ؛ Lady Gaga كىيىۋالغاندەك ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىۋالغان فىرانسىيلىك ئاياللارنى سىز مەڭگۈ كۆرەلمەيسىز.
داڭلىق ماركا بەلگىسى ئۇچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىيىم كەيمەيدۇ
    Monogram دا داڭق چىقارغان دەۋردە، فىرانسىيەلىك ئاياللار ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتقان. Tokyobanhbao نىڭ دىيىشىچە، ئۇ داڭلىق ماركا بەلگىسى بار كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىدىكەن؛ ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەشەم كىيىملىرىنى كىيىش ئادەمنىڭ بىر خىل كىيىم كىيىش ئۇسۇلى بولۇپ، ماركىنىڭ داڭقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئەمەس ئىكەن.
زىننەت بۇيۇملىرىنى كۆپ تاقىۋالمايدۇ
    فىرانسىيەلىك قىزلارنىڭ، بىرلا ۋاقىتتا تاقايدىغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ئۈچتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ساندىكى زىننەت بۇيۇمى تاقاش، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ياسىنىشىنى بۇزۇپ تاشلايدىكەن.
گىرىمنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قېنىق قىلمايدۇ
    فىرانسىيەلىك خانىم-قىزلار قانچە مودا كىيىملەرنى كېيگەنسىرى، گىرىمنى شۇنچە سۇس قىلىدۇ؛ ئۇلار ئەزەلدىن كۆز-كۆز قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئاددىيلىقنى تەرغىپ قىلىدۇ.
مەقسەتلىك ھالدا %100 مۇكەممەللىك قوغلاشمايدۇ
    مۇكەممەل ھالەتكە يىتىش، ئەلۋەتتە ياخشى ئىش؛ ئەمما فىرانسىيىلىك ئاياللار ھەرگىز مەقسەتلىك ھالدا مۇتلەق مۇكەممەل بولۇشنى قوغلاشمايدۇ. Kenza Glaoui مۇنداق دىگەن: مەن بەزى قىزلارنىڭ بەزىدە پادىچىلار ئىشتىنى ئۈستىگە سۇزۇلۇشچان ئىلاستىكىلىق كالتە يوپكا كىيىۋالغانلىقىنى كۆرىمەن، مەن ئۇلارنىڭ نىمىشقا ئۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەيمەن، ئەمما مەن مەڭگۈ ئۇنداق كىيىنمەيمەن.
تىرە رەڭگىدىكى تور پايپاق كەيمەيدۇ
     Valentine Vanesseنىڭ دىيىشىچە، تىرە رەڭگىدىكى تور پايپاق، مودىكەشلەر ساھەسىدىكى ئەڭ ناچار بويۇم ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号