ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
بۇ 8 خىل بۇلغانغان ئانا سۈتىنى بالىلارغا بىرىشكە بولمايدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-12-01كۆرۈلىشى : قېتىم
    يېقىنقى يىللاردىن بويان، ئانىلارنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىنى ئۆز سۈتى بىلەن ئىمىتىپ بېقىش نىسبىتى بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ زرو كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشى ئاياللارغا ئانا سۈتىنىڭ ھەر خىل پايدىلىق تەرەپلىرىنى تۇنۇتقانلىق سەۋەبىدىن بولۇپلا قالماي، يەنە ئۈزۈلدۈرمەي چىقىپ تۇرغان سۈپەتسىز سۈت پاراشوكى ۋەقەلىرىمۇ ئۇلارنىڭ بالىسىغا تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولغان ئانا سۈتى ئىمىتىشىگە تۈرتكە بولدى.
    بىراق، سىز بەلكىم ئويلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن؛ بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ئالى سۈپەتلىك ئۇزۇقى بولغان ئانا سۈتىمۇ، بەزىدە بۇلغىنىش خەۋىپىگە دۇچار بولىدۇ.
    تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن 8 تۈرلۈك بۇلغانغان ئانا سۈتىنى بالىلارغا ئىمىتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.
1. دورىلاردىن بۇلغىنىش
    ئانىلار ئىستىمال قىلغان دورىلارنىڭ %80دىن ئارتۇق قىسمى ئۇلارنىڭ سۈتىگە ئۆتىدۇ. ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار دورا ئىچكەندىن كىيىن، بۇ ئۇلارنىڭ ئانا سۈتى تەركىبىدىكى دورىنىڭ مىقدارىنى يۇقىرى كۆرتۈرۋەتكەندىن سىرت، يەنە بەزى دورىلار ئانىلارنىڭ سۈتىنىڭ تەركىبىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى، گورمۇنلۇق دورىلار ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.
    ئۇنداقتا ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار ئاغرىپ قالسمۇ دورا ئىچمەسلىكى كىرەكمۇ، ياكى دورا ئىچكەندىن كىيىن چوقۇم بالىنى ئىمىتمەسلىك كىرەكمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار دورا ئىچىش كىرەك بولۇپ قالغان ۋاقىتتا، تۇغۇت بۆلۈم دوختۇرى ۋە بالىلار بۆلۈم دوختۇرىدىن مەسلىھەت سوراپ، دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىپ، دورا تەركىبلىرىنىڭ ئانا سۈتىگە ۋە بوۋاققا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشى لازىم.
2. ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ھالىتىدىكى ۋاستىلىق بۇلغىنىش
    ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلاردا زور دەرىجىدە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ئۇلارنىڭ ئانا سۈتىدە زەھەرلىك ماددىلار كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلارنىڭ بەدىنىدە، ۋىيتامىن B1 ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغاندا، ئانا سۈتى تەركىبىدە ناترىيلىق ئاتسېتون كىسلاتا، مېتىل گىلتسىرىن ئالدېگىد قاتارلىق ماددىلار پەيدا بولىدۇ؛ بوۋاقلارغا بۇنداق سۈتنى ئىمىتكەندە، بوۋاقلاردا زەھەرلىنىش كىلىپ چىقىشى، ھەتتا ئۆلۈم خەۋپى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار يىمەك-ئىچمەكنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى، قارىغۇلارچە ئۇرۇقلاش ئېلىپ بارماسلىقى كىرەك.
3. ھاراق تاماكىدىن بۇلغىنىش
    ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار تاماكا چەككەندە، تاماكا تەركبىدىكى نىكوتىن ئانا سۈتىگە ئۆتۈپ كىتىپ، بوۋاقلارنىڭ نەپەسلىنىش سېستىمىسىغا زىيانلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ. ھاراق ئىچىش بولسا، ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ ئانا سۈتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار ھاراق تاماكىنى قەتئى تاشلىشى لازىم ھەمدە باشقىلار تاماكا چەككەن مۇھىتتىمۇ تۇرماسلىقى لازىم.
4. يۇقىرى تۇز تەركىبلىك يىمەكلىكلەردىن بۇلغىنىش
    ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلار تۇزۇلۇق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى چوقۇم كونتىرول قىلىشى كىرەك؛ چۈنكى ناترى ماددىسىنىڭ ئارتۇق مىقداردا قوبۇل قىلىنىپ مىتابولىزىملىنىشى، بوۋاقنىڭ بۆرىكىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۋىتىدۇ.
5. مۇھىتتىن بۇلغىنىش
    ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلار ئۇزۇن مۇددەت زىيانلىق ماددىلار بىلەن ئۇچراشسا، مەسىلەن خىزمەت مۇھىتىدا قوغۇشۇن ۋە سىمابتىن بولغىنىش ئېغىر بولسا، ئۇنداقتا بۇمۇ ئانا سۈتىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.
    ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار چېچىنى بۈرە قىلماسلىقى ۋە بويىماسلىقى، ئىمكان قەدەر ئاز گىرىم قىلىشى كىرەك؛ بولۇپمۇ ئاقارتىش تۈرىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى، لەۋ سۇرۇخى، تىرناق لاكى قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەسلىكى كىرەك.
6. كەيپىياتتىن بۇلغىنىش
    ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار ئاچچىقلىنىپ قالغان ۋاقتىدا ئاجرىلىپ چىققان ئانا سۈتى بوۋاقلارنىڭ تېنىگە زىيانلىق كىلىدۇ. ئامرىكىلىق ئەيمار ئىسىملىك بىر بىئولوگىيە ئالىما مۇنداق بىر تەجىربە ئىشلىگەن: ئادەم ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا، ئادەم بەدىنى زەھەرلىك ماددا ئىشلەپچىقىرىدىغنا بولۇپ، بۇ خىل زەھەرلىك ماددا سۇنى بىنەپشەرەڭگە ئۆزگەرتەلەيدۇ ھەمدە چۆكمە ھاسىل قىلىدۇ. ئەيمار بۇ خىل "ئاچچىقلىنىش سۈيىنى" چاشقاننىڭ بەدىنىگە ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇپ باققان بولۇپ، نەتىجىدە ئۇزۇن مەزگىل ئۇرغاندا، چاشقاننى ئۆلتۈرۈپ قويۇشقا بولىدىكەن.
    شۇڭا ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار چوقۇم كەيپىياتىنى تەڭشەپ، ياخشى روھى ھالەتنى ساقلاشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك. ئەگەر ئاچچىقلىنىپ قالغان بولسا، بالىنى دەرھال ئىمىتمەي بەلگىلىك ۋاقىتتىن كىيىن ئاندىن ئىمىتىپ، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئانا سۈتى بىلەن بىللە بوۋاقنىڭ بەدىنىگە ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كىرەك.
7. باكتىرىيەدىن يۇقۇملىنىش
    دوختۇخانىلارغا بەزىدە، باكتىرىيەدىن يۇقۇملىنىپ ئىچى سۈرۈپ كەتكەن، ئىمىش مەزگىلىدىكى بوۋاقلار كىلىدۇ؛ بۇنداق كىسەل چوقۇم بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، كىسەللىك ۋىروسلىرى ئانا سۈتى ئارقىلىق بوۋاقنىڭ بەدىنىگە ئۆتكەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلار يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە كۆپرەك دىققەت قىلمىقى، زىيادە ئاچچىق، سۇغۇق ياكى پىشمىغان، مايلىق كەلگەن يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىقى، قەھۋە، قېنىق چاي، كولا قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىشى كىرەك،
8. ساقلاشتىن بۇلغىنىش
    ئىمىتىش مەزگىلىدىكى نۇرغۇن ئانىلار خىزمەت مۇناسىۋىتى ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى، ئانا سۈتىنى قاچىغا سېغىپ ساقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. بۇنىڭدىكى مەسىلە، بەزىدە ئەگەر ساقلاش ئۇسۇلى توغرا بولماي قالسا، بالىلارغا بۇزۇلۇپ قالغان "زەھەرلىك ئانا سۈتى" ئىچكۈزۈپ سالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号