ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىشقا بولامدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-02كۆرۈلىشى : قېتىم
    نۇرغۇن ئاياللار بالىنى تۇغۇپ بولۇپ، تۇغۇتتىن قوپقاندىن كىيىنلا، ئەمدى ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولدۇم، بالامنى ئېلىپ ھەرياقلارنى ئايلىنىپ كەلسەم بولىدۇ دەپ قارايدۇ ھەمدە كۆپ قىسىم ئانىلار بوۋىقىغا ئاي توشقاندىن كىيىنلا، ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، ئاپتاپقا قاقلاپ بىرىدۇ ياكى ئۇنى بىللە ئېلىپ نەرسە-كىرەك سېتىۋىلىشقا چىقىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئەمدى ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى يەنىلا نىسبەتەن ئاجىزراق بولۇپ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلارنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىش ئازراق بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
     ئۇنداقتا يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قانچىلىك بولغاندا ئاندىن سىرتلارغا ئېلىپ چىقىشقا بولىدۇ؟
   نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى، ئەگەر زۈرۈرىيەت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىككى ئايلىق بولمىغۇچە سىرتلار ئېلىپ چىقماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ھاۋانىڭ بۇلغۇنىشىنىڭ بارغانسىرى ئېغىرلىپ مېڭىشىغا ئەگىشىپ، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى بۇلغانغان ھاۋا ۋە نامەلۇم باكتىرىيەلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، كسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەتىرى كۆپىيىپ بارماقتا. بولۇپمۇ بەدەن ساپاسى نىسبەتەن ئاجىز بولغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قارىتا، سىرتلارغا ئېلىپ چىقىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈش كىرەك.
     يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىشقا بولىدىغان مەزگىلى، ھەر قايسى پەسىللەردە ئوخشاش بولمايدۇ.
1. قىش پەسلىدە
    ھاۋا سۇغۇق بولغان قىش كۈنلىرىدە، بوۋاق ئىككى ئۈچ ئايلىق بولۇپ قالغان تەقدرىدىمۇ، ھېچبولمىغاندا، سىرتقا ئېلىپ چىقىدىغان قېتىم سانىنى بولسىمۇ ئازايتىش كىرەك؛ چۈنكى بوۋاقلار ئىللىق مۇھىتقا ئادەتلىنىپ قالغاچقا، سىرتقا چىققان ۋاقىتتا، سۇغۇق ھاۋا بالىلارنىڭ يۇمران كەلگەن نەپەسلىنىش سېستىمىسى ئارقىلىق ئۆپكە قىسمىغا كىرىپ، ئاسانلا ھۆتىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇندىن باشقا قىش كۈنلىرى باكتىرىيە ۋىرۇسلىرى كۆپىيىۋالىدىغان ھەمدە كىسەل كىشىلەرمۇ نىسبەتەن كۆپىيىپ قالىدىغان بولغاچقا، بوۋاقلار ئاسانلا يۇقۇملىنىپ كىسەل بولۇپ قېلىش خەۋپىگە ئۇچرايدۇ.
    ئەگەر يېڭى توغۇلغان بوۋاقنى قىش كۈنلىرى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىشقا توغرا كەلسە، چوقۇم بوۋاقلار ئۈچ ئايلىققا توشقان بولۇشى كىرەك. ئۈچ ئايلىققا توشقان بوۋاقلار، 100كۈن ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن ماسلىشىش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، ئەتراپتىكى تىمپىراتۇرا ۋە مۇھىتقا تەدرىجى تۈردە ماسلىشىشقا باشلايدۇ. سىرتقا چىقماقچى بولغاندا، ئانا ئاۋال بالىنى دەرىزە تۈۋىدە بىردەم تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇلار سىرتنىڭ تىمپىراتۇرسىغا ئازراق ماسلىشىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن چىقسا بولىدۇ؛ بۇنىڭدا تىمپىراتۇرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنىڭ بالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىشقا بولىدۇ. بۇندىن باشقا سىرتقا چىققاندا بالىنى چوقۇم باشتىن-ئاياغ قېلىن كىيىندۈرۈشى، ئەڭ ياخشىسى كىيىمنىڭ ئۈستىگە كۆپە ياكى كىچىك بىرەر ئەدىيال يۆگىۋىلىش كىرەك؛ ئەگەر ھاۋا سۈپىتى ناچار بولسا، ماسكا تارتىپ قويماق لازىم.
2. ياز پەسلىدە
     نۇرغۇن ئانىلار، ياز پەسلىدە ھاۋا ئىسسىق، بوۋاقنى بالدۇرراق سىرتلارغا ئېلىپ چىققاننىڭ زىيىنى يوق دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە، ھاۋا ئىسسىق بولغان تەقدىردىمۇ، بالا بىر يېرىم ئايلىق ۋاقىتتىن ئاشقاندا ئاندىن سىرتلارغا ئېلىپ چىقىش كىرەك. چۈنكى بالا ئايلىققا توشمىغان ۋاقىتتا، سىرتقى مۇھىتقا تېخى پۈتۈنلەي ماسلىشىپ بولالمىغانلىقتىن، ئەگەر ئۇنى بالدۇرلا سىرتقا ئېلىپ چىقساق، بەلكىم ناتۇنۇش كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ كىسەللىك ۋىرۇسلىرى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشى ياكى چۆچۈپ بىرىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا يەنە ياز كۈنلىرى قۇياش نۇرى بىرقەدەر كۈچلۈك كىلىدۇ، شۇڭا سىرتلارغا چىققاندا بالىلارغا ئاپتاپ توسۇش شەپكىسى كېيگۈزۈپ قويۇش، شامال كۈچلۈك ۋاقىتلاردا ئىمكان قەدەرر سىرتلارغا چىقماسلىق لازىم. ياز كۈنلىرى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىشتا، ئەڭ ياخشىسى ئەتىگەن سائەت 10-8 ئەتراپلىرىدا چىقىش لازىم؛ چۈنكى بۇ ۋاقىتتا قۇياش نۇرى ئۇنچە كۈچلۈك بولمايدۇ، قۇرت-ھاشارەتلەرمۇ نىسبەتەن ئاز بولىدۇ.
3. ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە
     كۈز ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدىكى كىلىمات نىسبەتەن ئىللىق بولغاچقا، بۇ مەزگىللەردە تۇغۇلغان بوۋاقلار ئىككى ئايلىق ئەتراپىدا بولغاندا سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئاپتاپقا قاقلاپ كالتسىي تۇلۇقلاپ بەرسەك بولىدۇ؛ ئانىلارمۇ يېقىن ئەتراپتىكى مەنزىرلىك جايلارغا بېرىپ تاماشا قىلىپ كەلسە بولىدۇ. بىراق ئانىلار شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كىرەككى، بالىلارنى ئېلىپ ئادەم كۆپ ياكى زىيادە ئاۋات يەرلەرگە بارماسلىق كىرەك؛ چۈنكى ئادەم كۆپ بولغاندا، بوۋاقنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش خەتىرىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈز ۋە ئەتىياز پەسلىدە شامال بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، ئەگەر گۈل گىياھلار بەك باراقسان ئېچىلغان جايلارغا بارغاندا، بۇنداق جايلارنىڭ ئەتراپىدىكى ھاۋا تەركىبىدە، گۈل چېڭى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدا بالىلارنىڭ نەپەسلىنىش سېستىمىسىنى غىدىقلاپ، ئۇلارنىڭ ئاسانلا گۈل چېڭى رىئاكسىيە قىلىدىغان بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    بالىلارنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىش، ئۇلارنىڭ كۆرۈش نىرۋىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ھەر خىل مەنزىرلەرنى كۆرسىتىش ۋە يۆتكىلىۋاتقان بۇيۇملارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ مىڭىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا قۇياش نۇرىغا قاقلاش ئارقىلىق، بوۋاقلارنى تەبىئى كالتسىيغا ئىرىشتۈرۈشكە بولىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بوۋاقلىرىنى بالدۇرراق سىرتقا ئېلىپ چىقىشنى ئويلىشىدۇ، ئەمما بوۋاقنىڭ زەخمىگە ئۇچراپ قېلىشى ياكى پايدىسىز تەسىرگە ئۇچراپ قېلىشىنىڭ ئالدىن ئېلىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ بەدەن ئەھۋالى، پەسىل مەزگىلى ۋە سىرتقى مۇھىت ئامىللىرىنى تۇلۇق ئويلىشىپ، ۋاقىتنى توغرا تاللاپ، ئاندىن ئۇلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىشى كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号