ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
بالىڭىزغا پۇل ۋە مۈلۈك ئەمەس، بۇ ماھارەتلەرنى مىراس قالدۇرۇڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-07كۆرۈلىشى : قېتىم
   مۇنەۋۋەر بىر ئائىلىدە، مۇنەۋۋەر بولغان ئاتا-ئانىلار بالىسىغا 10 مو يەر ياكى 10 يۈرۈش ئۆي، 10 ماشىنا، ئون مىليۇن نەخ پۇل دىگەنلەرنى قالدۇرماي، بەلكى ئۆز سۆز-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، بالىسىغا تۆۋەندىكىدەك 10 تۈرلۈك ھاياتلىق ماھارىتىنى قالدۇرىدۇ.
1. بالىلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش جەھەتتە چېنىقتۇرۇش
    كۆڭۈل قويۇپ دىققەت بىلەن ئاڭلاش ھەقىقەتەن بەك مۇھىم.
   ھازىر نۇرغۇن كىشلەرنىڭ سەۋرچانلىقى كەمچىل بولۇپ، باشقىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ؛ ھەمىشە ئۆزىنىڭ دىگەنلىرىنى ئەڭ توغرا ھەم ھەممىدىن بەك داۋلىلىق دەپ قارايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن ئەھۋاللار ئاستىدا، ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ يالغۇز يۈرگۈزگەن مۇلاھىزىسى نۇرغۇن بىتەرەپلىمىلىككە تولغان بولىدۇ.
2. ھەمىشە، داۋاملىق، كۆپلەپ كىتاپ ئوقۇش
     داۋاملىق تۈردە كىتاپ ئوقۇپ تۇرۇش ئادىتى بولمىغان بالىلارنىڭ، كەلگۈسىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەرەققىيات كۈچى چوقۇم بولمايدۇ.
    داۋاملىق ئوقۇش ئادىتى ئادەتتە، ھەر خىل پارچە ۋاقىتلارنى بوش قويماي كىتاپ ئوقۇش، ۋە ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان ۋاقىتتىمۇ كىتاپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرقەدەر تىز بولغان ئوقۇش سۈرئىتى ۋە يىڭى ئوقۇغان مەزمۇنلاردىكى ھەر خىل ئۇچۇرلارنى تىز سۈرئەتتە ئىگەللەش ئىقتىدارى، ئەتراپىدىكى ھەمراھلىرى بىلەن كىتاپ ئوقۇش تەسىراتى ھەققىدە ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى بار بولۇشى لازىم.
     بالىلار كىتاپ ئوقۇشتىن باشقا، يەنە تور ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش ۋە ئەتراپىدىكى ھەر خىل ھەقىقى ئۇچۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئىگەللەش ئادىتىنىمۇ يىتىلدۈرۈش كىرەك.
3. ھەر قانداق ئادەم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولۇش
    ياخشى بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغاندا، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزگە سىڭىپ كىرىشكە ئامالسىز قالىدىغان بولۇپ، ئادەم بۇ سەۋەپلىك نۇرغۇنلىغان تەرەققىيات پۇرسەتلىرىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويىشى مۇمكىن. باشقىنى دىمىسەكمۇ، ئائىلە تەربىيىسى ئېلىپ بىرىش جەريانىدىكى، ئاتا-ئانا ۋە بالا ئوتتۇرسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
4. بەلگىلىك يېزىقچىلىق قابىلىيىتى بار بولۇش
     ياخشى بولغان يېزىقچىلىق ئىقتىدارى بولمىسا، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە خىزمەت جەھەتتىن كۆڭۈلدىكىدەك بىرەر تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىرىشىش ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ.
     يېزىقچىلىك ئىقتىدارى بولسا، ئىنتايىن ياخشى بولغان بىر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە تەشۋىقات ئۇسۇلى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
5. ئۆزىنىڭ تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ئۆزى ھەل قىلالايدىغان بولۇش
    ھازىرقى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى يالغۇز پەرزەنت بولۇپ، بۇنداق بالىلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بولمايدۇ؛ ئۇلار تاماق ئىتىپ كىر-قات يۇيۇشنى بىلمەيدۇ، چاق ئالماشتۇرۇشنى بىلمەيدۇ، لامپۇچكا ئالماشتۇرۇشنى بىلمەيدۇ، ئۆيدىكى جاھازە-سايمانلارنى سىرلاش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىشنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ...
     بۇ ھەرگىز ئىسىللىكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى بىلمىگەنلىكىڭىز، ئۆزىڭىز قول تىقىپ ئىش قىلىشنى بىلمىگەنلىكىڭىزنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇ سىزنىڭ ئىدىيىڭىزنىڭ خېلىلا ئارقىدا قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
    مۇستەقىل ھالدا مەسىلىلەرگە يۈزلىنىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى، ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ھەر بىر ئادەم چوقۇم ھازىرلاشقا تىگىشلىك ھاياتلىق ئىقتىدارى؛ ئۇ يەنە ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش ۋە كەسىپ جەھەتتە چوقۇم ئىگىلەشكە تىگىشلىك ئەڭ ئاساسى بولغان ئىقتىداردۇر.
6. بالىلارنىڭ كەسكىن ھەم ئىھتىياتچان مىجەز-خارەكتىرىنى يىتىلدۈرۈش
     كەسكىن ھەم ئىھتىياتچان بولغان مىجەز-خارەكتىر، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشى، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە زوقلىنىشىغا سازاۋەر بولۇشىدىكى ئەڭ ئاساسى بولغان خارەكتىردۇر.
    ھازىرقى ھەقىقى ئەھۋال بولسا، بۇ خىل مىجەز-خارەكتىرگە ئەھمىيەت بىرىدىغان ھەم ئۇنىڭغا ئىتىبار بىلەن قارايدىغان ئادەملەر بارغانسىرى ئازلاپ كىتىپ بارماقتا؛ ئەمما باشتىن-ئاخىرى ئىھتىياتچان ھەم كەسكىن مىجەز-خارەكتىرىنى ساقلاپ كىلەلىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دەۋرنىڭ سەركىلىرىگە ئايلانغان.
7. ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى بىلىش
     كونىلار بىزگە ئاللىبۇرۇن ئېيتقان: "ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت كۆرىسەن، ئىززەت قىلساڭ ئىززەت تاپىسەن". بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ مەنىسى ناھايىتى ئىنىق؛ يەنى بىز باشقىلارنى ھۆرمەت قىلغان ۋاقتىمىزدىلا ئاندىن باشقىلارنىڭمۇ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايمىز. بۇندىن باشقا يەنە ئۆزىمىزنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى ھەر دائىم تەكشۈرۈپ تۇرىشىمىز، خاتالىق بولسا تۈزىتىپ تۇرىشىمىز لازىم.
8. مۇھىت ئاسراش ئىدىيىسى بار بولۇش، كىيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن مۇكەممەل بولغان يەر شارى قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش
     ھازىر نۇرغۇنلىغان پۇلدار، ھوقۇقدار، نام-ئابرويلۇق كىشىلەر، ئۆزىنىڭ شەخسى تۇرمۇشىنىڭ راھەت-پاراغەتتە ئۆتىشىنى قوغىلىشىش جەريانىدا، ھەمىشە مۇھىت ئاسراش ئۇقۇمىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ياكى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ.
    مەسىلەن، بىر يۈرۈش ئۆينى بىزىگەن ۋاقىتتا، بىز قانچىلىك ياغاچ ماتىرياللىرى ئىشلەتتۇق؟ بۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە قانداق بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ؟ ئائىلە تىياتىرخانىسى، ئائىلە مۇزىكا كۇلۇبى دىگەنلەرنى ئورناتقان ۋاقتىڭىزدا، سىز بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ئاۋازىنىڭ خوشىنىلىرىڭىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ، شاۋقۇن-سۈرەندىن بۇلغىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغىنىنى ئويلىشىپ باققانمۇ؟
9. ئەتراپىدىكى ئادەملەرنى تەربىيىلەش ۋە يىتىشتۈرۈش
   ئادەم ئۆگىنىش، ئوقۇش دىگەنلەرنى ئۆزى بىلىپلا قالماي، يەنە ئەتراپىدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلدۈرۈپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆگىنىش ماھارىتىنى بىلىش كىرەك. بۇنىڭدا ئۆزىمىزنىڭ ئۆزلۈكسىز تۈردە ۋە چوڭقۇرلىغان ئاساستا ئۆگىنىشىمىزگە كۆڭۈلدىكىدەك بىر مۇھىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ.
10. سىرتقى مۇھىت بىلەن دوستانە ھالەتتە ئۇچرىشىش
     سىرتقى مۇھىتنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇش، يىڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇش، يىڭى نەرسىلەرنى بايقاش ۋە ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇش ھەمدە بۇلارنى ئۆزلۈكسىز تۈردە قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار، ھازىرقى دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر خىل ئىقتىدارى بولۇپ، بۇ يەنە جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىنىڭ مۇھىم بىر ئىپادىسىدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号