ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاشپەز تور بېكىتىگە بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ئاشپەز تورى

ساغلاملىق

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق  » ئانا-بالىلار
ھامىلدار ئاياللاردا تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولۇشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-03كۆرۈلىشى : قېتىم
ھامىلدار ئاياللاردا تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولۇشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى
    تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولۇش، ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇزۇقلۇق كەمچىل بولۇش مەسىلىلىرىنىڭ بىر بولۇپ، ئۇ ئېغىر دەرىجىدە تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولغاندا كىلىپ چىقىدىغان تۆمۈر كەملىك خارەكتىرىدىكى قان ئازلىق كىسىلى بىلەن بىللە، ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ. ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، تۆمۈر كەملىك خارەكتىرىدىكى قان ئازلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مۇمكىنچىلىكى، باشقا نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، تىببى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدىكى ھامىلدار ئاياللاردا تۆمۈر كەملىك خارەكتىرىدىكى قان ئازلىق كىسىلى كۆرۈلۈش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى ئىكەن، بەزى جايلاردا ھەتتا %50 ئەتراپىغا يىتىپ قالىدىكەن.
   ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى ۋە ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىنىڭى ئىھتىياجى سەۋەبىدىن، كۈندىلىك يىمەكلىكىدە چوقۇم يىتەرلىك مىقداردا تۆمۈر ماددىسى قوبۇل قىلىشى كىرەك. ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يىمەكلىكلەردىن كىلىدىغان ئۇزۇقلۇق يىتىشمىسە، ئۇنداقتا ھامىيلە بىۋاستە ئانىسىنىڭ بەدىنىدە ساقلانغان ئۇزۇقلۇقنى سۈمۈرىدىغان بولۇپ، بۇ ئانا تېنىدىكى تۆمۈر ئۇزۇقلۇق ماددىسىنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ھامىلدار ئايالنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەزىبىر تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللاردا تۇغۇتتىن كىيىن كۆرىلىدىغان خامۇشلىشىشمۇ، ھامىلدار ۋاقىتتىكى تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
    ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدە ئۇزۇن مۇددەت ئۇزۇقلۇق كەمچىل بولۇش، جەزمەن ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە نىسبەتەن يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان تۆمۈر كەملىك خارەكتىرىدىكى قان ئازلىق كىسىلىمۇ، بوۋاق مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغۇلۇپ قالىدىغان، بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە يىنىك تۇغۇلىدىغان، ئۆلۈك تۇغۇلىدىغان ياكى تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كىتىدىغان قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كىلىپ چىقىش خەۋپىنى يۇقىرى كۆتۈرۋىتىش مۇمكىنچىلىكى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدار ئاياللاردا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى كىلىپ چىقسا، بۇ ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھامىلدار ئاياللاردا تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى
     تۆمۈر ماددىسى، ئادەم بەدىنى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم خام ئەشيالارنىڭ بىرى بولۇپ، ھامىلدار ئاياللاردا تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولسا، ھامىلدار ئاياللاردا يۈرىكى ئېغىپ نەپەس قىستاش، باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، ئۇ يەنە قورساقتىكى ھامىيلىگە قارىتا، بالىياتقۇ ئىچىدە ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك، ئۆسۈپ-يىتىلىشى ئاستا بولۇش، تۇغۇلغاندىن كىيىن ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش، تۇغۇلغاندىن كىيىنكى 6 ئاي ئىچىدە ئاسانلا ئۇزۇقلۇق ۋە تۆمۈر كەملىك خارەكتىرىدىكى قان ئازلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالدا تۆمۈر كەملىك خارەكتىرىدىكى قان ئازلىق كىسىلى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ تۇغۇتىدا ھەرخىل ئەگەشمە كىسەللىكلەر كۆرۈلۈپلا قالماي، بۇنىڭ ھامىيلىگە بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ؛ مەسىلەن، ھامىيلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆسۈپ-يىتىلىشى ئاستا بولۇش، تۇغۇلۇش بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە تۆۋەن بولۇش، مۇددەتتىن بورۇن تۇغۇلۇش، ئۆلۈك تۇغۇلۇش، تۇغۇلۇپ ئۇزۇنغا بارماي ئۆلۈپ كىتىش قاتارلىقلار؛ بۇلاردىن باشقا، يەنە ھامىيلىنىڭ ئىممونىت سېستىمىسىنىڭ يىتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار ئۆزىنىڭ ۋە قورساقتىكى ھامىيلىنىڭ تۇغۇتتىن كىيىنكى قان ياساش فونكىسىيىسىگە كىتەرلىك بولغان زاپاس تۆمۈر ماددىسىنى يىتەرلىك تەييارلاش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەلگىلىك مىقداردا تۆمۈر ماددىسى تولۇقلىشى ئىنتايىن زۈرۈر بولىدۇ.
ھامىلدار ئاياللار تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاشتا،مىقدارنى قانداق كونتىرول قىلىشى كىرەك؟
   ھامىلدار ئاياللار پۈتكۈل ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تەخمىنەن 1000مىللىگىرام ئەتراپىدا (ھامىلدار ئەمەس ئاياللارغا قارىغان %20-%15 ئەتراپىدا ئارتۇق) ئۇزۇقلۇق تۆمۈر ماددىسىغا ئىھتىياجلىق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھامىيلىگە 500-400مىللىگرام ئەتراپىدا، بالا ھەمرىيىگە 100-60 مىللىگىرام ئەتراپىدا، بالىياتقۇغا 50-40 مىللىگىرام ئەتراپىدا، ئانا تېنىدىكى قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ كۆپىيشىگە 500-400 مىللىگىرام ئەتراپىدا، تۇغۇتتىكى قان مېڭىپ كىتىش تەييارلىقى ئۈچۈن 200-100 مىللىگىرام ئەتراپىدا ئىھتىياجلىق بولىدۇ.
    يۇقىرىدا گەرچە ھامىلدار ئاياللار ئىھتىياجلىق بولىدىغان ئۇزۇقلۇق تۆمۈر ماددىسى مىقدارى ئىنىق سان-سىفىرلار بىلەن كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەربىر ھامىلدار ئايالنىڭ كونكىرتنى ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدىغان بولغاچقا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ يەنىلا دوختۇخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، مەخسۇس دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە مەسلىھەتى بويىچە ئۇزۇقلۇق تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر .ئاقتاش گۇللىكى 6-قەۋەت i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号白玉华庭B座601室

Copyright (c)2009-2018 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号